قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلى خاسىيەتلىك رامازان ئېيى كىرىشى بىلەن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە، يىتىم-يېسىرلارغا، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە ۋە مەجرۇھ-مېيىپ كىشىلەرگە ماددىي ھەم مەنىۋىي ياردەم قىلىپ، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۆتكەن ئىككى يىل داۋامىدا باشقا مەملىكەتلەرگە ئوخشاش قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن رامازان ئېيىدا بىر يەرگە توپلىشىپ، ئىپتار ئۆتكۈزۈش، بىر-بىرىنى يوقلاش ۋە باشقىمۇ ھەر خىل كوللېكتىپ ھەرىكەتلەرنى مەنئىي قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ مۇنداق خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قاتتىق ساقلىغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ يىل ۋەزىيەت يۇمشىغانلىقتىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشاۋاتقان يېزا ۋە شەھەرلەردە مۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلار ئەركىن ۋە ھەرتەرەپلىمە ئېلىپ بېرىلدى. قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆملىكىنى، مېھىر-شەپقىتىنى ۋە ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى نامايىش قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئاتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋاملىق بېرىلمەكتە. بۇ يىلمۇ ساخاۋەتلىك ئىشلار ئادەتتىكىدەك ئۇيغۇرلار زىچ ئوتتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى، شۇنىڭدەك ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، قاراساي ناھىيەلىرىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىشلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى، ياشلار ۋە باشقىلار تەرىپدىن ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسى بويىچە ئۆز مۇخبىرى گۆھەربۈۋى ئىسمايىلجانوۋا خانىم روزا-رامازان ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا ناھىيەدە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنىڭ قىزغىن باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر ئايۇپوۋانىڭ رەھبەرلىكىدە، ياركەنت تەۋەسىدىكى خانىم-قىزلار كېڭەشلىرىنىڭ ئەزالىرى بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تەمىناتى ناچار، يالغۇز باشلىق بىمارلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىپتارلىق ئۇيۇشتۇردى. شۇنداقلا پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ پەخرىي پۇقراسى گۈلجاھان ھاجىم مۇراتوۋا خەيرىخاھلىق ئىشلىرىنى ياركەنت تەۋەسىدىن باشلىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن 300 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك تارقىتىلدى.»

گۆھەربۈۋى ئىسمايىلجانوۋانىڭ ئېيتىشىچە، گۈلجاھان مۇراتوۋا جۇمھۇرىيەت بويىچە 750 ئائىلىگە ئۇن، گۈرۈچ، چاي، مايغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى تارقاتقان. يېقىندا پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى تەركىبىدىكى ئانىلار كېڭىشى، تەدبىرچان خانىم-قىزلارنىڭ رەھبەرلىكىدە «بىز بىرگەمىز» ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئىپتارلىق بېرىلىپ، مۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلار يەنىمۇ داۋاملاشماقتا.
بىز ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھاسانوۋا خانىم بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئايلارنىڭ سۇلتانى بولغان خاسىيەتلىك رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى چېلەك تەۋەسىدىكى يېزا-يېزىلىرىمىزدا كۆپ بالىلىق ئانىلارغا، مىللىتىمىزگە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەمگىكى سىڭىپ، ھازىر دەم ئېلىشقا چىققان مۆتىبەر ئانىلىرىمىزغا، قاراكۆز نارىسىدەلىرىمىزگە، تۇرمۇشتا تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە ئۇچراپ، قىينىلىپ قېلىۋاتقان ئانىلىرىمىزغا ماددىي ياردەم بېرىش، مەسچىتلىرىمىزدە ئىپتارغا چاقىرىش ۋە باشقا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىش ئىشلىرى — ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى چېلەك تەۋەسىدىكى بارلىق مەدەنىيەت مەركىزى شۆبىسىنىڭ ئەزالىرى، يىگىت باشلىرى ۋە خانىم-قىزلار رەئىسلىرىنىڭ بىرلىك ھەم ئۆملۈكتە يۇرتداشلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىمىزغا قويغان ياخشى نىيەتلىرىمىز ھەم ۋەزىپىمىزدۇر.»
نۇرجامال ھاسانوۋا يەنە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىلنىڭ بۇ يىلمۇ چېلەك تەۋەسىدىكى يۇرتلارغا 60 سېۋەت ئوزۇق- تۈلۈك ۋە مۆتىبەر ئانىلارغا ئونغا يېقىن گىلەم ئىئانە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مىللەتپەرۋەر ئىنسان بىلال ھوشۇروفنىڭ چېلەك يېزىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قەبرىستانلىقنىڭ ئەتراپىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ھامىيلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرجامال ھاسانوۋا ئەنە شۇنداق ئىنسانلارغا يۇرت-جامائەت نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا خاتىرجەمچىلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف روزا تۇتقانلار ئۈچۈن ئىپتارلىق بەرگەن. ئۇ يىغىلغانلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىپتارلىقنىڭ خەلىقنىڭ بىرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى، ئىسلامنىڭ تىنچلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قەدرىيەتلىرىنى تەرغىب قىلىدىغان، ئادەملەرنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقىلا قازاقىستاندىكى بارچە پۇقرالارغا بىرلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلىگەن.