سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرى ھەجگە بارغان بىر ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك يېشىل كارت بىلەن ياشاۋاتقان ھەمىدۇللا ۋەلى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرى ھەجگە بېرىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك يوللار تاقىلىپ كەتكەچكە تۈركىيەگە ۋاقتىدا قايتىپ كېلەلمىگەن. شۇ سەۋەبلىك يېقىنقى 9 ئايدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا قاپسىلىپ قالغان ھەمىدۇللا ۋەلى نۆۋەتتە سەئۇدى ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر سەئۇدى ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ئىزدىمەكتە ئىكەن.

ئۇنىڭ ئەھۋالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلىشى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى ئېنىق ئىكەن. ئۇ 2014-يىلى خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكى «ھەدىيە كىيىملىرى» ناملىق مىللىي كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مەزكۇر خوجايىنى 2016-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، بۇ يىل 2-ئايدا خىتاي پاسپورتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرى ھەج قىلىش ئۈچۈن بارغان ئىكەن.

ھەمىدۇللا ۋەلى 3-نويابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەمدۇللا ۋەلى مۇنداق دېدى: «ھازىر يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتىمەن. سەئۇدى ساقچىلىرى 12-چىسلادىن 17-چىسلاغىچە بولغان ئارىلىقتا، جۈمە كۈنىدىن باشقا ھەممە كۈنلەردە خوتەن راباتقا ئىزدەپ كەپتۇ. مېنىڭ ئاڭلىغان خەۋىرىمدە ‹ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر ماشىنىدا 4 ئادەم شۇ يەردە ساقلاپ ئولتۇردى، › دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى قانداق بولدى، بىلمىدىم. مېنىڭ رەسىمىمنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ، ‹مۇشۇ ئادەم بارمۇ› دەپ سوراپتۇ. مەن ئۇ ۋاقىتتا خوتەن راباتتا ئەمەستىم. مەن بىر خوتەنلىك ئادەمنىڭ ئۆيىدە تۇرغان. شۇڭا مېنى خوتەن راباتقا كىرىپ-چىقىدۇ، دېگەن گۇمان بىلەن شۇ يەرگە كەلگەن ئوخشايدۇ.»

ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ تەكىتلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بىر يەرلىك ئۇچۇر مەنبەسى ئۇنىڭغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

ھەمدۇللا ۋەلى مۇنداق دېدى: «سەئۇدىدا مېنىڭ ھېچقانداق بىر مەسىلەم يوق. بۇ خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن بولۇۋاتقان ئىش. مۇشۇ يەردىكى يەرلىك بىر ئادەم ساقچىلار ئىزدەپ كېلىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ماڭا كېلىپ: ‹سېنىڭ ئەھۋالىڭ چاتاق ئىكەن. خىتاي سېنى تەلەپ قىلدى، بۇلار سېنى بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار كېلىشىپ بولدى، سېنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىزدەپ كېلىدۇ. ئەھۋالىڭ خەتەرلىك، بۇنىڭ يولىنى قىلمىساڭ بولمايدۇ. مەن مۇشۇنى دەپ قوياي، كۆرۈشكىنىمىزنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن، › دېدى. مەن بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىگە سەل قارىغان. 2-3 كۈندىن كېيىن ساقچى ئىزدەپ تېلېفون قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆيگە قايتمىدىم.»

بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش نىيىتىدە بولۇشى ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۇيغۇر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدا خىتاينى تەنقىد قىلمايلا قالماي، ئۇنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. يېقىندا سەئۇدىنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 4 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، تۇتقۇنلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرى ھەجگە بارغان ياكى ئۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرەمنى تاۋاپ قىلىشتەك ئىبادەت ئەركىنلىكىگە جىددىي خىرىس پەيدا قىلماقتا ئىكەن. تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرىددىن ئىزباسار بۇنىڭدا خەلقئارادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەرلىك مۇھاجىر ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەھۋالغا قاراپ تۇرماسلىقى، سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

ھەمندۇللا ۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 2014-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر قانچە ئاي تۈرمىدە يېتىشىغا شۇ يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن «لۈكچۈن ۋەقەسى» گە قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئانىسىنى ئۆزىنىڭ «ھەدىيە كىيىملىرى» شىركىتىدە ئىشلىتىشى سەۋەب بولغان ئىكەن. دائىرىلەر ئۇنىڭ «لۈكچۈن ۋەقەسى» بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، بىر قانچە ئايدىن كېيىن «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شىركىتىنى تاقاپ، نۇپۇسىنى يۇرتى توقسۇنغا يۆتكىۋەتكەن.

ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قاپسىلىپ قېلىشى دۇنيادىكى يەنە بىر مۇھىم مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ھىندونېزىيەنىڭ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ خەلقئارا تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 3 ئۇيغۇرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۆتكەن ھەپتە ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىشىدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.