قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمەلىيىتى تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

يېقىندا قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەشرىپى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مىللىي مەشرىپى كۆۋرۈكى» پائالىيىتىدە مەزكۇر گۈزەل ئەنئەنىنىڭ قائىدە تەرتىپلىرى، تارىخى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇ قازاقىستاننىڭ «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيەنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقانى تەتقىق قىلىش ئىلمىي مەكتىپى ھەمكارلىقىدا تۈزۈلگەن «مەدەنىي مىراس يېڭىچە ئۇسلۇبتا تۇراقلىق راۋاجلىنىش ئۈلگىسى سۈپىتىدە: قازاقىستاندىكى مەشرەپلەر» خەلقئارا ئىلمىي لايىھەسى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئالىملىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ لايىھىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۈلگە بولۇۋاتقان «مەشرەپ» لەرنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بولغان.

ئالمۇتا شەھىرى نەۋرۇزباي ناھىيەسىنىڭ قاراغايلى مەھەللىسىدە ئۆتكەن ياشلار مەشرىپىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، قازاقىستان.

«ئۇيغۇر مىللىي مەشرىپى كۆۋرۈكى» جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو مەدەنىيەت مەركىزى، «ياركەنت بۇلبۇللىرى» ئانسامبىلى، «قەدەم ت ۋ» ئۇيغۇر قانىلى ۋە «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» يېڭىلىقلار قانىلىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇ ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ۋە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ نەۋرۇزباي ناھىيەلىرىدە ئۆتتى. بۇ مەشرەپلەرگە جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن ھەر خىل مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ بەگلىرى ۋە يىگىت باشلىرى قاتناشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تالغىر ناھىيەلىك باش يىگىتۋېشى ئۆكتەبىر قۇربانىيازوف ئەپەندى مەزكۇر مەشرەپتە ئۇنىڭ قائىدىلىرى، ئىلمىي-نەزەرىيەۋىي ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ ئادەتتىكى مەشرەپلەردىن كەسكىن پەرقلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ئۇچرىشىش بارلىق ئەنئەنىۋى قائىدىلەرنى ساقلىغان ھالدا ئۆتتى. مەشرەپ ئاساسەن ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى كۆرسىتىلدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ بېشىدا سۆزگە چىققان رىشات ھىدايەتوف داستىخان ئۈستىدە ئولتۇرۇشنىڭ مەدەنىيىتى ۋە بۇ جەھەتتە كۆلبېگىنىڭ ئاتقۇرىدىغان رولىنى چۈشەندۈردى. مەشرەپلەردىكى مۇزىكا مەدەنىيىتى ۋە ناخشا-سازلارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دارابەگ چۈشەندۈرۈش بەردى. ئۇنىڭ «داۋا دەستۈر» قىسمىدا مەن ئۆزۈم سۆزگە چىقىپ، بۇ ئەنئەنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، قوللىنىلىدىغان ھەزىل جازالار ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردۈم.»

ئالمۇتا شەھىرى نەۋرۇزباي ناھىيەسىنىڭ قاراغايلى مەھەللىسىدە ئۆتكەن ياشلار مەشرىپىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، قازاقىستان.

ئۇنىڭدا مەشرەپ ۋە مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر، مەشرەپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي رولى ھەققىدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر چاقچاق ۋە ھەزىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى رولى، مەشرەپتىكى تەرتىپ-ئىنتىزام قائىدىلىرى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

يۇقىرىدا ئاتالغان ئىلمىي لايىھە دائىرىسىدە شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرى نەۋرۇزباي ناھىيەسىنىڭ قاراغايلى مەھەللىسىدە يېڭى ياشلار مەشرىپىنى قۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن. ئۇ نەۋرۇزباي ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئىسمايىلوف ۋە مەھەللە ئاكتىپلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

بەختىيار ئىسمايىلوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەمدى بىزنىڭ چوڭلىرىمىز مەشرەپ ئوينىغانلىقتىن، كۆرگەنلىكتىن مەشرەپنىڭ قائىدىلىرىنى، ياخشى بىلىدۇ. بىزنىڭ ياشلار مەشرەپنىڭ قائىدىلىرىنى ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ. خەلقىمىزدە ‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن كېيىن مەشرەپكە بەر› دېگەن سۆزلەر بار. ياشلار مەكتەپتە بىلىم ئېلىپ، ئاندىن مۇشۇ مەشرەپتە ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى، ئۆزىنى قانداق تۇتۇش كېرەك، مېھمان كۈتۈش، تاماق ئىچىش، سالام بېرىش، يۈرۈش-تۇرۇش سىرلىرىنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز 15-17 ياشتىكى يىگىتلەرنى مەشرەپكە يىغىپ، مەشرەپ قۇرۇپ، مەشرەپنىڭ قائىدىلىرىنى بىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز، مېھمانلىرىمىز، بەگلىرىمىز چۈشەندۈرۈپ كەتتى.»

ئالمۇتا شەھىرى نەۋرۇزباي ناھىيەسىنىڭ قاراغايلى مەھەللىسىدە ئۆتكەن ياشلار مەشرىپىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، قازاقىستان.

بەختىيار ئىسمايىلوف بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەشرەپنىڭ ياش ئەزالىرىنىڭ مەشرەپ تارىخى، ئانا تىلىنىڭ قەدرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنكى تەقدىرى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لايىھەنىڭ قازاقىستاندىكى باشلىقى، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىلمىي لايىھە 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا برىتانىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن باشلانسىمۇ، ئەمما كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە يېتەكچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، مەزكۇر ئىلمىي لايىھەنىڭ رەھبىرى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېيچېل خاررىس قازاقىستانغا كېلىپ، بۇ مەشرەپلەردە بولۇپ قايتقان.

ئابلەت كامالوف مۇنداق دېدى: «لايىھە قاتناشقۇچىلىرى دۇنيانىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى يېتەكچى ئىلمىي ژۇرناللىرىدا مەشرەپ ھەققىدە تۇنجى قېتىم بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا مەشرەپلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەھمىيىتى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىغان مەخسۇس توربېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا مەشرەپ ھەققىدە ماتېرىياللار ئېلان قىلىندى، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرىدە ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە مەخسۇس مەشرەپلەر، ئىلمىي يىغىنلار، ئاھالە بىلەن ئۇچرىشىشلار، سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. شۇنداقلا ئىلمىي لايىھىنىڭ مەقسەت-ۋەزىپىلىرى، ئوتتۇز ئوغۇل ئولتۇرۇشلىرى ۋە ئاياللار چايلىرىنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئورنى، ئۆتمۈش تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، ئەھمىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈلدى.»

ئىككى كۈن داۋامىدا ئۆتكەن بۇ مەشرەپلەردە ئىلمىي لايىھە رەھبەرلىرى مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مىللىي ئۆرپ ئادەتلەرنى ساقلاشقا ۋە ئۇلارنى بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا تەرغىب قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە ناھىيەلەردە كەڭ تارالغان مىللىي ئەنئەنىلەرنىڭ بىرىدۇر. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.