يېقىندا ئىككى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈر دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس ۋە كۈمۈش مېدال يېڭىۋالدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شارلوتت شەھىرىدە ئۆتكەن ئارتىسلىق سۇ ئۈزۈشتىن ياسمىنا ئىسلاموۋا ئۈچىنچى، كىسسىمى شەھىرىدە ئۆتكەن جيۇ-جىتسۇ، يەنى بىرازىلىيەچە ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىشتىن جامال روزاخۇنوف ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى.
مىللىتى ئۇيغۇر بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قازاقىستاننىڭ دۇنيادىكى ئابرۇيىنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرگەن ئۇتۇقى قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق خۇشال قىلدى.
قازاقىستاننىڭ «پروسپورت» تورىدا ئېلان قىلىنغان «ياش قازاقىستانلىق سۇ ئۈزگۈچىلەر ئا ق ش دىكى مۇسابىقىدە مىس مېدال ئۇتۇۋالدى»، «نەۋ تىمەس قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان ياشلار كوماندىسى ئا ق ش دا ئۆتكەن ئارتىسلىق سۇ ئۈزۈش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 2 مېدالغا ئىگە بولدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، 10-ۋە 14-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا ئۆتكەن بۇ مۇسابىقىگە 20 مەملىكەتتىن 13 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 100دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. قازاقىستان تاللانما كوماندىسى تەركىبىدە ياسمىنا ئىسلاموۋا، ئايغانىم ساىم ۋە ئالدىيار رامازانوفلار بولغان.
بىز 18-ئاۋغۇستتا ئامېرىكادىن يېنىپ كەلگەن ياسمىنا ئىسلاموۋانىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مومىسى دىلبىرىم تايىروۋا خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ يولدىشى توختاخۇن ئىسلاموف ۋە ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرىدىغان بالىلىرى بەخىتجان ئىسلاموف ھەم گۈزەل ئالايېۋالارنىڭ پەرزەنتى ياسمىنا ئىسلاموۋانىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىغا چەكسىز خۇشال بولۇپ، بۇ خۇشاللىق بىلەن بارلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ياسمىنا تۆت يېشىدىن تارتىپ تەنھەرىكەت مەكتىپىدە شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇرۇن بەدىئىي گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللانغاندى. كېيىن ئارتىسلىق ئۈزۈشكە بولغان قىزىقىشى، قابىلىيىتىمۇ ئېشىشقا باشلىدى. بۇنى بايقىغان مەشىقلەندۈرگۈچىسى ناتالىيا گاۋرىلوۋا ئۇنىڭ بىلەن جىددىي شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. مانا بۇ يىل تۆت يىل بولدى.»

2009-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ياسمىنا ئۈچ يىل مابەينىدە ئارتىسلىق سۇ ئۈزۈشنىڭ «مىكس-دۇېت»، يەنى قىز-يىگىت بىللە ھۈنەر كۆرسىتىش تۈرى بويىچە شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ شېرىكى ئالدىيار رامازانوف بىلەن بىر قاتار خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ياسمىنا تەنھەرىكەت ماھىرلىقىغا كاندىدات دەرىجىسىنى ئالغان.
دىلبىرىم تايىروۋا يەنە مۇنداق دېدى: «ياسمىنا ئالدىيار بىلەن ئاپرېلدا ۋېنگىرىيەدە ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدال، ئىيۇن ئېيىدا ئىسرائىلىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدال يېڭىۋالدى. تاتارىستان پايتەختى قازان شەھىرىدە 28-30-ئىيۇل كۈنلىرى <دوستلۇق ئويۇنلىرى> دائىرىسىدە كۈمۈش مېدال ئالدى. شارلوتتىكى مۇسابىقە يەكۈنلىرى بويىچە ئامېرىكا 1-ئورۇننى، بۈيۈك برىتانىيە 2-ئورۇننى، قازاقىستان 3-ئورۇننى ئىگىلىدى. ئەلۋەتتە، قازاقىستان ئۈچۈن بۇ ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق.»
ئارتىسلىق سۇ ئۈزۈش قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۈرى بولۇپ، دۇنيا مۇسابىقىسىدە ياسمىنا ئىسلاموۋا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ نەتىجە قازاندى .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىۋاتقان تەنھەرىكەتنىڭ يەنە بىر تۈرى بىرازىلىيەچە «جيۇ-جىتسۇ»، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىشتۇر. ھازىر قازاقىستان پايتەختى نۇر-سۇلتان شەھىرىدىكى «ئاليانس» ناملىق بىرازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيەسى 2010-يىلى ئارمانجان روزاخۇنوف تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ كۆپلىگەن شاگىرتلىرى ئاسىيا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون ئاتالغان. ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ پەرزەنتلىرى جامال ۋە كېمالمۇ جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا دەرىجىدە ئۆتكەن مۇسابىقىلەردە يۇقىرى كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولماقتا.
ئارمانجان روزاخۇنوف مۇنداق دېدى: «روزاخۇنوف جامال بۇ يىل ئىيۇلدا ئامېرىكادا ئىككى چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشتى. بىرىنچى، بىرازىلىيەچە «جيۇ-جىتسۇ»، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىشنىڭ ئامېرىكا نۇسخىسى بويىچە مۇسابىقىدە ئۇ دۇنيا چېمپىيونى ئاتالدى. ئىككىنچى، بۇ «پانكىدس»، يەنى بالىلار مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا برازىلىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ياش تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشتى. جامال ئۆز سالمىقىدا كۈمۈش مۇكاپاتقا ئىگە بولدى. ئىلگىرى مۇنداق مۇسابىقىگە قازاقىستانلىق بالىلار قاتناشمىغان. ئۇنىڭدا جامال ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايىش قىلىپ، شۇنداق ئۇتۇققا يەتكەن بىرىنچى نومۇرلۇق قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى بولدى. پات يېقىندا ئۇ <گرېپپلىڭ>، يەنى مۇشتلىشىشنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەنھەرىكەتنىڭ چېلىشىش تۈرى بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى. جامال ئۇنىڭغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.»
نۇر-سۇلتان شەھىرىدە تۇغۇلغان 15 ياشلىق جامال روزاخۇنوف مۇنداق دېدى: «مەن برازىلىيەنىڭ «جيۇ-جىتسۇ»سى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا سەككىز يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. ئۆتكەن ئايدا بىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا بولدۇق. بۇ مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خۇشاللىق بولدى. مۇسابىقىگە ئىنتايىن كۆپ ئادەم قاتناشتى. ئۇلار ھەممىسى يۇقىرى دەرىجىدە كۈرەش قىلدى. مەن بۇ مۇسابىقىدە ئۆز ئېلىمنى مۇشۇنچىلىك يۇقىرى دەرىجىدە تونۇتقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. مۇشۇنداق مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بەرگەن ئاتا-ئانامغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، ئۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق، گىمناستىكا ۋە تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە چېمپىيونلار يېتىلىپ چىقماقتا.