بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوكتا بايان قىلىنىشىچە، خوتەننىڭ تۇسۇلا يېزا پەيشەنبە بازىرىدا خىتاي ساقچىلىرى ئاممىغا قارىتىپ ياش ئاققۇزغۇچى بومبا ئاتقان، ئەتراپتىكى كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلار بەلگىلىك دەرىجىدە زەخىملەنگەن.
ئەمما فېيسبوكتىكى بۇ ئۇچۇردا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مۇخبىرىمىز بۈگۈن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن خوتەننىڭ تۇسۇلا ساقچىخانىسى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.
ساقچىلار مۇخبىرىنىڭ سوئالىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق، ۋەقەنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئاھالىلەردىن بىرى، بۈگۈن پەيشەنبە بازاردا ساقچىلارنىڭ رەسمىيەتسىز موتسىكلىتلارنى يىغىش جەريانىدا ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ قورشاۋدا قالغانلىقىنى ۋە ئاممىغا ياش ئاققۇزغۇچى بومبا ئېتىش ئارقىلىق قورشاۋدىن قۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بىز ئاۋۋال خوتەننىڭ تۇسۇلا يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.
خادىم : تۇسۇلا ساقچىخانىسى!
مۇخبىر: تۇسۇلادا ھازىر ۋەزىيەت قانداق؟
خادىم: مۇشۇ سوئالىڭىزنى باشلىقىمىزدىن سوراڭ، تېلېفوننى مۇئاۋىن سوجاڭغا بەردىم.
مۇخبىر: سىز مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقىمۇ؟
خادىم: ھە، مەن شۇ.
مۇخبىر: بۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە باردىڭىزمۇ؟
خادىم: ياق. مەن بارمىدىم.
مۇخبىر: بۈگۈن پەيشەنبە بازاردا يۈز بەرگەن نېمە ۋەقە ئۇ؟
خادىم: بىلمەيتىمەن.
مۇخبىر: ۋەقە بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسمۇ ياكى سىزنىڭ ۋەقەدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟
خادىم: بۇ سوئالنى غەيرەت سوجاڭدىن سوراڭ.
مۇخبىر: غەيرەت، بۈگۈن پەيشەنبە بازاردا يۈز بەرگەن نېمە ۋەقە ئۇ؟
خادىم: ھېچ ۋەقە يۈز بەرمىدى، ئىچىپ-ئويناپ يۈرۈپتىمىز مانا.
مۇخبىر: موتسىكلىتچىلار بىلەن ئاراڭلاردا بىر ئىش بولمىدىمۇ؟
خادىم: نېمە؟ نېمە دېدىڭىز؟ مەن ئاڭلىيالمىدىم، نېمە بولدى بۇ تېلېفون....
مۇخبىر: گەپ قىلىڭ، مەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاۋاتىمەن، سىزمۇ ھازىر ئاڭلىيالاۋاتتىڭىز......
خادىم: ۋەي، ۋەي.......
بۈگۈن پەيشەنبە بازاردا نەق مەيداندا بولغان ۋەقەنى كۆرگەنلەردىن بىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىر: بۈگۈن پەيشەنبە بازاردا ۋەقە يۈز بەرگەندە سىزمۇ بارمۇ؟
ئاھالە: بار، مېنىڭمۇ موتسىكلىتىمنى تارتىپ ئەكېتىپ، جەرىمانە تۆلەپ ئېلىپ كەلدىم.
مۇخبىر: ۋەقە شۇ موتسىكلىتلارنى تەكشۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ئوخشىمامدۇ؟
ئاھالە: شۇنداق، بۇ بازارغا بەك جىق ئادەم كېلىدۇ، ھەر پەيشەنبە ساقچىلار رەسمىيەتسىز موتسىكلىتلارنى تەكشۈرۈپ تۇتىدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلغان.
مۇخبىر: ساقچىلار ياش ئاققۇزغۇچى بومبا ئاتتى دەپ ئاڭلىدۇق، بۇ گەپ توغرىمۇ؟
ئاھالە: شۇنداق قىلماي ئامالى يوقتى، بولمىسا ئۇنچىۋالا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن قېچىپ چىقىپ كېتەلمەيتتى.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، ساقچىلار ئاممىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئوخشىمامدۇ؟
ئاھالە: شۇ، شۇنداق بولدى. موتسىكلىتلىرىنى تارتىپ ئەكىتىۋەرگەندىن كېيىن، موتسىكلىتنى ئالغىلى بارسا جەرىمانە قويۇلۇۋەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر غەزەپكە كېلىپ بولغان ئىش.
مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغان ياكى تۇتۇلغانلار بولدىمۇ؟
ئاھالە: ئۇ ئىشلارنى بىلىپ كېتەلمىدىم، موتسىكلىتىمنى خاپىلىقىدا.
مۇخبىر: ۋەقە پەيشەنبە بازارغا ماڭىدىغان يولدا يۈز بەردىمۇ، ياكى بازارنىڭ ئۆزىدىمۇ؟
ئاھالە: بازارنىڭ ئوتتۇرىدا.
يۇقىرىدا خوتەننىڭ تۇسۇلا يېزىسىنىڭ پەيشەنبە بازىرىدا ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا ماجىرا كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.