شائىر قاسىم سىدىقنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، تۈرمىدىكى ئەمگەك مەيدانىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.02.16
شائىر قاسىم سىدىقنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، تۈرمىدىكى ئەمگەك مەيدانىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى كۈنەس قارابۇغرا تۈرمىسىدە 18 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان شائىر قاسىم سىدىق.
Photo: RFA

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئالدىنقى كۈنى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، كۈنەس قارابۇغرا تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان شائىر قاسىم سىدىقنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا يىقىلىپ قالغانلىقى ۋە جىددىي ھالدا تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكەنلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجادىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا تۇتۇلغانلارنىڭ تۈرمە ۋە لاگېر ھاياتى 5‏-يىلىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، لاگېردىكى ئېغىر روھىي ئازاب ۋە تۈرمىدىكى ئېغىر جىسماني ئەمگەك، شۇنداقلا ئوزۇقلىنىشنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن مەھكۇملاردا ئومۇمىييۈزلۈك دېگۈدەك سالامەتلىك مەسىلىلىرى پەيدا بولغان. بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز بولغان ۋە ياكى يېشى چوڭراق بولغان مەھكۇملاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ جىددىي ھالدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مەزكۇر ئىنكاسچىنىڭ مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشىچە، كۈنەس قارابۇغرا تۈرمىسىدە 18 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان شائىر قاسىم سىدىق، ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىنىڭ ئىش مەيدانىدا يىقىلىپ قالغان ۋە دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. ئىنكاستا قاسىم سىدىقنىڭ تۈرمە ئىچى ياكى سىرتىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكى بايان قىلىنمىغان. جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە ئادەتتە مەھكۇملار ئاغرىپ قالسا تۈرمە دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىدىغانلىقى، ئەمما جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلگەندە، بەزىدە تۈرمە سىرتدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغىمۇ ئاپىرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار، بۇ دوختۇرخانىدا قاسىم سىدىق ئىسىملىك بىر بىمارنىڭ يوقلۇقى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ قاسىم سىدىقنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، قاسىم سىدىقنىڭ دوختۇرخانىدا ھۇشسىز ياتقانلىقىغا شاھىد بولغان بىرەيلەن قاسىم سىدىق ياتقان كىچىككىنە بىر كېسەل ئۆيىدە 20 نەچچە كارۋات بارلىقى، كارۋاتلارنىڭ ھىچبىرىسنىڭ بوش ئەمەسلىكى، كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ گەپلەر يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان غۇلجادا جەمئىيەتكە تارقىلىپ، ئاھالىلەردە تۈرمىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغان ۋە غۇلجا شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىغا تۈرمىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ھەققىدە سۇنۇلغان ئىلتىماسلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. غۇلجا شەھىرىدىكى قانۇن تارماقلىرى بۇ ھەقتىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى كەسكىن ھالدا رەت قىلىدى.

ئىنكاستا شائىر قاسىم سىدىقنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئىش مەيدانىدا يىقىلىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا ئەكىلىنگەنلىكى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر كېسەل سەۋەبىدىن ياكى تاياق زەربىسىدىن يىقىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئىش مەيدانىنىڭمۇ بىر ئېتىزلىق ئىكەنلىكى ۋە ياكى زاۋۇت-فابرىكا ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. ئىلگىرى قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى توققۇزاقتا ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان بىر لاگېرنىڭ كېيىن دوختۇرخانىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى، تۇتقۇن ۋە مەھكۇملارنىڭ مانا مۇشۇنداق مەخسۇس ئايرىم دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئەمما بۇ دوختۇرخانا شارائىتىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە گەپ قىلىپ بەرمىگەن ئىدى.

بىز ئاخىرىدا كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارابۇغرا تۈرمىسىگە تەۋە بىر دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار بىر خادىم ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىە، يەنى 8‏-فېۋرال كۈنىدىكى نۆۋەتچىلىكىدە قاسىم سىدىقنى دوختۇرخانىدا كۆرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قاسىم سىدق دوختۇرخانىغا ھۇشسىز ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ قاسىم سىدىقنىڭ كېسەللىك ئالامىتىدە ھاياتىغا خەتەر كېلىدىغان بىر ئەھۋالنى كۆرمىگەنلىكى ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ خېلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما قاسىم سىدىقنىڭ ھۇشىدىن كېتىشىگە بىر كېسەللىك ۋە ياكى تاياق زەربىسى سەۋەپ بولغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. قاسىم سىدىققا بىر سېستىرا بىلەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ مەخسۇس قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەزكۇر خادىم، ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قاسىم سىدىقنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يۇرتداش ۋە قەلەمداشلىرى ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرىدىلا، يەنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە 10 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقى، شۇنىڭدىن 2017‏-يىلىغا قەدەر ئۇنىڭ غۇلجا دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ ئىنستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ھېچقاچان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق ۋە تەقىپلىرىدىن خالىي بولۇپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلىشقان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقىسى پەقەت تاساددىپىي بىر سەۋەب بىلەن ئاشكارىلانغان بىر ھادىسە بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ كۈنلەردە قانچىلىغان كىشىنىڭ قاسىم سىدىقتەك ھۇشسىز ھالەتتە دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە ياكى ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.