قازاقىستاندا بۇ يىلى 810 نەپەر ئۇيغۇر قىز-يىگىتى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلدا تاماملىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-05-25
Share
قازاقىستاندا بۇ يىلى 810 نەپەر ئۇيغۇر قىز-يىگىتى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلدا تاماملىدى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى بايسېيىت مەكتىپىدە ئۆتكەن ئاخىرقى قوڭغۇراق مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىل 25-ماي، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ كۈچىيىش مۇناسىۋىتى بىلەن مارت ئېيىدىن باشلاپ قازاقىستاندا پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋە كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنىپ كەلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپلەر تور ئارقىلىق ئوقۇش سىستېمىسىغا كۆچكەنىدى. ئارىدا ئەھۋال ياخشىلىنىپ، بىخەتەرلىك چارىلىرى بىر قەدەر يۇمشىتىلغان بولسىمۇ، بۇ يىلىمۇ ۋابانىڭ يەنە كۈچىيىشى سەۋەبىدىن مارت ئېيىدا قاتتىق چارىلەر قوللىنىلىشقا باشلىدى.

ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش يىلىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن ئادەتتە ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتىدىغان «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىملىرى بۇ يىلى قانداق شارائىتتا ئۆتتى؟ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى نەچچە بالا

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئۆتكەن ئاخىرقى قوڭغۇراق مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىل 25-ماي، قازاقىستان.تاماملىدى؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىليار نۇرخالىقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەكتەپتە بۈگۈنكى كۈندە 9 ۋە 11-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاخىرقى قوڭغۇراقلار چېلىندى. ۋابا سەۋەبىدىن 9 ۋە 11-سىنىپلار ئۈچۈنلا پەقەت مەكتەپ ھويلىسىدا ‹ئاخىرقى قوڭغۇراق› مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلدى. قالغان سىنىپلارغا تور تەرتىپىدە ئۆتۈلدى. بۇ يىلى 11-‹ئا›، ‹ب› سىنىپنى 29 تۈلەك تاماملاش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ 15 نەپىرى بىر تۇتاش مىللىي تېستقا، يەنى ئىمتىھانغا كىرىش ئۆتۈنۈشلىرىنى بەردى. بۇ يىلى مەكتىپىمىز بۇلتۇرقى مارت ئېيىدىن باشلاپ تور تەرتىپىدە دەرسلەر ئۆتۈلگەن بويىچە داۋاملاشتى. پەقەت 4-چارەكتىلا 11-سىنىپلار ۋە باشلانغۇچ سىنىپلار ئۈچۈن مەكتەپكە كېلىپ، ئوقۇش شارائىتىنى ياراتتۇق»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈشنى خالىغۇچىلار بىر تۇتاش ئىمتىھان تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئالغان نەتىجىلىرىگە قاراپ ئىنستىتۇتلارغا، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوقۇشقا كىرىش ۋە ھەقسىز بىلىم ئېلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولالايدىكەن.

خەۋەرلەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ۋابانىڭ كۈچىيىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان بىلىم ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرلىقى قارار چىقىرىپ، مەملىكەتتىكى بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قاتتىق بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈشنى بۇيرۇغانىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشتە ئايرىم چەكلىمىلەر قوللىنىلغانىكەن.

«مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا 60تىن ئوشۇق تازا ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 17مىڭدىن ئوشۇق بالا بىلىم ئالىدىكەن. ھازىر قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ئىكەن.

رەخمەتجان غوجامبەردىيېف مۇنداق دېدى: «ئانا تىللىق مائارىپ بۇ ھەر قانداق مىللەتنىڭ مىللىي تەرەققىياتىنىڭ ھۈلى، ئاساسى، ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكىنى ھەر قانداق ئاڭلىق ئادەم ياخشى بىلىدۇ. ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىز مەۋجۈت بولغاچقا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئۇنىڭ قەدرىيەتلىرىنى مۇشۇ كەمگىچە ھەرتەرەپلىمە ساقلاپ كەلمەكتە. شۇلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتىمىز، مىللىي تىياتىرىمىز ۋە باشقىلار مەۋجۇت. ئەلۋەتتە، شۇلارنىڭ ئىش-پائالىيىتىنى كېلەچەكتىمۇ ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى بىلىدىغان مىللىي كادىرلار كېرەك. ھازىر ئوقۇتۇش ئانا تىلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەكتەپلەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بىلىم سۈپىتىنى كۆتۈرۈش مەسىلىسى».

ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى بايسېيىت مەكتىپىدە ئۆتكەن ئاخىرقى قوڭغۇراق مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىل 25-ماي، قازاقىستان.

رەخمەتجان غوجامبەردىيېف ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى تاماملىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ ھەر قانداق ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئوقۇشقا كرەلەيدىغان دەرىجىدە بولۇش لازىملىقىنى، بۇ جەھەتتە مىللىيلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ زارا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر مەكتىپى تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرايېفنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغۇچى مۇھىدىن ئىماشېف ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن بۇ قېتىملىق ئوقۇش يىلىنىڭ ئوڭاي بولمىغانلىقىنى، ئوقۇشنىڭ تور ئارقىلىق ھەم ئارىلاش ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە مەكتىپىمىزدە 300 ئوقۇغۇچى بىلىم ئالىدۇ. ئۇلاردىن 25 ئوقۇغۇچى 9-سىنىپنى، 14 ئوقۇغۇچى 11-سىنىپنى تاماملاۋاتىدۇ. ئىككى ئوقۇغۇچى بىر تۇتاش مىللىي تېستقا قاتنىشىدۇ. مەكتەپ دەسلەپتە رۇس ۋە ئۇيغۇر سىنىپلىرىدىن تەركىب تاپقان. كېيىن يۇرت مۆتىۋەرلىرى، يىگىت باشلىرىمىزنىڭ، يۇرتداشلىرىمىزنىڭ بىباھا ئەمگىكى تۈپەيلى 1990-يىلى 200 ئورۇنلۇق تازا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپ بولۇپ قېلىپلاشتى. 1991-يىلى مەكتىپىمىزگە خەلقىمىزنىڭ پەخرى بولغان مۇرات ھەمرايېفنىڭ نامى بېرىلدى. مەكتىپىمىزدە 46 ئۇستاز ئىشلەيدۇ».

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىلى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان 14 تازا ۋە 49 ئارىلاش مەكتەپلەرنىڭ 11-سىنىپىنى ئومۇمەن 810 نەپەر قىز-يىگىت تاماملىغانىكەن. شۇلاردىن ئالمۇتا شەھىرىدە 112، تالغىر ناھىيەسىدە 47، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدە 174، ئۇيغۇر ناھىيەسىدە 208، پانفىلوف ناھىيەسىدە 269 بالا بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت