قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى روزا-رامزان ئېيىدا خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ بۇ يىلقى رامزان ئېيى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىتلەرنى چېقىپ، قەدىمىدىن تارتىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەنئەنىلىرىنى، ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەنىدى. دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىلى روزا تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلماقتا ھەم ئۆز دۇئالىرىدا بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ، ئىستەك-خاھىشلىرىنىڭ ئورۇنلىنىشىنى تىلىمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلقىدەك بۇ يىلقى روزا رامزان ئېيىدىمۇ خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچىنى ئورۇنلىماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، رامزان ئېيى كىرىشى بىلەنلا قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرىنى كەڭ يايدۇرغانىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ كۈچىيىپ، ئاھالىنىڭ سالامەتلىكىگە چوڭ خەۋپ تۇغۇلغىنىغا قارىماي، مىللەت جانكۆيەرلىرى بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قاتتىق ساقلىغان ھالدا، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ناچار ئائىلىلەرگە، قېرى-چۆرىلەرگە، يېتىم-يېسىرلارغا، مەجرۇھ ئىنسانلارغا، تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەنلەرگە ماددىي ياردىمىنى كۆرسەتمەكتىكەن. بۇ ھەرىكەتلەر مەتبۇئاتلاردا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يورۇتۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا رامزان ئېيىدا يۈرگۈزگەن خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىل، ئاپرېل، ئالمۇتا.

بىز ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كاتىپى گۈلمىنەم توختايېۋا خانىم بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ خەلقىمۇ ئالىيجاناب ئىشلاردىن چەتتە قالغىنى يوق. مەسىلەن، تۇرمۇشى تۆۋەن ئائىلىلەرگە ھەر يىلى قول ئۇچىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان جانكۆيەرلىرىمىز، ئاتاپ ئېيتقاندا، ئارۇپ ئاكا شەرىپوف 50 خالتا ئۇن، ماي تارقاتقان. تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىز ئۆيمۇ-ئۆي مېڭىپ يۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، يېقىندىن ياردەم كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يېزا-يېزىلاردا ياشلار بىرلىشىپ، ئىقتىسادى تۆۋەن ئائىلىلەرگە يېمەك-ئىچمەك تارقىتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ بولسىمۇ، ياشلىرىمىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە ئىناقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ».

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇنىڭ شەھەر، ناھىيە، يېزا-مەھەللىلەردىكى شۆبىلىرى ئەتراپىغا توپلىشىپ، كۆپلىگەن مەدەنىي ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتماقتىكەن. ئەنە شۇ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شەھەرلىك شۆبىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى «مېتال پروم گرۇپپ» شىركىتىنىڭ مۇدىرى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل بىلەن ئالمۇتا ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، ۋىلايەتلىك ئالىي كېڭەش ئەزاسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى زاكىرجان قۇزىيېفلار ھەر يىلى روزا رامزان ئايلىرىدا خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ تۇرىدىكەن.

زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف مۇنداق دېدى: «بۇ يىلىمۇ زاكىرجان بىلەن دولقۇنتاي ئىككىسى 2 مىڭ تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئىشلىرىنى باشلىدى. بىز، مەركەز ئىچىدىكى ئادەملەر مۇشۇ ئىككى ھۆرمەتلىك ئىنىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە تارقىتىپ، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى كۆرسىتىشنى باشلىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىككىسى مەكتەپلەرنىڭ يېتىشمەيۋاتقان دەرسلىكلىرى بويىچە نۇرغۇنلىغان ياردەملەرنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار خەيرخاھلىق ئىشلاردىن باشقا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان پروگراممىلارغا ياردىمىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا باغلىق ئاسسامبلېيە رەھبەرلىرى ئىككى ئىنىمىزنىڭ ئىشلىرىنى باھالاپ، خەلقىمىزنى خۇشال قىلىۋاتىدۇ».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىمىنجان توختاخۇنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «روزا ئاينىڭ ئىچىدە جاھانگىر ئانىمىز نەچچە يىللار بولدى 80 نەچچە يېتىم-يېسىرغا ئۆي سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا تالغىر ناھىيەسىگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندىلا جاھانگىر ئانىمىز 40 ئائىلىگە روزىلىق تاماقلارنى تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن يەنىلا شۇ گۈلدالا يېزىسىدا ‹نوزۇگۇم› توپى 20 ئائىلىگە، ئالىيەم ئالىيېۋا 30 ئائىلىگە تاراتتى. كالىنىن، يەنى ھازىرقى تۇزدىباستاۋ يېزىسىدا، ناھىيە بويىچە ياشلارنىڭ يىگىت بېشى زۇمرەت ئىنىمىزنىڭ ‹تەكلىماكان› گۇرۇپپىسى كۈندە دېگۈدەك ئىپتارلىق تاماقلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. قىزىل غەيرەت مەھەللىسىدە روزا باشلانغاندىن بېرى بىر مىليون پۇل يىغىپ قويدۇق. يەنە بۇ يەردە ئوت كەتكەن بىر ئۆي بار. روزا پىتىرىنى شۇ يەرگە يىغىۋاتىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خەيرخاھلىق پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا باشقا مىللەت ۋەكىللىرىنىمۇ چەتتە قويماي كېلىۋاتماقتىكەن. ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى، ئايرىم مىللەت جانكۆيەرلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەنلەرگە چوڭ مىقداردا ماددىي ياردەم قىلغانكەن.