31-ماي كۈنى قازاقىستاندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يۈرگۈزگەن سىياسىي تەقىبلەر نەتىجىسىدە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى بولۇپ ئۆتتى. بۇ خىلدىكى مۇراسىملار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ ناملانغان زور قىرغىنچىلىقنى ۋە رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلارنىمۇ تۈرلۈك شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

مۇنداق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئاساسلىقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام، لاۋار، تاشتىقارا ھەمدە ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىلىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا يەرلىك ھاكىمىيەت، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار، مەكتەپ ئۇستازلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1917-يىلى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتەسۇ تەۋەسىدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھاياتىدىمۇ زور سىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بولشېۋىكلەر، يەنى رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى يەتتەسۇ رايونىدىمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. سوۋېت ھاكىمىيىتى دەسلەپكى يىللىرىدىن تارتىپلا يېڭى تۈزۈمگە قارشى چىققانلارغا ۋە بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىغانلارغا قارشى ئەشەددىي كۈرەش ئېلىپ بارغان. يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە ئاشۇ زەربە بېرىشلەرنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى. شۇڭا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 31-ماي كۈنىدە كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1918-يىلى يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قانلىق قىرغىنچىلىقىنىمۇ خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

بىز ئاتۇ پاجىئەسى يۈز بەرگەن ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسىنىڭ لاۋار يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن پائالىيەتتىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. بۇ پائالىيەتتە سۆزگە چىققان قاراتورۇق يېزا ھاكىمىيىتىنىڭ باشلىقى ئايبېك ئىلېبايېف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، پېشقەدەم ئۇستاز ئىمىنجان ناسىروف ۋە باشقىلار قازاقىستانلىقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، بۇنى يېڭى ئەۋلادلارنىڭ دائىم ئەستە ساقلىشى لازىملىقىنى، مۇنداق پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقىنى، قازاقىستاندا پەقەت تىنچلىق-خاتىرجەملىكنىڭ بولۇشىغا بارلىق مىللەتلەرنىڭ كۈچ چىقىرىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئاتۇ پاجىئەسى يۈز بەرگەن قورام يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، يۇرت ئاكتىپى ۋە شائىرە، ژۇرنالىست تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىم، قورام ئاھالىسىنىڭ ھەر يىلى «ئاتۇ پاجىئەسى» قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا بېغىشلاپ يېزىدا خاتىرە يادىكارلىقىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە يىگىت باشلىرىنىڭ، خانىم-قىزلارنىڭ ھەم ياشلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە قورام يېزىسىدىكى خاتىرە يادىكارلىقىنى ئورنىتىشقا مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسامى، جەمئىيەت ئەربابى دىئاس قۇربانوفنىڭ كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تاشگۈل ھېزىياروۋا مۇنداق دېدى: «خاتىرە تاختىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن مېھمانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار شېھىتلارغا ئاتاپ گۈلچەمبىرەكلەر قويدى. شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا مېھمانلار كېلىپ، نامايىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتتى. ئۇلار مۇشۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەن ئاكتىپلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ بېشىغا مۇنداق قايغۇ-ھەسرەت كەلمىسۇن، دەپ تىلەكلىرىنى ئېيتتى.»
تاشگۈل ھېزىياروۋا يەنە 105 يىل داۋامىدا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پاجىئەنى ئەستە ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى.
«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «1997-يىلى قازاقىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ‹1997-يىلنى ئومۇمىي مىللىي رازىمەنلىك ۋە سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش يىلى› دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي تەقىبلەر توغرىلىق ئاشكارا پىكىر بايان قىلىش، قانۇنسىز تەقىب قىلىنغانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلار يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدا، بولۇپمۇ 1918-يىلقى قىزىل كوممۇنىست ئەسكەرلىرىنىڭ ‹سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق قىلدى› دېگەن باھانە بىلەن مەھەللىمۇ-مەھەللە ئىز بېسىپ، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقى چوڭ پاجىئە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ پاجىئە مەخپىي تۇتۇلۇپ، خەلققە ساختا تارىخلار تارقىتىلىپ كېلىنگەن ئىدى. خەلقىمىزدە ‹ئاتۇ پاجىئەسى› دەپ نام ئالغان بۇ قىرغىنچىلىق بولۇپمۇ ھازىرقى ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسىنىڭ تاشتىقارا، لاۋار، قورام، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىلىرىدا شىددەتلىك بولغان ئىدى.»

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1937-1940-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا تازىلاش ۋە تەقىبلەش سىياسىتى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. كوممۇنىست سوۋېت ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن سىياسىي تەقىبلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق زەرداب چەككەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن چىققان ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، نۇر ئىسرائىلوف، ھېزىم ئىسكەندەروف قاتارلىق يۈزلىگەن دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار، ئىشچى ۋە دېھقانلار ستالىننىڭ «چوڭ تازىلاش» سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئىدى.