ئالمۇتادا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» خاتىرىلەندى
2022.12.13
بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 2021-يىلى 9-دېكابىردا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» قىلىپ بېكىتتى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلدى.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىمۇ بولۇپ ئۆتتى. 10-دېكابىردا «ئاقژول» رېستورانىدا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى يېزا ۋە مەھەللىلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 100 دىن ئوشۇق ئادەم يىغىلدى. مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىمجان مەڭسۇروف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ بۇ مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ مەقسەت-ۋەزىپىلىرىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن ئادەتتىكىدەك مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىدە سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى بۈگۈنكى خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن «مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئورۇنباسارى پەرھات يۇرۇڭقاش بىلەن تور ئارقىلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. دولقۇن ئەيسا ۋە پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋاملىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ بېكىتىلىشىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى، بۇ يۆنىلىشتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ھەممىمىز بىلەن ئىللىق سالاملىشىپ، ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ھەر قانداق كۈرەش، ئىنقىلاب ئالدى بىلەن، بىر تەرەپتىن، خەلق قوللىشىغا تايىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ خەلقنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇ بولۇپمۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ماددىي قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكرار ئېيتىپ كەتتى. ‹بىز سىلەرگە ئوخشاش نامايىشلارغا چىقالمايمىز، يەنە نېمە قىلىپ بەرسەك بولىدۇ› دەپ سورىغانلارمۇ بولدى.»
دىلنۇر قاسىموۋا يەنە مەزكۇر پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى خەلقئارادا كەڭ مىقياستا ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز سۆزىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى دائىم قوللايدىغانلىقىنى ھەم بۇ يولدا ئىزچىل ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى غەيرەت يېزىسى ياشلار مەشرىپى ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بەختىشات مەمەتباقىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا لوندون شەھىرىدە ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئەشەدىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانىدى. بۇ ھەم ئۇيغۇرلاردا بەختلىك كېلەچەككە، مۇستەقىللىققا، ئەركىنلىككە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى پەيدا قىلدى. راست، بىز، ئۇيغۇرلار، مۇشۇنىڭغا خۇشال بولۇش بىلەنلا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئامالنىڭ بارىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سىياسىتىنى دۇنياغا تېخىمۇ پاش قىلىش يولىدا توختىماي ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە بارلىقىمىز بىرلىشىپ، ھەرىكەت قىلىشىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالمۇتادا ئۆتكەن پائالىيەت دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىر سەپتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ يارقىن بىر مىسالى بولۇپ قالدى، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، يەنى يۇرت-جامائەتچىلىكنى، زىيالىيلارنى، ياشلارنى جەلپ قىلغان ھالدا ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن».
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىغا باغلىق قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بىر قاتار ئىش-پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنىدى. شۇلار ئىچىدە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادەك چوڭ شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۆتكەن نامايىش كۆپچىلىكتە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭغا شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى. ئۇلار قوللىرىغا «بىز تېررورچى ئەمەس» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى پاجىئەسىنىڭ خەلقئارا تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان.