قازاقىستاندىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2022.02.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئامېرىكانىڭ بايقۇت چاقىرىقى ياۋروپادا جىددىي مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار تېيىلىش تۈرلىرىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان جاڭجياكۇ شەھىرىنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا چىقىرىلغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنىڭ ئېلانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ساقچى. 2021-يىلى 26-نويابىر، خۇبېي.
AP

مەلۇمكى، بۇ يىل خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قاتناشماسلىق چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ كەلگەنىدى. بۇنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەنلىكى ئېنىق. ئامېرىكا باشلىق ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، دانىيە ۋە لىتۋا ۋە باشقا بىر قىسىم مەملىكەتلەر بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاشكارا دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانىدى. لېكىن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاشكارا قوللىغان مەملىكەتلەرنىڭ ئىچىدە قازاقىستانمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 34 تەنھەرىكەتچىسىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئۇنداقتا

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتۈشىگە قازاقىستاندىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قانداق قارايدۇ؟

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى ئېربول دەۋلېتبېك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رەھىمسىزلەرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئولىمپىك ئويۇنلىرىنى ئالەمنىڭ، پۈتكۈل دېموكراتىك ئەللەرنىڭ قارشىلىقىغا، چاقىرىقلىرىغا قارىماي ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بىزدە بۇ يەردە ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئېنىق. يەنى قازاقىستان ھاكىمىيىتىنىڭ مەملىكەت رەھبىرى دەرىجىسىدە بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى. شەرقىي تۈركىستاندا قانداشلىرىمىزنى ئازابلاپ، قىيناپ، يوقىتىۋاتقان ۋاقىتتا بىزنىڭ مەملىكەت باشچىلىرىنىڭ خىتايغا ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەي، خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي ۋە باشقىمۇ بېقىندىلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا قاتنىشىشى قازاق مەملىكىتىگە ئانچە ئابرۇي ئېلىپ كەلمەيدىغان بىر ئىش. بۇنىڭغا بىز نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دىپلوماتىيەلىك بايقۇت ئېلان قىلمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئويۇنلىرىغا قاتناشمىسىمۇ بولاتتى. بۇ قازاقىستان ئۈچۈن چوڭ بىر نومۇسلۇق ئىش بولۇۋاتىدۇ».

سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتۈشىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھاكىممۇتلەق خىتاينىڭ پۈتكۈل دۇنيادا ئەپتى-بەشىرىسى پاش بولدى. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن ناتوغرا. چۈنكى بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ بېشىدا ئېلان قىلغان مەقسىتى: تىنچلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك دېگەن پرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان. خىتايدا ھېچ بىر مۇنداق پرىنسىپلار ئىشلىمەيدۇ. ئەكسىچە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئۆتۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، ئۇيغۇرلار، قەتئىي ئەيىبلەيمىز».

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى بايقۇت قىلىش ياكى ئۇنىڭغا قاتناشماسلىق ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنمىغانلىقى مەلۇم. پەقەت يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاخباراتنامە» دە بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بېرىلگەنىدى. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر خەۋەردە مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرىنىڭ ماھىيىتى، ئارقا كۆرۈنۈشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە باشقىمۇ تەشكىلاتلارنىڭ يانۋار ئېيىدىكى پائالىيەتلىرى، ھاكىممۇتلەقلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئالدامچى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى يورۇتۇلغان. سىياسەتشۇناس بەزى مەملىكەتلەرنىڭ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيەسىنىمۇ بىر قەدەر يورۇتقان.

سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنبايۇلى مەزكۇر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە تامامەن قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، دۇنيا بويىچە تۇتاش چىققان ئاغرىق تېخى پۈتمىدى. بۇ ئادەملەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلغىنىغا ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال تۇغدۇرىدۇ. يېڭى چىقىۋاتقان كېسەللەر كۆپىيىپ، بۇ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەكتە. ئىككىنچىدىن، مۇسۇلمان ۋە تۈركىي ئەللىرىدىن شۇ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زورلۇقىنى، قىيناشلىرىنى كۆرمىگەنگە، بىلمىگەنگە سېلىۋاتىدۇ دېگەن سۆز، يەنى شۇنى قوللاۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بارماسلىقى لازىم ئىدى. قازاقىستاندىنمۇ بېرىپ، قاتنىشىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى ئولىمپىك دەرىجىسىدە بولۇشى كېرەك ئىدى. تەنھەرىكەتچىلەرگە جانكۆيەرلىك قىلىۋاتقان خەلق نەدە؟ بۇ پەقەت ئۆتتى دېگەن ئاتاق ئېلىشنىڭ ۋە بوشقا ئاقچا چېچىشنىڭ بىر يولى».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق باھار يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغان كۈنى ماتەم تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «چۈنكى 5-فېۋرالدا غۇلجىدا نۇرغۇن شىر-ئوغلانلىرىمىز، قىزلىرىمىز ئۇ دۇنيالىق بولغان، خىتاينىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن. بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىشىغا شەخسەن ئۆزۈم تامامەن قارشى. چۈنكى خىتاي تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنى قىرىۋاتىدۇ، قىزلىرىمىزنى زورلاپ، بالىلىرىمىزنى يېتىم قالدۇرۇۋاتىدۇ. مۇنداق بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يول بەرگەن مەملىكەتتە ئېچىلغان بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللاۋاتقان مەملىكەتلەرگە نارازىلىقىمنى بىلدۈرىمەن».

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق چېلەك يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي زالىم كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ۋە شۇنداقلا تىبەت، فالۇنگۇڭچىلارغا، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى قىرغىنچىلىق قىلىپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى ئىنسانپەرۋەر، تىنچلىقپەرۋەر دەپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ، مۇنداق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە ھېچ قانداقمۇ لايىق ئەمەس ئىدى. ئەپسۇس، ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا قوللاش بىلدۈرۈۋاتقان ھەر قانداق دۆلەت، مىللەت، ئىنسان شۇ خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىققا مەن رازى دەپ ئىپادىسىنى بىلدۈرگىنىدۇر».

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ۋە باشقىمۇ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللىغان بولۇپ، گەرچە ئاھالىلەر ئارىسىدا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارىتا سەلبىي ئىنكاسلار يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە تارقىلىۋاتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت