قازاقىستاننىڭ پەقەت بىر شەھىرىدىلا 800 گە يېقىن خىتاي پۇقراسىنىڭ قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە بىر قاتار كۆزەتكۈچىلەر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بىر خىتاي شىركىتىدە 70 خىتاي پۇقراسىنىڭ يەرلىك كۆچمەنلەر قانۇنىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلغانىدى. خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قازاقىستاندىن چىقىرىۋېتىلىشى ئۆتكەن ئايدا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئېسكېلدىن ناھىيەسىدە ئورۇنلاشقان «سىتىچ كونسترۇكتىئون» شىركىتىدە خىتاي ئىشچىلىرى ۋە يەرلىك ئاھالە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە مەزكۇر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان 70 خىتاي پۇقراسىنىڭ ئەلدە قانۇنسىز يۈرگەنلىكى ئېنىقلانغانىدى.

يېقىندا «ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «يۈزلىگەن خىتايلىقلارنىڭ قازاقىستانغا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېنىقلاندى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئاتىراۋ شەھىرىدە جىنايەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئۇ خىتاي پۇقرالىرىغا ساختا ھۆججەتلەرنى تەييارلاش بىلەن شۇغۇللانغان. مەزكۇر جىنايەت گۇرۇپپىسى ئۈستىدىن سوت بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ 2 مىڭغا يېقىن خىتاي پۇقراسىغا قازاقىستانغا قانۇنسىز كىرىش ئۈچۈن ھۆججەت تەييارلىماقچى بولغانلىقى ھەمدە 758 ئادەمنىڭ قانۇنسىز تىزىمغا ئېلىنغانلىقى ئېنىقلانغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «قازاقىستانغا ساختا ئەمگەك كۆچمەنلىرىنى كىرگۈزۈشكە نۇرسۇلتان شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ياردەم بەرگەن. ئۇ بۇرۇن خىتايدا بىلىم ئېلىپ، ئاز ۋاقىت قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇللۇق خىزمەت باشقارمىسىنىڭ ۋىزا بېرىش ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى تونۇشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ چەتئەللىكلەرگە قانۇنسىز ھۆججەتلەر تەييارلاپ بەرگەن.»

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر جىنايەت گۇرۇپپىسى 2015-2018-يىللار ئارىلىقىدا مۇشۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. بۇ گۇرۇپپا خىتاينىڭ 2 مىڭغا يېقىن پۇقراسىغا ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن 35 كە يېقىن ساختا مەھكىمىلەر تەرىپىدىن تەكلىپنامىلەر ئەۋەتكەن ۋە قازاقىستان يېرىدە 758 خىتايلىقنى قانۇنسىز تىزىملىغان. بۇ جەھەتتە مەزكۇر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئىشلار بويىچە كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «جىنايەت گۇرۇپپىسى مۇشۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا خىتايدىكى باشلىقىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە 140 مىليون تەڭگە ئالغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇنىڭ 84، 5 مىليونى ئەمەلدارلارنىڭ، ساقچى خىزمەتچىلىرى ۋە ۋاسىتىچىلارنىڭ يانچۇقىغا چۈشكەن.»

سىياسەتشۇناس دوس كۆشىمنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردە گەپ پەقەت خىتاي پۇقرالىرىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ قازاقىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇققا ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزىلىرى بۇنىڭدىن پۇل، پايدا تاپىدۇ. خىتايلارنىڭ بۇ يەردە قانۇنسىز قېلىشى ئۈچۈن كۆچمەنلەر ساقچىلىرى ئىچىدە پۇل ئېلىپ، يۈرىدىغان مەككارلارمۇ بار. مېنىڭ ئويۇمچە، بۇ يەردە مەملىكەت چەتئەلدىن قانۇنسىز كىرىۋاتقانلارنى توختىتىش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرالمايۋاتىدۇ. بۇ پەقەت خىتايلارغىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بىزدە ئۆزبېكلەرمۇ، تاجىكلارمۇ بار. ئۇلارمۇ قانۇننى بۇزۇۋاتىدۇ. قىسقىسى، بۇنىڭ بارلىقىغا مەملىكەت ئۆزى ئەيىبلىك دەپ ئويلايمەن.»

قازاقىستاندا خىتاي پۇقرالىرى يۈزلەپ قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي قازاقىستانلىقلارغا ۋىزا بېرىش رەسمىيەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى تۇغقان يوقلاش مۇمكىنچىلىكلىرىدىن مەھرۇم بولماقتا.

