قازاقىستاندا تونۇلغان رەسسام رۇسلان يۈسۈپوف ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-90-يىللىرى ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ خېلى تەرەققىي ئەتكەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە قازاقىستان ئۇيغۇر رەسساملىرى ئەڭ كۆپ يېتىلىپ چىققان مەملىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاۋاكرى شەمسى، زەينىدىن يۈسۈپوف، رەشىت يولداشېف، پەيزىراخمان ئىبراھىموف، مارىس ھېتاخۇنوف، كۈرەش زۇلپىقاروف، ئەمەتجان ئەھەتباقىيېف، ھاشىمجان قۇربانوف، ئابدۇكېرىم ئىسايېف ۋە باشقىلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق رەسساملىرىدىن جۇدا بولماقتا. يېقىندا ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان تونۇلغان رەسسام رۇسلان يۈسۈپوف 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

رەسساملىقنىڭ موي قەلەم ساھەسىدە ئىجاد قىلىپ كەلگەن رۇسلان يۈسۈپوفنىڭ ئەسەرلىرى قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى رەسساملار كۆرگەزمىلىرىنىڭ باشقارمىسىدا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، خىتاي، جەنۇبىي كورېيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەخسىي توپلاملىرىدا ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ تەسۋىرىي سەنئەت تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆپلىگەن كىتاب ۋە ئالبوملارغا كىرگۈزۈلگەن.

رەسساملىقنىڭ موي قەلەم ساھەسىدە ئىجاد قىلىپ كەلگەن مەرھۇم رۇسلان يۈسۈپوف ئەپەندى (سولدىن ئىككىنچى) كەسىپداشلىرى بىلەن. 2018-يىلى، ئالمۇتا.

«دۇنيا ئارت» ھازىرقى زامان سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىنىڭ مۇدىرى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ھاكىمجان گۇلىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسلان يۈسۈپوف ئۆز ئىجادىيىتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىغا بېغىشلىغان، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا كۆپلىگەن ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى ياراتقان ھەمدە ئومۇمەن قازاقىستان تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سالماقلىق ئۈلۈش قوشقانىكەن.

ئۇ رۇسلان يۈسۈپوفنىڭ كېلەچەك ئىجادىيىتىگە بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان سەپىرىنىڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سۆزسىزكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىي مىراسى بارلىق رەسساملار ئۈچۈن ئېنېرگىيە مەنبەسى بولدى ۋە ھېلىمۇ بولۇپ قالغۇسى. رەسساملارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى تارىخىي ۋە مەدەنىي چايلىرىغا ئاممىۋى سەپەرگە ئاتلىنىش دەۋرى باشلاندى. 1992-1994-يىللار ئارىلىقىدا ماھىر رەسسام شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىگە ئىجادىي سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ موي قەلەم ۋە كومپوزىتسىيە پەنلىرى بويىچە ئۈرۈمچى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئۇستازلىق قىلىدۇ. تارىخىي چايلارنى زىيارەت قىلىش رەسسامغا بىر قاتار ئەمگەكلەر تۈركۈمىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ دۇنيا تونۇشتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەرگە ئېلىپ كەلدى. رەسسامنىڭ قەلبىدە ئانا ۋەتەنگە، ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان سەمىمىي مىننەتدارلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئويغىنىدۇ. ئۇ قەدىمىي دانالىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىدىيەسىنى بىرىنچى پىلانغا قويىدۇ. رۇسلان يۈسۈپوف تارىخىي ۋەتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر قاتار ئەمگەكلەر تۈركۈمىنى يارىتىدۇ.»

