«قانۇنسىز كىتاب» قا كۆز يۇمغان ئىككى ئۇيغۇر يېزا كادىرى 7 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.01.22
lager-yengisar-qeshqer.jpg سىم تىكەن بىلەن چۆرىدەلگەن لاگېر دەرۋازىسىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، يېڭىسار.
AFP

«قانۇنسىز كىتاب» قا كۆز يۇمغان يېزا باشلىقى ئابلىكىم مەتتۇرسۇن بىلەن بىرلىكسەپ كادىرى مەمەتئېزىز مەتتوختى 7 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن.

خوتەن ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مەتتۇرسۇن بىلەن مەزكۇر يېزىنىڭ بىرلىكسەپ خادىمى مەمەتئېزىز مەتتوختىنىڭ بىر قېتىملىق ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر ئائىلىدىكى ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي كىتاب» لارغا كۆز يۇمغانلىقى ئۈچۈن، يەنى ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلمىغانلىقى ئۈچۈن «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا بۇ ۋەقەنىڭ 2015-يىلى يۈز بەرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ئىككى خادىمنىڭ 5 يىلدىن بۇيان كېرىيە تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل يېزىسىدا2012-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئۆي تەكشۈرۈشتە يېزىدىكى بىر ئۆيدىن ھەج ئىبادىتىنىڭ تەرتىپ ۋە قائىدىلىرى ھەققىدە تۈزۈلگەن بىر كىتاب بايقالغان. ئۇ مەزگىلدە ھەج سەپىرىگە بەلگىلىك دەرىجىدە رۇخسەت قىلىنىۋاتقان ھەم ھۆكۈمەتمۇ ھەج ئۆمىكى تەشكىللەۋاتقان بولغاچقا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار مەزكۇر كىتابنى «قانۇنسىز كىتاب» لار قاتارىدا سانىمىغان. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكى يېزا باشلىقى ئابلىكىم مەتتۇرسۇن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە كىتابنىڭ مەزمۇنىدا ھېچقانداق بىر سەزگۈر تېما يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، كىتابنى ئۆي ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. ئەمما كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ ئالاھىدە ئىشلەنگەن بولۇشى، كىتاب نامىنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسىدە ھۆسنخەت بىلەن يېزىلىشى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي كادىرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە گۇمانىنى قوزغىغان.

2015‏-يىلى سامپۇل يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر قېتىملىق ئۆي تەكشۈرۈشتە مەزكۇر خىتاي خادىم يۇقىرىقى ئائىلىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈپ، 3 يىل ئاۋۋالقى كىتابنى ئۆي ئىگىسىدىن قايتا سورىغان. ئۆي ئىگىسى ھېچ ئىككىلەنمەستىن كىتابنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بۇ كىتاب «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال» لار قاتارىدا مۇسادىرە قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن 2012-يىلى بۇ كىتابنى يىغىۋالمىغان ۋە ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلمىغان مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ھەم يېزا باشلىقى ئابلىكىم مەتتۇرسۇن بىلەن بىرلىكسەپ خادىمى مەمەتئېزىز مەتتوختى «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن لوپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە بىرلىكسەپ خادىملىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككى خادىم سوراق ۋە تەكشۈرۈش داۋامىدا مەزكۇر كىتابنىڭ شۇ يىللاردىكى ئۆلچەمدە قانۇنسىز سانالمايدىغانلىقى، شۇڭا دوكلات قىلمىغانلىقىنى تەكرار-تەكرار چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇلارغا قارىتا تۇغۇلغان «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانىدىن ۋاز كەچمىگەن.

لوپ ناھىيەسدىكى بىر ئەدلىيە خادىمى سامپۇل يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كېسىۋېتىلگەن ئىككى كىشىدىن بىرىنىڭ بىرلىكسەپ كادىرى مەمەتئېزىز مەتتوختى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە مەمەتئېزىز مەتتوختىنىڭ 5 يىلدىن بۇيان كېرىيە تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كىتاب سەۋەبىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ خادىم كىتابنىڭ نامى ۋە ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ دېلوغا چېتىلىپ سامپۇل يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مەتتۇرسۇننىڭمۇ جازالانغانلىقىنى دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەر ئىككىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولغان بۇ ئىككى خادىم ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 ۋە 25 يىللىقتىن خىزمەت تارىخىغا ئىگە ئىكەن. ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلماسلىق، ئەكسىچە «ئىلغار خىزمەتچى» ۋە «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالىنىشتەك تارىخىمۇ سوتلىنىش جەريانىدا نەزەرگە ئېلىنمىغان.

2015‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇلار 7 يىللىقتىن كېسىلگەن. مەزكۇر ئەدلىيە خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ھەر ئىككى خادىم كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

2017-يىلى يىل بېشىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا شۇ چاغدا ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي بۇيۇم» لارنى يىغىۋېلىش دولقۇنىدا دىنىي كىتاب، جايناماز، تەسۋى قاتارلىق دىنىي بۇيۇملار ۋە ماتېرىياللار كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بۇيۇملارنى ساقلىغانلارنىڭ ياكى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلارنىڭ قانداق جازالانغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنمىغان ئىدى. ھېچقانداق سىياسىي ياكى مىللىي تېمىغا باغلانمىغان، پەقەت ھەج سەپىرى ھەققىدە ساۋات خاراكتېرلىك بىر كىتابنىڭ ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىنماسلىقىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر جازاغا ئۇچرىشى مەزكۇر كىتابلارنى ساقلىغانلارنىڭ بېشىغا قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەر كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىشارەتلەر بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.