قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن 17-18-ئىيۇن كۈنلىرى مەملىكەتنىڭ بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە بۇ يىل مەكتەپنى تاماملىغۇچىلارغا گۇۋاھنامە تاپشۇرۇش تەنتەنىلىرى بولۇپ ئۆتكەن.
مەلۇماتلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل ئومۇمەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان 62 تازا ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان 17 مىڭ ئوقۇغۇچىدىن 921 نەپەر بالا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئوقۇش يىلىدا ياخشى كۆرسەتكۈچلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بىرقاتار مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلەشتۇق ھەمدە مەكتەپ تاماملاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەسىپ تاللىشى، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش، شۇنىڭدەك ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشتا پەيدا بولۇۋاتقان بەزى مەسىلىلەر بويىچە مەلۇماتلارنى ئىگىلىدۇق.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلىرىمىزنىڭ تاماملىغۇچىلىرى ئۆزىگە خاس، مۇھىم، ئىش تاپالايدىغان كەسىپلەرنى تاللاۋاتىدۇ. سەۋەبى كۆپلىگەن كەسىپلەردە ئوقۇغان بىلەن ئۇنىڭ ئىش جەريانى مۇرەككەپ، ئەلۋەتتە. ھازىر بالىلىرىمىز كۆپىنچە ئاخباراتلىق تېخنولوگىيە بويىچە ھەم شۇنداقلا تېخنىكىلىق پەنلەر فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا پەنلىرىگە يېقىن كەسىپلەرنى ئىگىلىمەكچى بولۇپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنى تاللاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، قازاق تىللىق مەكتەپلەر بولسۇن، ماتېماتىكا، فىزىكا، تارىخ پەنلىرىنىڭ مۇئەللىملىرىگە موھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمىز شۇ پەنلەرنى تاللاپ ئالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە مەكتىپىمىزنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن بىرتۇتاش دۆلەتلىك ئىمتىھانلارغا يىل بويى ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىلدى».

شاۋكەت ئۆمەروف شۇنداقلا ئۆزىنى ئويلاندۇرۇۋاتقان، تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ئوقۇش يىلى بۇ مەكتەپنى 63 بالا ياخشى باھالار بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۆت نەپىرىنىڭ ئەلا باھالارغا، شۇ جۈملىدىن ئىككىسىنىڭ «ئالتۇن بەلگە» دەرىجىسى بىلەن تاماملاۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئارىسىدىن ئۇستازلىق كەسپىنى تاللاپ ئالغانلارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان 62 مەكتەپ بولۇپ، ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن يېتەرلىك دەرىجىدە خىراجەت ئاجرىتىلماقتا ۋە ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەنمەكتىكەن.
ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتىپى مۇدىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى ئارزۇگۈل ئابدۇرىموۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوقۇش يىلى بۇ مەكتەپنى 39 ئۇيغۇر قىز-يىگىتى، شۇ جۈملىدىن تۆت بالا ئەلا تاماملاپ، «ئالتۇن بەلگە» ساھىبى ئاتالغان. شۇنىڭدەك مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ بارلىقى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا تەييارلىق ئىشلىرىنى ئاكتىپ يۈرگۈزمەكتە.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەكتەپنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكى يېزا ئىگىلىكى، پېداگوگىكىلىق، تېخنىكىلىق مۇتەخەسسىسلىكلەرنى تاللاپ، ھۆكۈمەت ھېسابىغا ئوقۇشقا چۈشتى. بۇ ئوقۇش يىلى كىملەرنىڭ قايسى ئوقۇشقا چۈشكەنلىكى تېخى نامەلۇم. چۈنكى بۇ يىل ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىككى مۇمكىنچىلىك بېرىلدى. بۇ يىل پۈتتۈرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئاساسەن پېداگوگىكىلىق، ئىككى ئوقۇغۇچىمىز تېخنىكىلىق، ئىككى ئوقۇغۇچىمىز يېزا ئىگىلىكى مۇتەخەسسىسلىكىنى تاللاۋاتىدۇ. مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئاساسەن ماتېماتىكا مېنى مۇئەللىملىرى يېتىشمەيدۇ، شۇڭلاشقا ناھىيەلىك بىلىم بۆلۈمىگە ئۆتۈنۈش يېزىپ قويغان».
ئارزۇگۈل ئابدۇرىموۋا يەنە مىللىي مائارىپتىكى ئاساسىي تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنىپلارنىڭ يېپىلىپ كېتىش خەۋپى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدىكى مەكتەپ ۋە سىنىپلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرتەرەپلىمە ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتماقتا. جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، زىيالىيلار، مىللىي مائارىپ جانكۆيەرلىرى بۇ يۆنىلىشتە جىددىي تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ قىسقىرىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت بولماقتا.