ھاكىمجان گۇلىيېف رەسسامنىڭ ئەنە شۇ سەپەر يەكۈنلىرى بويىچە 1998-1999-يىللىرى ئالمۇتا شەھىرىدە «مۇقەددىمە»، «ئەھۋال» ناملىق ئىككى كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ رەسسام ھاياتىدا چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، رۇسلان زەينىدىن ئوغلى يۈسۈپوف 1950-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1955-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان بولۇپ، دادىسى زەينىدىن يۈسۈپوف قازاقىستاندا ئاتاقلىق رەسساملارنىڭ بىرى بولغانكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئاتا يولىنى بېسىپ، رۇسلان رەسساملىق، شۆھرەت مېمارچىلىق كەسپىنى تاللاپ ئالغان. رۇسلان يۈسۈپوف 1970-يىلى گوگول نامىدىكى ئالمۇتا رەسساملار مەكتىپىنى، ئاندىن 1979-يىلى ئوستروۋسكىي نامىدىكى تاشكەنت دۆلەت تىياتىر-رەسساملىق ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان. ئاندىن ئۇ ژۈرگېنوف نامىدىكى سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم مۇنداق دېدى: «مەن رۇسلان ئاكامنى تونۇغىلى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. ئادىمىيلىكىمۇ ناھايىتى يۈكسەك، ئېسىل پەزىلەتلىك بىر سەنئەتكارىمىز ئىدى. ماڭا تەسىر قىلغىنى رۇسلان ئاكام غۇلجىدا تۇغۇلۇپ، بەش يېشىدا ئالمۇتاغا كەلگەن ئىكەن. گەرچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قاينىمىدا چوڭ بولمىغان بولسىمۇ، رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى يوقاتمىغان ھەم، ئەكسىچە، كۈچلۈك روھقا ئىگە بولغان ئىجادكار».

مەرۋايىت ھاپىز خانىم يەنە رۇسلان يۈسۈپوف بىلەن بولغان ئاخىرقى سۆھبىتىنى ئەسلىدى.

رەسسامنىڭ ئۆمۈر بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ كۆرگەزمىلىرى 1994-يىلى پورتۇگالىيەدە، 1998-يىلى ئامېرىكادا، 1999-يىلى رۇسىيەدە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئۆتكەن بولۇپ، ھەر خىل ماۋزۇلارغا بېغىشلانغان ئەسەرلىرى تەسۋىرىي سەنئەت مۇتەخەسسىسلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغانكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھاياتىغا بېغىشلانغان «چاقىرىق»، «تىنچلىق ئاسمىنى»، «ئەجدادلار يېرى»، «ئۆرۈك نېمە ئۈچۈن چېچەكلىدى» قاتارلىق ئەمگەكلىرىمۇ بولغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى، رەسسام ھاشىم قۇربانوف يۈسۈپوفلار ئائىلىسى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئارىلىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «رۇسلان بىلەن 72-يىللىرى تونۇشقان. شۇ ۋاقىتلاردا مەن رۇسلاننى تونۇمايتتىم، شۆھرەتنى ياخشى تونۇيتتىم، ئارىلىشاتتىم. مەن 1972-يىلى رەسسام مەكتىپىگە ئوقۇشقا چۈشكەن. شۇ يەردە شۆھرەت بىلەن ئارىلىشىپ يۈرەتتىم. ئۆيلىرىگە بارغاندا زەينىدىن ئاكام بىزگە جىق ياخشى پاراڭلارنى دەپ بەرگەن. زەينىدىن ئاكامنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ، مەن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدىم. مەن 1976-يىلى تاشكەنتكە تىياتىر-رەسساملىق ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتتىم. شۇ يەردە رۇسلان يۈسۈپوف بىلەن ئۇچراشتىم ھەم ئارىلاشتىم. ئۇ پەقەتلا ئاغىنە ئەمەس، بىزگە ئۇستازمۇ بولغان. شۇ ۋاقىتتا رۇسلان ئاكىنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى بىز ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى پۈتكۈل قازاقىستاندا ناھايىتى كۆپ، ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ كەسپىي سەنئەتنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ئادەملەرنىڭ بىرى بولغان.»

ھاشىم قۇربانوف يۈسۈپوفلار ئائىلىسىنىڭ كۈچلۈك سەنئەتكارلار بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ شۆھرەت يۈسۈپوفنىڭ قازاقىستاندا ئاتاقلىق مېمارچى بولۇپ، ئۇنىڭ لايىھەسى بويىچە ئاستانا، ئالمۇتا ۋە ئاتىراۋ شەھەرلىرىدە چوڭ بىنالارنىڭ سېلىنغانلىقىنى ۋە قايتا ياسالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسلان يۈسۈپوفنىڭ ئەسەرلىرى 2012-يىلى قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئايرىم ئالبومى بولۇپ يورۇق كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ ئەمگىكى يۇقىرى باھالىنىپ، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ مېدالى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ «ساخاۋەت» مېدالى بىلەن تەقدىرلەنگەن.