غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمى شائىر ۋە فىزىك قاسىم سىدىقنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.01.04
غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمى شائىر ۋە فىزىك قاسىم سىدىقنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۆپ قىزىقىش ۋە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان شائىر ۋە فىزىك قاسىم سىدىق ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Rahile Kamal teminligen

«مەن شۇنداق قاتىلغا ئامراق» قاتارلىق لىرىك شېئىرلىرى، «زوقلانغۇچىلار پىسىخولوگىيەسى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە «بوشلۇق نەزەرىيىسى» تېمىسىدىكى فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۆپ قىزىقىش ۋە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان شائىر ۋە فىزىك قاسىم سىدىق 4 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى

كۆزىتىشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017 ‏-يىلدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپلىگەن سەركىلەر قاتارىدا شائىر ۋە تەتقىقاتچى قاسىم سىدىقنىڭمۇ ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنلىرىدىن سېيماسى، تور بەت ۋە گېزىت-ژۇرناللاردىن ئىسمى غايىب بولغان ئىدى. غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، شائىر قاسىم سىدىقنىڭ2017 ‏-يىلى3-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلدى. ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، قاسىم سىدىق ئىلگىرىكى يىللاردا كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، 2017 ‏-يىل 4‏-ئايدا سابىق گۇماندار ۋە سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار خادىملار قاسىم سىدىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ سابىق تەھرىرى، شائىرە راھىلە كامالنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاسىم سىدىق غۇلجا شەھەر دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇزۇن مەزگىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىنكى يىللاردا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە مۇستەقىل تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. شۇ يىللاردا «بۇ كېچە» قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرى سەۋەبلىك كۆپ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان.

تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردا قاسىم سىدىق فىزىكا ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى پىكىر، يېڭى نەزەرىيەلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر ساھە كىشىلىرىنى تاڭ قالدۇرغان. ئەمما تەبىئىي پەن ساھەسىگە باش چۆكۈرۈپ كىرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنى سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردىن قوغداپ قالالمىغان. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، قاسىم سىدىقنىڭ بۇنىڭدىن 10-15 يىللار ئىلىگىرى يازغان شېئىر ۋە ناخشا تېكىتسلىرى سەۋەبلىك «مىللىي قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بىز قاسىم سىدىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇلارمۇ قاسىم سىدىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز قاسىم سىدىقنىڭ سابىق ئىش ئورنى دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىگە تېلېفون قىلدۇق. مەكتەپنىڭ خىتاي مۇدىرى مەكتەپتە نۆۋەتتە قاسىم سىدىق ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى يوقلۇقىنى بايان قىلدى، ئەمما ئۇ بىزنىڭ پېنسىيەگە چىققانلار ئارىسىدا قاسىم سىدىق دەپ بىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

راھىلە كامال قاسىم سىدىقنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئېلان قىلغان بىر تۈركۈم تەبىئىي پەنگە ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجادىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى شائىر قاسىم سىدىق ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن «تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيمىز» دېيىش ئارقىلىق شائىر قاسىم سىدىقنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك دەلىللىدى. ئەمما ئۇ قاسىم سىدىقنىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

شائىرە راھىلە كامال قاسىم سىدىقنىڭ ئۆزىدە ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرغان شىئىرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، ئۇنىڭ «مۈشكۈل» ناملىق شىئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

قىلىپ، دوق ئەي زۇلۇم كۆپلەپ،

يېشىمنى تۈكمىكىڭ مۈشكۈل.

بېسىپ يەلكەمنى تاغلارچە،

بېلىمنى پۈكمىكىڭ مۈشكۈل.

ئۆزۈڭگە بۇ ئايان ھەقتۇر،

رەقىبىڭنىڭ ھېسابى يوق.

دېمەك تەختىڭدە تەشۋىشسىز،

قاقاھلاپ ئۆتمىكىڭ مۈشكۈل.

جاھان ئوكيانلىرى چوڭقۇر

ئەمەستۇر شۇندىمۇ تەگسىز،

ئۆزىدىن ئۆزگىگە رەببىم،

ئۆمۈردىن بەرمىگەن چەكسىز،

زۇلۇم قىلمىشلىرىڭ نۇرغۇن

ھېسابى بار، بۇنىڭ شەكسىز.

ھېساپ دەپتىرىنى ئاچسام،

ئۆلۈمسىز پۈتمىگىڭ مۈشكۈل!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.