قازاقىستاننىڭ چېلەك يېزىسىدىكى مۇراسىمدا مىللەتلەر ئارا دوستلۇق قايتا تەكىتلەندى
2025.02.24
خەلقئارادا ۋە ئىچكى جەھەتتە ئوخشىمىغان ئىختىلاپلار، شۇنداقلا مىللىي زىددىيەتلەر باش كۆتۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆز تەۋەسىدىكى خەلقلەرنىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى باراۋەرلىكى، ئىچكى مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ساقلاشقا تىرىشماقتا. بۇ جەھەتتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەشكىللەنگەن «قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسى» ئۆز رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، «قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسى» قۇرۇش تەشەببۇسىنى 1992-يىلى شۇ مەزگىلدىكى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازابايېف ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 1995-يىلى 1-مارتتا بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىپ كېلىپ چىقىشى، مىللىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بارلىق پۇقرالارنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى جاكارلاندى. مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ خىزمەت نىشانلىرىنىڭ بىرى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە راۋاجلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى ساقلاش، خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ۋە بىرلىكنى مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكىمۇ كۆرسىتىلدى.
بۇ يىل مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 30 يىل تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جاي-جايلاردا ھەر خىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلدى. شۇلارنىڭ بىرى يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق چېلەك يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دوستلۇقتىن ئارتۇق بايلىق يوق» ماۋزۇسىدىكى مۇراسىم بولدى.
بۇ قېتىملىق مۇراسىمنى «قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسى» قارمىقىدىكى «جەمئىيەتلىك كېلىشىم» ۋە تەرەققىيات مەركىزىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ چېلەك رايونىدىكى شۆبىسى ئۇيۇشتۇردى. مۇراسىمغا جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار ھەمدە بىر قىسىم يۇرت-جامائەت قاتناشتى. پائالىيەت رىياسەتچىسى، چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، كەلگەن مېھمانلارنى تونۇشتۇردى.
پائالىيەتتە سۆزگە چىققان چېلەك يېزىسىنىڭ ھاكىمى قۇئات ئابداكىموف، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى «جەمئىيەتلىك كېلىشىم» ۋە تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك بۆلۈمىنىڭ رەئىسى زىناخان بوشۇغۇلوۋا، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋېلەموف، «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروف ۋە باشقىلار مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، رازىمەنلىك ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلدى.
«قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسى» نىڭ ئەزاسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» جۇمھۇرىيەتلىك سىياسىي گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف دەسلەپتە قازاق تىلىدا سۆزلىدى. ئۇ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ماقالىلەرنىڭ، جۈملىدىن بىر بەتنىڭ قازاق تىلىدا «شاڭىراق» نامى بىلەن بېرىلىۋاتقانلىقىنى، گېزىتخانىلارغا قازاق خەلقىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ مۇنبەردە ئۆزۈمنىڭ ئانا تىلىدا سىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، مۇشۇنداق يىغىننىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى قازاقىستاندىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ قەدرىيەتلىرىنى ساقلاپ، راۋاجلاندۇرۇشقا يارىتىلىۋاتقان مۇمكىنچىلىكنىڭ بىر ئىسپاتى. ئۇيغۇر خەلقى قازاقىستاندا ئالدىنقى ئورۇندىكى خەلق بولۇۋاتىمىز. گېزىتىمىزنىڭ سانى 20 مىڭغا يەتكەندە ئاستانا شەھىرىگە باردۇق. شۇ چاغدا پۈتكۈل ئالىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سېناتورلار چاۋاك بىلەن قارشى ئالدى».
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھاسانوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن تارتىپلا قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاق خەلقى بىلەن بىرگە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاشقا بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. 1995-يىلى قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ تەشكىلات مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىك ۋە بىرلىكنى تەمىنلەش بويىچە دۆلەت سىياسىتىنى يۈرگۈزدى ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە كۆپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.»
نۇرجامان ھاسانوۋا بۇ مۇراسىمنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ مۇھىمى بىزنى مۇشۇ تەۋەدە ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى قوللىدى ۋە پائالىيەتكە قاتناشتى. يىغىندا مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق توغرىلىق ياخشى ۋە ئورۇنلۇق پىكىرلەر ئېيتىلدى، تەكلىپلەر چۈشتى. سۆزگە چىققانلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، قەدىمىي مەدەنىيىتى ھەققىدە پىكىر قىلىپ، قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا قوشۇپ كېلىۋاتقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. يىغىنغا ئوخشىمىغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، يۇرت جامائەت ئەزالىرى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، تائاملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، قول ھۈنەر ئەسۋابلىرى ۋە سەنئىتى بىلەن يېقىندىن تونۇشتى.»
مۇراسىمدا سۆز ئالغان چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى مۇرات ئىبراھىموف قازاقىستاندا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەققىدە دوكلات قىلدى ۋە مېھمانلارغا رەھمىتىنى ئېيتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ قازاقىستاندىكى تۈرلۈك مىللەتلەر ئارىسىدا بىرلىك ۋە رازىمەنلىك بەرپا قىلىۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىرلەشمە بىزگە نېمە بېرىدۇ، دېگەن سوئال ئۆز-ئۆزىدىن تۇغۇلۇشى مۇمكىن. بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن يۈكسەك خەزىنە بولۇپ قالغان ئانا تىلىمىزنى، قەدىمىي ۋە پاراسەتلىك مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا، مىللىي تارىخىمىزنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىشكە مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق تەدرىجىي غايىلەرگە ئاساسلىنىپ يارىتىلىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلەردىن قانداق پايدىلىنىش ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. بۈگۈنكى ئەۋلادلار تارىخىمىزنى كىتاب-ژۇرناللار، گېزىتلىرىمىز ۋە ئىجتىمائىي تورلار ئارقىلىق ئۆگىنىۋاتىدۇ. مىللىي سەنئىتىمىزگە بولغان مۇھەببەت كۈچلۈك. مەشرەپلىرىمىز ئەنئەنىۋى تۈسكە ئايلاندى. ئۇيغۇرلارغا ئائىت پائالىيەتلەردە مىللىي كىيىم كىيىش ئادەتكە ئايلانغان. مىللىي تائاملىرىمىزنىڭ ئاممىبابلىقى شۇنچىلىككى، ئۆزگە مىللەت ۋەكىللىرى بۇنىڭغا ئامراق. بىزدىكى بىرلا مەسىلە ئانا تىل. مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا ئوقۇتۇلۇۋاتقان سىنىپلاردا قارا كۆزلىرىمىزنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىۋاتىدۇ. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال.»
ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف شۇ قاتاردا يەنە ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
چېلەكتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى، ئىسمايىل تايىروف نامىدىكى ۋە مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىك ھەققىدىكى شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. ئۇنىڭدا شۇنىڭدەك مىللىي ناخشا ۋە ئۇسسۇللار ئىجرا قىلىندى.