يېقىندا «پاراۋانلىق» (Commonweal) ژۇرنىلىدا نيۇ-يوركلىق ئادۋوكات ئېلزابىت لىنچ (Elizabeth M. Lynch) نىڭ «قايتا يۈز بەرمىسۇن: يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىردە يەھۇدىيلار ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىي مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكى تارىخىي خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىقى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئىلزابىت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2018-يىل لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن لاگېردىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان قەبىھ خورلۇق ۋە زىيانكەشلىككە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن بۇ ماقالىنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى توغرۇلۇق ئىزدىنىپ كەلدىم، بۇ مېنىڭ ئاساسلىق كەسپىم بولمىسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق ئىشىم دەپ قارايمەن. بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قەبىھ زوراۋانلىققا دىققەت قىلىپ كەلدىم. مەن نيۇ-يوركتا ياشايمەن، بۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان ئىنسانلار بار، كۆپلىرى ئۆلۈپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قوشنامنىڭ ھېكايىسى ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە مېنى ئويلاندۇردى. بولۇپمۇ، پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىش توغرۇلۇق قانۇن لايىھىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەن ئامېرىكا بۇ ئىشتا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن».
بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ناتسىستلار 1935-يىل ئېلان قىلغان «نيۇرىمبۇرگ ئىرق-مىللەت قانۇنى» غا ئاساسەن گېرمانىيەلىك يەھۇدىيلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغان، ئۇلارنىڭ كارخانىلىرىنى «ئارىيانلاشتۇرغان»، يەھۇدىي كارخانىچىلىرى ئۆزىنىڭ دۇكانلىرىنى يەھۇدىي بولمىغانلارغا ئەرزان سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان. ناتسىستلار يەنە 1933-يىلىلا قۇرۇپ چىققان داكوۋ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىغا يەھۇدىيلارنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتۇپ سولاشقا باشلىغان، 1938-يىل 11-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرى ناتسىستلار بىر كېچىدىلا كۆپلىگەن يەھۇدىي بايلىرىنىڭ بىنالىرى، دۇكانلىرى ۋە يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. بۇ تارىختا «خرۇستال كېچىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ ۋەقەلەر شۇ يىللاردىلا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان، ئامېرىكالىقلار گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە زىيانكەشلىكنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلگەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلىتمۇ «خرۇستال كېچىسى» ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن. ئەمما بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىغان.
1939-يىل 6-ئايدا ئامېرىكا يەھۇدىيلارنى توشۇپ كەلگەن بىر مۇساپىرلار پاراخوتىنى توسۇپ قويغان. چۈنكى ئامېرىكانىڭ 1924-يىلدىكى «سەر خىللارنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەر قانۇنى» غا ئاساسەن گېرمانىيەگە بېرىلگەن كۆچمەنلەر سانى 27مىڭ 370 كىشى بولۇپ، بۇ سان ئاللىقاچان توشۇپ قالغان. نەتىجىدە، بۇ پاراخوتتىكى 937 كىشىنىڭ ھەممىسى ياۋروپاغا قايتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 254 كىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت ۋاگنېر بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېدىس روگېرس بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 20 مىڭ گېرمانىيەلىك يەھۇدىيلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇنغان. ئەمما 67 پىرسەنت ئامېرىكىلىق بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرغىنى ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىدىن ئۆتمىگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا 1 مىليون 500 مىڭ يەھۇدىي بالىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى چاغدا ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭ ھەممىسى گېرمانىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋەر تاپقان. ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى كونسوللىرى ئامېرىكاغا ۋىزا ئىلتىماس قىلغان يەھۇدىي كۆچمەنلىرى بىلەن قەرەللىك كۆرۈشۈپ تۇرغان؛ شۇنداقلا ئۇلار يەنە ناتسىستلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ تۇرغاچقا، يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھەممىدىن ياخشى بىلگەن. 1938-يىل ئامېرىكا كونسولى رايموند گېيست ۋاشىنگتوندىكى رەھبەرلىرىگە يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «گېرمانلار يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە تايانمايلا ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى. بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، دېگەنلىك».
