ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلار بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى ھەممىدىن كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلار بولۇپ كەلمەكتە. بىلگىنىمىزدەك، نوپۇس جەھەتتە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بۇ جايلار بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، مۇقىملىق، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش تەدبىرلىرى ھەممىدىن كۈچلۈك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جايلاردۇر. بالىلىرىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق ئىنكاسى شۇكى، «بۇ جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ كۈچى پەقەت دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغان بولغاچقا، بالا ئوغرىلىرىغا پۇرسەت يارىتىلماقتا...»
شاياردىن 19-سېنتەبىردىن باشلاپ يوقاپ كەتكەن سۇمەييەنىڭ دادىسى ئىبراھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئالداپ كېتىلگەنلىكى ئېنىقلىنىپ، ھەتتا گۇماندار قولغا چۈشكەن بولسىمۇ، سۈمەييە ھازىرغىچە تېپىلمىغان، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئېتىنىمۇ تۈزۈك دەپ بېرەلمەيدۇ، تېخى كىچىك، بەكمۇ كىچىك، ساقچىلار ھازىر قولىدا ئىسپات تۇرۇپمۇ بالىنى تېپىشقا جىددىي ھەرىكەت قوللانمىغان. سۈمەييە تېپىلىدىغانلا بولسا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرۇۋاتقان بەختسىز ئاتىنىڭ «ياردەم قىلىڭلار، بالامنى تېپىشىپ بەرسەڭلار!!!..» دېگەن پەريادى رادىئومىزغا قەدەر كەلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلاڭلار.