خوتەندىكى بىر ساقچى: «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئوغرى-يانچۇقچىلار ئەمەس، ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەر ئاساسلىق نىشان قىلىندى»

0:00 / 0:00

25‏-ئىيۇل كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى يېقىندا «100 كۈنلۈك قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە قارشى ھەركەت» ئېلىپ بېرىپ، 72 مىڭ گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئەسلىدە ئىجتىمائىي جىنايەتلەرنى نىشان قىلغان مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە، قويۇق سىياسىي تۈس ئالغانلىقى ۋە ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي» لەر بىلەن «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىڭ ئاساسلىق زەربە نىشانى بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى يېقىندا دۆلەت بويىچە 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتى قوزغاپ، 49 مىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلغان ۋە 72 مىڭ جىنايى ئىشلار گۇماندارىنى قولغان ئالغان. بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خوتەن شەھەرلىك ساقچى خادىملىرىنىڭ بەزىلىرى بۇ ھەرىكەتتىن خەۋەرسىزلىكىنى تىلغا ئالسا، بەزىلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ئۇرۇمچىدىكى بىر مەسچىتكە يېقىن جايدا چارلاۋاتقان كورۇنۇش. 2009-يىلى 8-ئىيۇل، ئۇرۇمچى.
تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ئۇرۇمچىدىكى بىر مەسچىتكە يېقىن جايدا چارلاۋاتقان كورۇنۇش. 2009-يىلى 8-ئىيۇل، ئۇرۇمچى. (AP)

ئۆتكەندە ئاي پاش بولغان قەشقەر كوناشەھەر ساقچى ھۆججەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ «تۇتۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىنى تۇتۇش» نامىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. شۇڭا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، جەمئىيەتتە تۇتۇلغۇدەك ئادەممۇ قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشسە؛ يەنە بەزىلەر، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولسا تۇتۇلۇشنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

خوتەن شەھەر ئىچىدىكى بىر ساقچىخانىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۆتكەن ئايلاردا ج خ ساھەسىدە «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەققىدە يىغىنلار ئېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

«خىتاي خەۋەر تورى» دا، مەزكۇر 100 كۈنلۈك ھەركەتتە كەنت زومىگىرى، دالا زومىگىرى، بازار زومىگىرى ۋە تور ئالدامچىلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرنىڭ زەربە نىشانى قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە، ئىلگىرىكى يىللاردا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى»، «بۆلگۈنچى»، «دىنىي ئەسەبىي» ۋە «تېرورچى» لارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىڭ زەربە نىشانى قىلىنغانلىقى مەلۇم.

مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوغرى‏-يانچۇقچى قاتارلىق ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.

«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، 249 تەشكىلات ۋە 1468 جىنايەت گۇرۇھى ۋەيران قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر ساقچى خادىمى خوتەندە «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ بىر كۈنىدە ۋارىس ئىسىملىك بىر گۇماندار بىلەن بىرلىكتە 10 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە 500 نەچچە كىشىلىك جامائەت سورۇنىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئوننەچچە كىشىنىڭ كىملەرنى قاچان قانات ئاستىغا ئالغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا پەقەتلا دېلو بىجىرگۈچىلەرگىلا مەلۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يۇقۇرىدا خىتايدا ئالدىنقى ئايلاردا داۋام قىلغان «100 كۈنلۈك قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەركىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندە، سىياسىي زەربە دولقۇنىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.