شائىر ۋە فىزىك قاسىم سىدىقنىڭ «خوتەنگە خەت» قاتارلىق شېئىرلىرى سەۋەبلىك 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

شائىر ۋە فىزىك قاسىم سىدىقنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭ «خوتەنگە خەت» ناملىق شېئىرى سەۋەپلىك تۇتۇلغانلىقى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە باشقا شېئىرلىرىدىنمۇ «قۇسۇر» تېپىلىپ، ئۇنىڭ 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار خادىملار شائىر قاسىم سىدىقنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى رەت قىلمىدى

ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي، خوتەن سېنى،

روھىم قۇچتى، قۇچمىدى بۇ تەن سېنى.

يېتىشمىگەن قاناتتا يېتەلمىدىم،

چېككىسىگە قىستۇرغاچ ۋەتەن سېنى.

. . . . . . . .

شائىر قاسىم سىدىقنىڭ ئەڭ دەسلەپتە تۇتۇلۇلىشىغا سەۋەپ بولغان ئۇنىڭ «خوتەنگە خەت» ناملىق شېئىرىدىن بىر پارچىدۇر.

گاھ ساماۋى چۈش كەبى جىلۋە قىلدىڭ،

جىلۋە قىلدىڭ، ئاشىقىي تەلۋە قىلدىڭ.

بىرنى بىر دەپ روھىمدا غەلۋە قىلدىڭ،

«جاھىل» لىقتا دورىغىم بار مەن سېنى.

ئۆتكەن ھەپتە شائىر قاسىم سىدىقنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شائىرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دوستلىرىدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، قاسىم سىقدىقنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە بىر قىسىم بىلىدىغان ۋە ئاڭلىغانلىرىنى مەلۇم قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، قاسىم سىدىق بىلەن زامانداش ۋە قەلەمداش بولغان بۇ كىشى قاسىم سىدىقنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، يەنى 18 ياش ۋاقتىدا يازغان بىر شېئىرى سەۋەپلىك ئەينى چاغدا 10 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

شىۋېتسىيەدىكى شائىرە راھىلە كامالمۇ قاسىم سىدىقنىڭ ياش مەزگىلىدە يازغان «ساندۇقتىكى قۇش» ناملىق شېئىرى سەۋەبلىك بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقانلىقىنى ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئىنكاسچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قاسىم سىدىق بۇ نۆۋەتلىك تۇتۇلۇشىدا لاگېردا بىر يىلچە ياتقاندىن كېيىن، 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. قاسىم سىدىقنىڭ ئۆمۈربويى رىيازەت چەككەن بىر تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ كىشى قاسىم سىدىقنىڭ بۇ قىسمىتىگە ئۇنىڭ تالانتى ۋە ھەققانىيەتچىلىكىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەقىقىي كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاسىم سىدىق شېئىرلىرىدا ئىجتىمائىي ئەخلاق نۇقتىسىدا دۇرۇستلۇقنى، مىللىي خاراكتىر جەھەتتە جەڭگىۋارلىقىنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ «خوتەنگە خەت» ناملىق شئېىرىدا بۇ نۇقتا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن.

بىرنى ئىككى دەڭ دېسە، دېمەيدىغان،

بۇ نىجىسنى يەڭ دېسە، يېمەيدىغان.

ھەممىنى ئادىل تۇرۇپ ئۆلچەيدىغان،

ئەھلى ۋىجدان خۇش كۆرەر جەزمەن سېنى.

بار ئىكەن شۇنچە ئۇلۇغ بىر تارىخىڭ،

ئەر ئۈچۈن ئۆرنەك ئىكەن ھەر ۋارىقىڭ.

بولسىمۇ دەردۇ-ئەلەم، باش ئاغرىقىڭ،

بوپتۇ مۈشكۈل پۈكمىكى دۈشمەن سېنى.

شائىرە راھىلە كامالمۇ قاسىم سىدىقنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كالىندارچىلىقتىن-مەدھىيەۋازلىقتىن ئۇزاق تۇرغانلىقى، شۇڭا شېئىرلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن كەڭ-كۆلەمدە سۆيۈلۈپ، ئاساسەن دېگۈدەك خەلق ناخشلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئۇنىڭ «ئىلى بويلىرى» ناملىق ناخشىسىنى تىلغا ئالدى.

بىز شائىر قاسىم سىدىقنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن غۇلجادىكى ئەدەبىيات-سەنئەت تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار قاسىم سىدىقنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

خادىملاردىن بىرى قاسىم سىدىقنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى باشقىلاردىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى، ئەمما بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئىنكار قىلمدى. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزدىن كېيىن، قاسىم سدىقنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تويغۇزۇپسەن بىر نوچى رەپ-رەپ دىسە.

مەيلى ئۇ مەن ئۇلۇغ ئەرەب دېسە.

ئۇنىماپسەن، مۇسەللىمىلىك شەرەپ دېسە،

داغدا قاپتۇ كەمچىگەن، كەمچەن سېنى.

مەيلى باي بول، خاھ گادا بۇ گەپ ئەمەس،

روھقا يوق، كانايغا بار «نەپ» نەپ ئەمەس.

ھەشقىپىچەك گۈل بولسىمۇ زەپ ئەمەس،

قەددى مەغرۇر گۈل بىلۇر گۈلشەن سېنى.

ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي، خوتەن سېنى،

بولسا ئۆمرۈم كۆرىمەن جەزمەن سېنى.

يۇقۇرىدا شائىر قاسىم سىدىقنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.