بۇ ھەقتە خىتايدىكى قازاقلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئېربول دەۋلېتبېكۇلى مۇنداق دېدى: «ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاي قازاقىستاندىن خىتايغا چىقىدىغان ۋىزا مەسىلىسىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ يەردە ئەڭ بىرىنچى زەرداب چېكىۋاتقانلار خىتايدىن كۆچۈپ كەلگەن قازاقلار. سەۋەبى ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇ ياقتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىقتىن چىقىش رەسمىيىتىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ۋىزا بەرمەيۋاتىدۇ، قولىدىن كېلىشىچە توسالغۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى خىتايلارنىڭ قازاقىستانغا كېلىشى ئوڭايلىشىپ كەتتى. ئۇلار ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كېلىپ، ئەركىن ئىشلەپ، پۇل تېپىپ كېتىۋاتىدۇ. بىر ئاتىراۋنىڭ ئۆزىدىلا 2000 غا يېقىن خىتاينىڭ قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى. چىمكەنتتە بىر زاۋۇتنىڭ ئۆزىدە 3000 خىتاينىڭ ئىشلەۋاتقىنى ئېنىق. ئۆسكەمەن تاش يولىدىكى خىتاي شىركىتىدە 68 خىتاي پۇقراسىنىڭ قانۇنسىز ئىشلەۋاتقانلىقى ئېنىقلىنىپ، ئۇلار سوت ئارقىلىق ئەلدىن چىقىرىۋېتىلدى. ئەمدى تەكشۈرۈلمىگەن قانچىلىغان يەرلەر بار. ئۇلارنىڭ بارلىقىدا خىتايلار ئەركىن-خاتىرجەم ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىشىمۇ ئوڭاي، كېتىشىمۇ ئوڭاي.»

ئېربول دەۋلېتبېكۇلى مۇشۇ يىلى خىتايدىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشكەن قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ۋىزا ئېلىش مەسىلىسىدە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىز مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، 1-نويابىردا خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلىغا باردۇق ۋە ۋىزا مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى قويدۇق. ئاساسەن خىتايدىن كەلگەن قازاقلارغا خىتايدىن تەكلىپنامە تەلەپ قىلىنىدۇ. تەكلىپنامە ئېلىش ئۈچۈن ئۇ ياقتىكى پۇقرالىقى بىر تۇتاش يوقىتىلغان بولۇشى كېرەك. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالار قانۇنىدا ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئىككىنچى بىر مەملىكەتنىڭ پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ خىتاي پۇقرالىقىدىن ئاپتوماتىك ھالدا چىقىرىلىدۇ دېيىلگەن. شۇنداق بولۇپ تۇرۇپ، خىتاي بىر پۇقراسىنىمۇ ئۇنداق پۇقرالىقتىن چىقارمايدۇ. ئۆزى كەلسۇن، ئۆزى چىقسۇن دېگەن تەلەپنى قويۇۋاتىدۇ. باراي دېسە ۋىزا بەرمەيدۇ. ئىككى مەملىكەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتايدا قازاقلار بېرىپ-كېلىپ يۈرسە، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان سىياسىي ئەھۋاللارنى، سىياسىي لاگېرلارنى، ئۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆرسىتىلىۋاتقان بېسىمنى دۇنياغا ئاشكارا قىلىپ قويىدۇ دېگەن قورقۇنچ بار بولۇش كېرەك.»

دوس كۆشىم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى خىتاي مەملىكەتتە تېررورچىلىققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشنى ھەددىدىن تاشقىرى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. بۇنى بىز خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن كۆرۈۋاتىمىز. شەخسەن مېنىڭ پىكرىمچە، بۇ ھەقتە باشقا مەملىكەتلەر ئېيتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز قامالغاندىن كېيىن بىزمۇ ئۆتكەن يىلى خىتايغا نوتا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدۇق. شەخسەن ئۆزۈمنىڭ خىتاي بۇ مەسىلىنى يېنىكلەشتۈرىدۇ دېگەن ئويۇم بار. بىز ئۇ ياقتىكى قانداشلىرىمىز مەسىلىسىنى خەلقئارا دەرىجىدە يەنىمۇ كۆتۈرىمىز. بۇنىڭ ئاخىرى قازاقىستاندىكى خىتايلارغىمۇ تېگىشى بەك مۇمكىن. ھازىر قازاقىستاندا خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قاراش كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بارلىقى خىتاينىڭ تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى پروگراممىسىنىڭ چېگراسىدىن چىقىپ، ئىنسان ھەقلىرىنى بۇزۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئاقىۋىتى، دەپ ئويلايمەن.»

دوس كۆشىم بۇ يەردە لاگېرلاردىن تاشقىرى يەنىمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بەزى قوشنا مەملىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا بىپەرۋا قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.