يېقىندا كانادالىق بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىسى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلۇشۇنى ھۆددىگە بېرىش ئېلانلىرىنى تېپىپ چىقتى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يېڭىدىن بايقالغان لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رايوندىن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، خوتەن شەھەر ئىچىنىڭ ئۆزىدىلا 3 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقى ئەدلىيە ئىدارىسى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
جاڭ شاۋ ئىسىملىك كانادلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەسلەپتە قاغىلىقنىڭ تېتىر يېزىسىدا قۇرۇلۇشى پىلانلانغان يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ھۆددىگە بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ، ئۇنىڭ كەينىدىن يېڭىسارنىڭ قىزىل يېزىسىدا قۇرۇلماقچى بولغان بىر لاگېر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا سېلىنىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىر، ئەسلىھەلىرى بولسا سىنىپ، ياتاق، مۇنچا، ھاجەتخانا، مۇداپىئە تېمى ۋە سىم توسۇق دەپ كۆرسىتىلگەن؛ قۇرۇلۇشقا جەمئىي بىر مىليون 100 يۈەن مەبلەغ ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتا، قۇرۇلۇشنىڭ نامى «قىزىل قانۇن تۈزۈم تەربىيەلەش مەكتىپى»، ئورنى بولسا «قىزىل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېنى» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش پىلانى يېڭىسار ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ 55-نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن تەستىقلانغان.
ھۆججەتتە قۇرۇلۇشنىڭ چىقىمى قىزىل يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يۈكلەنگەن.
ھۆددىگەرلىك ئېلانى بۇلتۇر 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يېڭىسارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىز خادىملار تەرىپىدىن جاۋابسىز قالدۇرۇلدى.
ئوقۇغۇچى جاڭ شاۋ يەنە توقسۇ ناھىيەسى چىقارغان لاگېر قۇرۇلۇشى ئېلانىنىمۇ تېپىپ چىققان. ئېلاندا قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 12789 كۋادرات مېتىر، يەر ئۈستى، ئىككى قەۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلگەن؛ قۇرۇلۇشنىڭ نامى «بولسا توقسۇ ناھىيەلىك كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش مەركىزى» دېيىلگەن.
ئېلاندا بۇ قۇرۇلۇشقا 22 مىليون يۈەن خىراجەت ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئېلاندا دېيىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش پىلانى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ 2017-يىلى 49-نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن تەستىقلانغان.
ھۆججەتتە قۇرۇلۇشنىڭ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ھۆددىگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە خىراجەتنىڭ ناھىيە مالىيەسىدىن چىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزمۇ، تېلېفون يوللىرىنىڭ قىسلىقى ۋە باغلانماسلىقى، بولۇپمۇ ئۇچۇر چەكلىمىسىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن نەتىجىسىز قالدى.
ئوقۇغۇچى جاڭ شاۋ تىۋۋىتىردا ئېلان قىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلىرىدا، خوتەندىكى لاسكوي يىغىۋېلىش لاگېرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بارلىقى مەلۇم بولغان بۇ لاگېر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، خوتەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەدلىيە ئىدارىسى خادىمى خوتەن شەھەر ئىچىدىلا 3 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مۇخبىر: بۇ خوتەندىكى قايسى ئىدارە؟
خادىم: خوتەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى.
مۇخبىر: ھازىر شەھەر ئىچىدە تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزىدىن قانچىسى بار؟
خادىم: ئۈچ ئورۇندا بار.
مۇخبىر: بۇلاردا جەمئىي قانچىلىك ئادەم بار؟
خادىم: توختاپ تۇرۇڭ، ماتېرىيالغا بىر قارىۋېتەي.
خادىم شەھەر بويىچە لاگېرلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدا يېتىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا دەسلەپتە جاۋاب بېرىشكە ماقۇل كەلگەن بولسىمۇ، ئارقىدىن جاۋاب بېرىش نىيىتىدىن يېنىۋالدى.
0:00 / 0:00