غۇلجا بايكۆلدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 4 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

0:00 / 0:00

خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىسىدا يەر تالىشىش داۋاملىشىۋاتقان بايكۆل دېھقانلىرى ئالدىنقى كۈنى 8 مو ئۈزۈملۈكنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەن 4 نەپەر خىتاي شوپۇرنى 3 دانە توپا توشۇش ماشىنىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇۋېلىپ 24 سائەت گۆرۈگە ئالغان.

بۇ جەرياندا دېھقانلار خىتاي ئىشچىلاردىن 8 مو ئۈزۈملۈككە تۆلەم تۆلەشنى ۋە ياكى توپا بىلەن تىندۇرۇۋېتىشنى بۇيرۇغان باشلىقنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ۋەقەگە ساقچى ۋە كادىرلار ئارىلىشىپ مەسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە يازما ۋەدە بەرگەندىن كېيىن دېھقانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان شوپۇر ۋە ماشىنىلارنى قويۇپ بەرگەن.

مۇخبىر: نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ بايكۆلدە، يەر تالاش-تارتىشى ھەققىدە.

تۇرغۇن تۇرسۇن: چوڭ ئىش بولۇپ كەتتى، ئالدىنقى كۈنى قوشنام تۇرغۇن قۇرباننىڭ 8 مو ئۈزۈملۈكىنى بۇزۇۋەتكەنىكەن، ئۈستىگە سۇ تۆكۈپ، قوشنام ئۇلارنى نەق مەيداندا تۇتۇۋاپتۇ. قوشنام مەھەللە-كوي بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ماشىنىسى بىلەن قوشۇپ قويۇپ بەرمەي تۇتۇپ تۇرۇۋېلىپ، يېزىدىكىلەر ئارىلىشىپ خەت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن قويۇپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى سىلەرگە مەلۇم قىلايلى دەپ تۇراتتۇق، قوشناممۇ بار يېنىمدا.

مۇخبىر: ئەمىسە قوشنىڭىزغا بېرىڭ، ئۆزى بىلەنلا سۆزلىشەيلى.

تۇرغۇن قۇربان: يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېتىزلىققا چىقسام، 9 مو ئۈزۈملۈكۈمگە توپا تاشلاۋېتىپتۇ، قۇرۇلۇشنىڭ دىگۇڭ ئويۇپ چىقارغان توپىلىرىنى؛ ئۈزۈملۈكنىڭ يېرىمىنى بىتچىت قىلىۋېتىپتۇ؛ بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىقلار بولغان، ئەمما تۇتالمىغان، بۇ قېتىم بېرىپلا ماشىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تارتىۋالدىم ۋە مىدىرلاشما جايىڭدىن، دەپ بۇيرۇق قىلدىم.

مۇخبىر: قانچە كىشىكەن ئۇلار؟

تۇرغۇن قۇربان: ماشىنىنىڭ شوپۇرلىرى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇپ 4 نەپەر.

مۇخبىر: ئۇلارنى تۇتۇۋالغاندا نېمە دەپ تۇتۇۋالدىڭىز؟

تۇرغۇن قۇربان: ياكى ئۈزۈملۈكنى تۆلەيسىلەر، ياكى ئۈزۈملۈككە توپا تۆكۈشنى بۇرىغان باشلىقنى تېپىپ بېرىسىلەر دېدىم؛ ئۇلار دېگىلى ئۇنىمىدى. ئۇناشمىساڭ، 10 كۈن مۇشۇ يەردە تۇرۇشىسەن دېدىم.

مۇخبىر: ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتمىدىمۇ؟

تۇرغۇن قۇربان: باشتا ياندى، ئۇ چاغدا مەن يالغۇز ئىدىم، كېيىن ئىنىلىرىم كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن كەچكەنلەر توپلىنىپ ئادەم جىقىيىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن جىمىقتى. ئارىلىقتا پەيچۇسونىڭ كەلدى. ئۇلارمۇ ئۈزۈملۈكنى كۆرۈپ «ھەممىڭ جىم تۇرۇش، جېدەللەشسەڭ، ھەر ئىككى تەرەپنى تۇتۇپ كېتىمەن، دېدى. ئۇيغۇر ساقچى ئىدى، ھەم ماشىنىنى مىدىرلاتما، توپىنى تۆكۈۋەتمە دەپ قويۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىدىن يېزا ۋە كەنتنىڭ مەسئۇللىرى كەلدى. ئۇلار كېلىپ بۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشى توختاپ قالىدۇ، دەپ ماڭا خىزمەت ئىشلىگىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ گېپىنىمۇ رەت قىلدۇق. ئاخىرى ئۇلار «مەسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەن رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ھەل قىلىپ بېرىمىز» دەپ يازما ۋەدە بەردى، ئاندىن قويۇۋەتتۇق.

مۇخبىر: قانچە كۈن تۇتۇپ تۇرغان بولدۇڭلار؟
تۇرغۇن قۇربان: بىر كېچە، بىر كۈندۈز.

يۇقىرىدا غۇلجا بايكۆلدە يۈز بەرگەن 4 نەپەر خىتاي شوپۇرنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى تەرىپىدىن 24 سائەت گۆرۈگە ئېلىنغانلىق ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.