ئېلزابىت خانىم بۇ ماقالىسىدە، ئۆتكەن ئەسىردە يۈز بەرگەن ۋە «قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېيىلگەن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 4 يىلدىن بېرى خىتايدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى 380 لاگېرغا سولانغان مىليونچە ئىنساننىڭ خالىغانچە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ياكى قۇل قىلىنىۋاتقانلىقى، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكى، ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ئۆيلىرى ۋە دۇكانلىرىنىڭ چېقىۋېتىلىپ، مال-مۈلكىنىڭ خىتايلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى، مىڭلىغان مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى «خرۇستال كېچىسى» نى ئەسلىتىدىغان قاباھەتلىك تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئېلزابىت خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ناتسىستلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىق بار ئىكەن ۋە خىتاي بۇ قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىش مەسىلىسى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. گېرمانىيەدىمۇ 1933-يىلى ئۆلۈم لاگېرلىرى قۇرۇلغان، ئەمما ئۇ ئەمگەك لاگېرلىرى دەپ ئاتالغان. 1938-يىل «خرۇستال كېچىسى» ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ناتسىستلار ۋە ئادەتتىكى خەلقمۇ يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇكانلىرىنى ۋەيران قىلغان. بۈگۈن شىنجاڭدىمۇ نۇرغۇن مۇقەددەس مەسچىتلەر ۋە مازارلىقلار چېقىۋېتىلدى. بۇلار بىر قېتىمدىلا يۈز بەرگەن ئىشلار ئەمەس. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ناتسىستلار يەھۇدىيلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندەك تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلمايۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سىز ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئوخشاشلىقنى كۆرۈش ناھايىتى مۇھىم. كۆپلىگەن كىشىلەر خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «يېڭى تىپتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇنداقلا تەنقىدلەپ قويۇشىدۇ، مەن بۇنىڭغا قارشى. ھەر بىر ئىشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرماسلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بىلىش كېرەك، شۇندىلا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى ۋە قۇتقۇزۇشقا موھتاج كىشىلەرنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ».
ئېلزابىت خانىم ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانغىنى يوق. شۇنداقتىمۇ ھازىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر نەچچە قانۇن لايىھىسى بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئامېرىكانىڭ پاناھلىق بېرىش قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر «ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشكۈچىلەر» (P2) سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكۈچىلەر دۇنيانىڭ قەيىرىدىلا بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق ئەھۋالىنى ئىسپاتلاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ».
ئېلزابىت خانىم ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئاشۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۆتۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ۋە خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ جازالىنىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېز ئارىدا ئامېرىكاغا كېلىشىگە ئاسانلىق يارىتىلىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى بويىچە بولغاندا، ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ، قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى ھازىرقى مۇساپىرلار سانىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ، مەنچە بۇ ناھايىتى مۇھىم، شۇنداق بولغاندا باش پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.».
ئېلزابىت خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. بايدىن ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر فوند تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىن قانۇنسىز كىرگەن پاختا، پەمىدۇر ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلغۇچى كارخانىلارنى جازالاش ئارقىلىق تاپقان كىرىمنى بۇ فونقا ئىشلەتسە بولىدىكەن. ئامېرىكا مۇشۇنداق كونكرېت ھەرىكەت قوللانسا، باشقا دېموكراتىك، باي دۆلەتلەرگە زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئىمكانىيىتى بولىدىكەن.
ئېلزابىت خانىم بۇ ماقالىسىدە ئەينى چاغدا ناتسىستلار ئىشغال قىلغان گوللاندىيەدە ياشاۋېتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سوراش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان يەھۇدىي ئايال ئەننىنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامان قېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە ماقالىسىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرغان: «شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتكە كۆرە شۇنداق قىلىشى كېرەك. بىز بەلكىم مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تەلەيگە باغلاپ قويۇش ئامىللارنى پۈتۈنلەي تۈگىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز بۇنداق ئەھۋالنى ئازايتالايمىز. ئالدى بىلەن، مۇساپىرلار سىياسىتىمىزدىكى قاملاشمىغان يەرلەرنى چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ˃قايتا يۈز بەرمىسۇن˂ دېگەن سۆزنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ».
ماقالە ئاپتورى ئېلزابىت لىنچ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنسىتۇتىنىڭ دوكتورلۇقىنى پۈتتۈرگەن ئادۋوكات بولۇپ، ئىلگىرى بېيجىڭدا بىر يىل تۇرۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانىكەن. 2019-يىل، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىك توغرۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۆزى باش بولۇپ قۇرغان «خىتاينىڭ قانۇن-سىياسىتى» ( www.chinalawandpolicy.com) ناملىق بلوگىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈزگەن قەبىھ سىياسەتلىرى توغرۇلۇق بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلغان.