ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 6 يىلدىن بۇيان بىر قانچە مىليون كىشىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە سولىنىپ يېتىشىمۇ خىتاي دائىرىلىرىگە تەلتۆكۈس خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەن. شۇڭا نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا دائىرىلەر يەنە بىر رەت قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىغان، بۇ دولقۇندا خوتەننىڭ ئۆزىدىنلا 1000دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. خوتەندىكى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئانىسى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بېرىپ، خوتەندە «يامان كىشىلەر» نىڭ قاماقلىق بولغاچقا، بۇ قېتىمقى زەربە دولقۇنىدا ئەترەت باشلىقى ئوغلىنىڭ ئىلگىرىكى دولقۇنلارغا نىسبەتەن ھېچقانچە چارچىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك يىغىن ۋە مۇراسىملىرى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلى بىر نۆۋەت قاتتىق زەربە دولقۇنى ۋە كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇنغا سەھنە بولۇپ كەلگەن. 16-ئۆكتەبىر باشلانغان ۋە 22-ئۆكتەبىر ئاخىرلىشىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ھارپىسى ۋە داۋامىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى سوئاللىرىمىزنى رەت قىلىش ۋە ئېنىقسىز جاۋابلار ئارقىلىق ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىدى.
نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقىسى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىمۇ يەنە بىر قاتتىق زەربە دولقۇنىغا تۈرتكە بولغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدىن ئېتىبارەن، 20-قۇرۇلتاي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرى «توردىن چۈشۈپ قالغان» جىنايەت گۇماندارلىرى تۇتقۇن قىلىنغان؛ 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەن ياكى قىسقا مۇددەت كېسىلىپ جازاسىنى تۈگەتكەن سابىق گۇماندار ۋە «جىنايەتچىلەر» قايتىدىن يىغىۋېلىنغان. بولۇپمۇ 2017-يىلى يېشى 18 گە توشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇندىن ئۇزاق قالغانلار، ئەمدىلىكتە «خەتەرلىك ئەۋلاد» كاتېگورىيەسىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈش ۋە تۇتۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى خادىمى، 20-قۇرۇلتاينىڭ ئالدى ۋە داۋامىدا تۇتقۇننىڭ ئېلىپ بېرىلغان ۋە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى زەربە دولقۇنىدا قۇرۇلتاينىڭ ئالدى-كەينىدە، جەمئىيەتتە چوڭ ئىش چىقارماسلىق، ئوتتۇرا ھال ئىشمۇ چىقارماسلىق ۋە كىچىك ئىشمۇ چىقارماسلىق شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ خېتىدە يەنە ئىنكاس قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى زەربە دولقۇنىدا، خوتەندە، شەھەرلىك قوراللىق ساقچى ئەترىتى مەخسۇس ۋەزىپىلەنگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئەترەت باشلىقىنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ «يەندا» يەنى «قاتتىق زەربە دولقۇنى» سەۋەبلىك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ۋە بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ھەم كېچە-كۈندۈز ئىشخانىسىدا يېتىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، ئېلى ئوبۇلھەسەن ئىسىملىك مەزكۇر ئەترەت باشلىقى ئانىسىغا ئۆزىنىڭ قۇرۇلتاي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئوغلىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن خوتەندە قاتتىق زەربە ھەرىكىتى باشلانغىنى بىر ئايچە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئوغلىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا، مۇشۇ قېتىملىق دولقۇندا خوتەندە 1000 بىلەن 2000 ئارىسىدا كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا كۆپ ساندا كىشىلەر تۇتۇلۇپ بولغاچقا ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بولغاچقا، بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە دولقۇنىدا ساقچىلار كۆپرەك ھالدا ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز سىگناللىرى ئارقىلىق ئاھالىلەردە ۋەھىمە پەيدا قىلغان. ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي يۇقۇم قامال مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ساقچىلارنىڭ گۇمانلىق كىشىلەرنى تۇتۇشى ۋە قاماققا ئېلىشى تېخىمۇ ئاسانغا توختىغان. مەزكۇر ئەترەت باشلىقىنىڭ ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ نۆۋەتتىكى روھىي كەيپىياتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئوغلىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى زەربە دولقۇنلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى دولقۇندا ئانچە چارچاپ كەتمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ئاسانلىققا جەمئىيەتتە «يامان كىشىلەر» نىڭ قالمىغانلىقى ۋە ھەممىسىنىڭ سولىنىپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە دولقۇنى قوزغىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.