قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف: «ھېچ قانداق مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش بولمىدى!»

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 28-ئۆكتەبىرگە قارىغان كېچىسى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىداش پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ پەنجىم يېزىسى مەكتىپىدە قازاق-ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغانىدى. شۇ كۈنىلا «ئازادلىق» رادىيوسى «پەنجىمدىكى كەچكى تەرتىپسىزلىكلەر» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، توقۇنۇش مەكتەپنىڭ چوڭ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى يارىدار بولۇپ، ئاغرىقخانىغا چۈشكەن ۋە ئۇنىڭ بېشى ئوپېراتسىيە قىلىنغان. ناھىيە ھاكىمى تالغات ئۇمرالىيېف رادىيوغا بەرگەن سۆھبىتىدە يارىدار بولغان بالىنىڭ قازاق ئائىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن «مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش» كەلتۈرۈپ چىققانلىقىنى، تۇرغۇنلارنىڭ يەردە ياتقان بالا چۈشكەن ۋىدېيونى كۆرۈپ، مىللىتى سەۋەبلىك ئۇنى دۇمبالىغان دەپ چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھاكىم شۇنداقلا يەنە بىر كىشىنىڭمۇ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ياش بالىلار مەھەللە ئىچىدە يۈگۈرۈپ، تاش ئاتقاندا ئەر كىشىنىڭ بېشىغا تەككەن، 1968-يىلى تۇغۇلغان ئەر كىشىنىڭ بېشى زەخمەت بولغان. بىز ئۇنى يوقلىدۇق، ئۇ ئاغرىقخانىدا ياتىدۇ، دوختۇرلار ئۇنىڭغا ياردەم بەردى.» ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، بىر گۇرۇپپا ئادەملەرنىڭ بىر نەچچە ئۆي ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىۋەتكەنلىكى توغرىلىق ۋىدېيولارمۇ بولغانىكەن. شۇنداقلا يېزىدا بىر ئۆيگە ئوت كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنىرەك بۇنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەگە ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ئېيتىلغان.

بىز پەنجىم يېزىسىنىڭ باش يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنباسارى مەسىمجان توختاخۇنوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ توقۇنۇشىدىن باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، پەقەت بىر نەچچە كۈندىن كېيىن رەسمىي خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانىكەن. شۇلارنىڭ بىرى «تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «توقايېف پەنجىمدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە: ھېچ قانداق مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش بولمىدى!» ناملىق ماقالىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف مەكتەپتە ئادەتتىكى گۇرۇپپا بولۇپ مۇشتلىشىش ۋەقەسىگە يول قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ھېچ قانداق بىر مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش ئەمەس ئىكەنلىكىنى رەسمىي بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«پۇقرالىرىمىزنىڭ غەزەپلىنىشى تولۇق ئاساسلىق. شۇنىڭدەك ياشلارنىڭ لۆكچەكلىك قىلىقى يۈز بەرگەن. ئەمما مۇنداق رېئاكسىيەنى ئالدىن-ئالا كۆرۈشكە ۋە يوقىتىشقا بولاتتى ۋە لازىم ئىدى. لېكىن مۇنداق قىلىنمىدى. ئاخبارات بوشلۇقىدا مەزكۇر ماجىرا ئوچۇق ئىپادىلەنگەن مىللەتلەر ئارا رەڭ ئالدى. بۇ يەردە ھېچ قانداق مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش بولمىدى! لېكىن ئېلىمىزنىڭ مەلۇم بىر ئىغۋاگەرلەر ۋە ئىچى قارىلار گۇرۇپپىلىرى بۇ ماجىرانى دەل شۇنداق قىلىپ بېزىدى».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى ھەم شۇنىڭدەك پرېزىدېنت مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن مۇنداق ئىغۋاگەرلەرگە نىسبەتەن قانداقتۇر بىر چارىلەر قوللىنىلمايۋاتىدۇ، بۇ ھەجەپلىنەرلىك. بىز بۇنىڭغا ئۆز مۇئامىلىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم. بۇ ئىغۋاگەرلەر دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ زىيان يەتكۈزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماجىرادىن بىز توغرا خۇلاسە چىقىرىشىمىز لازىم».

