«قاراقاش ھۆججەتلىرى» گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

0:00 / 0:00

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتى بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

19-فېۋرال كۈنى «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى «‹قاراقاش ھۆججەتلىرى› ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتى بىلەن توقۇنۇشتى» سەرلەۋھەلىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي زاتلارنىڭ گېرمانىيە ھەم ياۋروپانى خىتايغا قارشى قاتتىق سىياسەت قوللىنىشقا چاقىرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

17-فېۋرال كۈنى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىراقلا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا جامائىتى ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغاپلا قالماي، سىياسىي ساھەدىكى زاتلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى تارتقان.

ماقالىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابى ھېسابلىنىدىغان خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ماركۇس گرۈبېلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا دەرھال مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانلىقى بايان قىلىندى.

ماركۇس گرۈبېل مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قوبۇل قىلالمايمىز. ئىنسانلار ئېتىقادلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنماقتا، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر تەرەپلىرىنى نازارەت قىلماقتا. بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدىكى ھاياتتا ئىنسانىيلىق بولمايدۇ.»

گېرمانىيە مۇسۇلمانلىرى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئايمان مازيېك مۇنداق دېگەن «بۇ ھۆججەتتە خاتىرىلەنگەنلەر 21-ئەسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىدۇر». ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق «بۈگۈنكى زامان قۇللىرىنى ئېزىش ماشىنىسى» ياساۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە «مەن ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس قىلىۋاتىمەن، بەلكى بىز پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئىنتايىن زەئىپ ئىكەنمىز. بىز يۈز بېرىۋاتقان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقەتەنمۇ چارىسىز قالدۇق،» دېگەن.

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى ئومىد نۇرىپور جازا لاگېرلىرى ھەققىدە «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مەن يالغۇز گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋروپالىقلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ بۇ توغرىلىق ئىنتايىن ئېنىق پوزىتسىيەسىنى كۆرۈشنى خالايمەن،» دېگەن.

گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈدە يېنسېن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ياۋروپادا كونكرېت سىياسىي ھەرىكەت قوزغاش چاقىرىقىدا بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قەدەر زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىدا بىزنىڭمۇ بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىشنى ئويلىشىشى لازىم.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى سىياسەتچىلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

19-فېۋرال كۈنى يەنە «فوچۇس» خەۋەرلەر قانىلى «ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئەيىبلەش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ تەسىرى بىلەن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سىياسىي زاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغانلىقى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراشلىرىغا كۆز يۇمۇۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

18-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدىكى مەشھۇر گېزىتلەردىن بىرى بولغان «دۇنيا» گېزىتى «كۆز قاراشلىرى تەلەپكە لايىق ئۆزگەرمىسە، تەربىيەلەش داۋام قىلىدۇ» ناملىق ماقالىنى، «كۈندىلىك گېزىت» بولسا «ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە باستۇرۇش» ناملىق ماقالىنى، «ن-تۋ» تېلېۋىزىيە قانىلى «ھەر بىر سەۋەنلىك تۈرمىگە سولايدۇ. خىتاينىڭ ھەر كۈنى ئۇيغۇرلارنى جازالىشى ئادەتتىكى ئىش» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ ماقالە ۋە خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەرزىمەس ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى باھانە قىلىپ خالىغانچە تۇتۇپ قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى ياكى جازا لاگېرلىرىغا سولاۋاتقانلىقى، «ئىدىيە ئۆزگىرىشى تەلەپكە لايىق بولمىسا، تۇتقۇنلارنىڭ لاگېرلاردا تەربىيەلىنىشىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى»، كىمنىڭ قانچە مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقى، «تەلەپكە لايىق ئۆزگەرگەن» تۇتقۇنلارنىڭ ئەمدىلىكتە شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمىلەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، پۈتۈن بۇ پاجىئەلەرنىڭ 21-ئەسىردە دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئىنسانىيەتسىزلىك بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەلۋەتتىكى، بۇ ماقالە ھەم خەۋەرلەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارغا قىلغان «جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس. 1 مىليون ئۇيغۇر لاگېردا دېگەن گەپلەر 100 پىرسەنت ئىغۋا، ساختا خەۋەر» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان ۋە «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى دەلىللەرنىڭ ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى يوشۇرۇش ھىيلىسىنىڭ ئاللىقاچان ئاقمىغانلىقىنى، كۆپلىگەن پاكىتلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.