خىتاي مەخپىي تۇتقان يەنە بىر ۋەقە «9-فېۋرال يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمى» ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.02.27
kocha-charlash-qoralliq-saqchi-herbiy-qeshqer.jpg كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
AFP

خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى قەسەمياد يىغىنى ۋە ھەربىي كۈچ كۆرسىتىشلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بەزى مەنبەلەر، مەزكۇر جىددىي ھالەتنىڭ سەۋەبىنىڭ يالغۇز گۇما پىچاقلىق ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى، بۇ تۈردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە يېڭىسار ۋە غۇلجا قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن بىر مەكتۇپتا، مەزكۇر ۋەقەلەردىن بىرىنىڭ 10-فېۋرال كۈنى يېڭىسار دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، يېڭىسار دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ پالتىلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكى، 9-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە ئاز دېگەندە 4 كىشى ئۆلۈپ، بىر كىشى يارىلانغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.