ئىگىلىشىمىزچە، 5-نويابىردا ئالمۇتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن «قازاقىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك-مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنىڭ ئاساسى» ماۋزۇسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى، رەسساملىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، مۇئەللىملەر ۋە باشقىلار قاتناشقان. كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا 40 قا يېقىن ئادەم قاتناشسا، يەنە 100گە يېقىن ئادەم ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان.

بىز مەزكۇر يىغىندىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوفنى زىيارەت قىلدۇق.

ئېرشات ئەسمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا مەركەز رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف رىياسەتچىلىك قىلغانىكەن. دەسلەپ سۆز ئالغان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى زاكىرجان قۇزىيېف ئۆز سۆزىدە قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىك ھەققىدە دوكلات قىلغان.

ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ مۇھىملىقى شۇنىڭدىكى، ياشلارغا توغرا تەربىيە بېرىش، مەكتەپلەردە دۇرۇس ئىش ئېلىپ مېڭىش، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىش بويىچە مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەر ئېيتىلدى. بۇنىڭغا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ پەنجىمدىكى ۋەقەگە بەرگەن باھاسى سەۋەب بولدى».

لېكىن، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «لىبېرتى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەھبىرى غالىم ئاگېلېئۇئوف پەنجىمدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان مىللەتلەرگە قارىتا ناتوغرا سىياسەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىدىن پەنجىمگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر شۇنداق بىر ئىش گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەش كېرەككى، ئۇلار جاي-جايلارغا بېرىپ، ئەنە شۇنداق ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشى كېرەك. بۇ گۇرۇپپىلار ئادەملەرگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، بۇ ئادەملەر ھەقىقەتەنمۇ ئۆز دۆلىتىگە ھاجەت ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى سېزىشى لازىم. شۇ ۋاقىتتا بىز زامانىۋى مەملىكەت قۇرالايمىز. مۇنداق قىلمايدىكەنمىز، بىزدە دائىم ئەنە شۇنداق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بولىدىغان توقۇنۇشلار مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشلارغا ئېلىپ كېلىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئوسال يېرى شۇنىڭدىكى، ھەر قانداق يۈز بەرگەن ئادەتتىكى توقۇنۇشنى ئۆزىمىز بىلگىنىچە مىللىي توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇشىمىز مۇمكىن. مانا شۇنىڭغا يول قويۇلۇۋاتىدۇ».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئېربول دەۋلېتبېك ئەپەندى پەنجىم ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچ قانداق مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش ئەمەس. مەكتەپتە ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ مۇشتلىشىشى دېگەن ھەر قانداق يەردە بار، بولغان ھەم بولۇۋېرىدۇ. بالا بولغاندىكىن شۇنداق مۇشتلىشىپ ئۆسىدۇ. بۇنىڭ بىرسىنىڭ ئۇيغۇر، بىرسىنىڭ قازاق بولغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بەزىلەر بۇنى ئۇيغۇر بىلەن قازاقنىڭ توقۇنۇشى دېگۈسى كېلىدۇ. بۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇر بىلەن قازاق قېرىنداش، تۇغقان مىللەت. ئۇلار ھېچ قاچان بىر-بىرىگە ئاتا دۈشمەن بولمىغان ھەم بولمايدۇ. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرمۇ، قازاقمۇ ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. يەنى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دۇچار بولۇۋاتىدۇ. ھەر ئىككى خەلقنىڭ تەقدىرى بىر. مۇشۇ پەيتتە مەلۇم بىر گۇرۇپپىلار، كۈچلەر ئۇيغۇر بىلەن قازاقنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش ئەمەس. قازاق بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ھېچ قانداق بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىكى، قەستلىكى يوق. بالىلارنىڭ مۇشتلىشىشىنى بىر قاراپ، ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىغا مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى تەرغىب قىلىشى كېرەك. ھەر قاچان مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇرۇش، قېرىنداش مىللەتلەرنى جاڭجالدىن ساقلاش لازىم».

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا رەسمىي 270 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان. مەملىكەتتە 62گە يېقىن تولۇق ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش، يەنى قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس مەكتەپلىرى مەۋجۇت. ئۇلاردا 16 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئالىدۇ. بۇ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرىدۇ.