قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان بالىلار سانىنى كۆپەيتىشكە تىرىشماقتا

0:00 / 0:00

ھازىر قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايونلىرىدا ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە تەشۋىقات ئىشلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

بۇ، ئاتا ئانىلار ئارىسىدا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە قارىتىلغان. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر ئاشكارىلانماقتا.

مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى مەھەللە ۋە يېزىلاردا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر مەۋجۇت. ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلاردا 17 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدىكەن.

قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسى كۆپرەك رۇس، ئۆزبېك، تاجىك ۋە ئۇيغۇر مىللەتلىرى ئۈچۈن ئايرىم مەكتەپ ۋە سىنىپلارنى ئېچىپ بەرگەنلىكى مەلۇم. رۇس تىلىنىڭ تەسىرى مەۋجۇت بولغانلىقتىن بالىلىرىنى رۇس تىللىق سىنىپلارغا بېرىش ئەھۋالى بولۇپمۇ قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارالغان. ئەمما بۇ كۆپرەك ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇيغۇرلار بارغانسېرى ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بالىلار سانىنىڭ قىسقىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا.

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بوستاندىق ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلارنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022 يىل 1-ئىيۇل، قازاقىستان.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇنداق ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر سىنىپلىرى ۋە مەكتەپلىرى يوق رايونلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بوستاندىق ناھىيەسىدە بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئالماگۈل، ئوربىتا، قازاقفىلىم، باغاناشىل ۋە باشقىمۇ جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار باش قوشتى.

«مىللىي مائارىپ-مىللەتنىڭ يۈرىكى!» شوئارى ئاستىدا ئۆتكەن بۇ پائالىيەتنى بوستاندىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى. بۇ ناھىيەگە شۇ مەركەزنىڭ رەئىسى ۋە يەنە باش يىگىت بېشى ئالىمجان گايىتوف رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتتە سۆزگە چىققان جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، جامائەت ئاكتىپلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرگە بالا توپلاش، بۇ مەكتەپلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاپ قۇۋۋەتلەش، بۇ يۆنىلىشتە تەشۋىقات ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بويىچە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.

ئالىمجان گايىتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ چارە تەدبىردە مىللىي كىملىكىمىزگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئەتراپىدا ياخشى پىكىرلەر ئېيتىلدى. بولۇپمۇ ئانا تىلىمىزنى ساقلاش، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە، ئۇزۇندىن كېلىۋاتقان مىللىي قەدرىيەتلىرىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش توغرىلىق قىزىقارلىق پىكىر تەكلىپلەر چۈشتى. شەھىرىمىزنىڭ بىز تۇرىدىغان رايونلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىنىپلىرى يوق. شۇڭلاشقا بىز بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر سىنىپلىرى ياكى مەكتەپلىرى بار رايونلارغا ئاپىرىش ئىشلىرىنىمۇ قاراپ چىقىۋاتىمىز. بىز شۇنداقلا ئۆزلىرىمىز تۇرۇۋاتقان يۇرتلاردا ئورۇنلاشقان بالىلار باغچىلىرىدا ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنى ئېچىش مەسىلىسىنىمۇ مۇھاكىمە قىلدۇق. چۈنكى مۇنداق گۇرۇپپىلارنى ئېچىش ئۇيغۇر سىنىپلىرىنىڭ كېلەچىكىنى تەمىنلەيدۇ».

ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدە «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ھەمكارلىشىش» ئانالىتىكىلىق مەركىزى قۇرۇلغانىدى. شۇنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندى مىللىي مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ، مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى، بۇلىقى، تۈگىمەس مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ يىگىتباشلىرى ۋە خانىم قىزلارنىڭ مائارىپقا ئائىت مۇنداق سەمىمىي كۆزقارىشى ۋە كۆيۈنۈشىنى ئۇنىڭ مىللىي قەدرىيەتلىرىنى ساقلاش، ئاسراش ۋە تېخىمۇ تەرەققىي ئەتكۈزۈش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن جۇمھۇرىيەتلىك، شەھەرلىك ھەم ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىمۇ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆز پائالىيىتىدە مائارىپ مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئات سېلىشى ئەلۋەتتە، كۆپچىلىكنى خۇرسەن قىلىدۇ. مەلۇمكى، ئۆتكەن ئوقۇش يىلنىڭ باشلىنىشى ئالدىدا كوچىمۇ كوچا ئارىلاپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلىدا ئوقۇتايلى، دەپ تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە مەكتەپ ئالدى تەييارلىق گۇرۇپپىسىغا ۋە 1-سىنىپقا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرغان گۆدەكلىرىمىزنىڭ سانى خېلى ئۆستى».

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپ ئالدى تەييارلىق گۇرۇپپىسىغا 1030 بالا، 1-سىنىپقا 1493 بالا كەلگەن. ئۇ مىللىي مائارىپ جانكۆيەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا بۇ ئوقۇش يىلىمۇ ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان بالىلار سانىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى. شەمشىدىن ئايۇپوف شۇنىڭغا قارىماي، كۆپچىلىكنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىلەرنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ پەرزەنتنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ ۋە ئۆزئارا پەقەت ئانا تىلىدا سۆزلەشنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانا تىللىق مەكتەپلەرگە بالا توپلاش ھەرىكىتى «مىللىي مائارىپ-مىللەتنىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇسىدا پانفىلوف ناھىيەسىدىمۇ ئۆتكەن. ئۇنى ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، خانىم قىزلار كېڭىشى تەشكىللىگەن. ھازىر ناھىيەدە ئىككى تازا ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ ۋە 13 ئوقۇتۇش ئارىلاش، يەنى رۇس، قازاق ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر مەۋجۇت. ئاكتىپلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، مەسىلەن، خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىغا ھازىرغا قەدەر 40 بالا توپلانغان.