قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 11-ئاۋغۇست كۈنى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق قوشنا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان قان-قېرىنداشلىرى ئىچىدە نوپۇسى جەھەتتىن ئەڭ چوڭ مەملىكەت بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى، مائارىپىنى، مەتبۇئاتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 260 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدىكى مەسچىتلەردە 11-ئاۋغۇست كۈنى قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىلقى قۇربان ھېيتىنى دۇنيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئەڭ كۈچەيگەن بىر ۋاقتىدا كۈتۈۋالدى. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ مەسچىتىدە قازاق، تۈرك، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەر ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن مەسچىت ئالدىغا يىغىلىشقان مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ناغرا ساداسىغا ئەگىشىپ ئوينالغان ئۇسسۇللارنى تاماشا قىلدى.
دوستلۇق مەسچىتىنىڭ ئىمامى بەخىتجان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى قۇربان ھېيتى بىلەن تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلار كۆپلىگەن مۇمكىنچىلىكلەرگە مۇيەسسەر بولغان. مۇشۇلاردىن دۇرۇس پايدىلىنىپ، ھەر دائىم ئۆزىمىزنىڭ باشقا يەرلەردە قىينىلىۋاتقان مۇسۇلمانلىرىمىزغا دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن مىللەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىمىز. بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھدۇر.»
بەخىتجان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇن ۋە باي ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىلىشنىڭ، تەتقىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ھۈسەن ھەسەنوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، ئەۋلادلىرىنى مىللىيچە تەربىيەلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن. ئەمما بۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن بەك ئەنسىرىمەكتىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن، شۇ جۈملىدىن دىنىي ئەركىنلىكىدىن ئايرىلماقتىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسىتىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى دۇنيادا ھېچ بىر دۆلەتتە يوق. خىتاي ۋەتىنىمىزدە دىننى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر چېقىلىپ كەتتى. دىنىي كىتابلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كىتابلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلانماقتا. بىزنىڭ قېرىنداشلىمىزنىڭ ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا، ئۆز تىلىدا ئەركىن سۆزلەشكە ئىمكانىيىتى يوق. بۇ ھەددىدىن ئاشقان فاشىستىك سىياسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز چەتئەلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار بۇنىڭغا ناھايىتى ئېچىنىمىز.»
ھۈسەن ھەسەنوف ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ھەمدە ياردىمىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق بولمايۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00