نۆۋەتتە قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدانىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن خەت بېسىلغان مايكا كىيىپ، مۇسابىقە كۆرۈۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ سۈرەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ سۈرەتلەردىكى كىشى ھازىر قاتاردا ئشلەۋاتقان ئەنسەر ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشقا تىرىشقان. ئەنسەر رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
مۇخبىر: ياخشىمۇسىز ئەنسەر، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! ئالدى بىلەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز.
ئەنسەر: سالام شەھرىزاد، ئالدى بىلەن مېنى زىيارەت قىلغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مېنىڭ ئىسمىم ئەنسەر، فامىلەم ئەنۋەر. ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانمەن. باشلانغۇچنى ۋەتەندە ئوقۇدۇم. 2007-يىلى چەتئەلدىكى مۇساپىرلىق ھاياتىم باشلاندى. بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم. ئالىي مەكتەپنى تۈركىيەدە تاماملىدىم. ھازىر قاتاردا خىزمەت قىلىۋاتىمەن.

مۇخبىر: سىز بۇ مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قاتناشتىڭىزمۇ ياكى مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟
ئەنسەر: ئەسلىدە مېنىڭ مۇسابىقە كۆرۈش نىيىتىم يوق ئىدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بىر پۇرسەت كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويماي، مۇسابىقە كۆرگەچ مۇشۇ پۇرسەتتە دۇنيا خەلقىگە ۋە بارلىق ئىنسانلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇراي دەپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن خەت بېسىلغان مايكىنى كىيدىم ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ كەلدىم.
مۇخبىر: سىز «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن خەت بېسىلغان مايكىنى قايسى كوماندىلار مۇسابىقىلەشكەندە كيىۋالغان ئىدىڭىز؟ بىرلا مۇسابىقىدە كىيدىڭىزمۇ ياكى باشقا مۇسابىقىلەردىمۇ كىيدىڭىزمۇ؟
ئەنسەر: مەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن مايكىنى پورتۇگالىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي كونماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىدە كىيدىم. مۇشۇ بىرلا مۇسابىقىدە كىيدىم. باشقا مۇسابقىلەردە بەلكىم يەنە (بۇ مايكىنى) كىيىپ چىقىشىم مۇمكىن، ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

مۇخبىر: پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتقىنىڭىزدا بىرەرسى بۇ مايكىغا بېسىلغان خەتلەر تۈپەيلى سىزنى ئاۋارە قىلدىمۇ؟ قاتار ۋە ياكى خىتاي ساقچىسى ئىزدەپ كەلدىمۇ؟
ئەنسەر: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە نەق مەيداندىن قاتنىشىشىم. ئەھۋالنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، ئالدىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن مايكىنى كىيىشتىن سەل تەپ تارتتىم. چۈنكى «بۇنداق بىر چوڭ پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويماي، ئەگەر بىرەر ئىش چىقىپ قالسا نىشانىمغا يېتەلمەي قالماي» دەپ ئويلاپ، مۇسابىقىنىڭ تۈگىشىنى ساقلىدىم. مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن، پورتۇگالىيە فورمىسىنى سېلىۋېتىپ مۇشۇ كىيىم بىلەن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈپ، مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان ئىنسانلارغا كۆرسىتىشكە تىرىشتىم. مەيداندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر ئايال يېنىمغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە (بۇ مايكىنى كۆرۈپ) سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتىپ ھېسداشلىق بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر مۇخبىر قىز كېلىپ: «سىزنى سۈرەتكە تارتىۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. مەن «بولىدۇ» دەپ ئۇنىڭ سۈرەتكە تارتىشىغا رۇخسەت بەردىم.
مۇخبىر: سىز بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟
ئەنسەر: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدەك بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، بىزگە بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ، مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىشىم.
مۇخبىر: بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟ بۇنىڭدىن كېيىكى پىلانلىرىڭىز نېمە؟
ئەنسەر: ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ، دۇنيا خەلقىگە ئۆزىمىزنى ئاڭلىتىشقا؛ ھەرقانداق بىر پۇرسەتتە ئۆزىمىزنى تونۇتۇشقا تىرىشىمەن. بۇنى بىزنىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە بولغان بىر بۇرچىمىز، دەپ ھېس قىلىمەن.
مۇخبىر: سىزگە كۆپ رەھمەت.
ئەنسەر: سىزگىمۇ رەھمەت!