قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى رېنات ئاۋۇتوف ياپونىيەدە چېمپىيون بولدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى رېنات ئاۋۇتوف ياپونىيە پايتەختى توكيو شەھىرىدە تەنھەرىكەتنىڭ كۇدو تۈرى بويىچە ياشلار ئارىسىدا ئۆتكەن 6-نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

كۇدو-كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، دزيۇدو، تايلاندچە بوكسقا ئوخشاش تەنھەرىكەتنىڭ بىر نەچچە تېخنىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1981-يىلى ياپونىيەلىك تەنھەرىكەتچى ئادزۇم تاكاسى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، كۇدو قازاقىستاندىكى تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن بولۇپ، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئاينابۇلاق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان «ئاينابۇلاق» تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى قاتارىدا ئۆگىتىلمەكتىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىگە گرۇزىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ھىندىستان، قىرغىزىستان، سىرىلانكا، مېكسىكا، بىرازىلىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ 35 دۆلىتىدىن 250 ئەتراپىدا تەنھەرىكەتچى قاتناشقان.

قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەتنىڭ تەنھەرىكەت ئىدارىسىگە قاراشلىق «پروسپورت» ئاگېنتلىقىنىڭ تاراتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلىنىپ، قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنىڭغا قازاقىستاننىڭ ھەر خىل تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان 5 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئۇلاردىن ئالمۇتادىكى «ئاينابۇلاق» تەنھەرىكەت كۇلۇبىنىڭ ۋەكىلى رېنات ئاۋۇتوف ئۇ-19-230 نومۇرى بىلەن بىرىنچى ئورۇننى، باشقا ئىككى قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن. قالغان ئىككى قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى ئىگىلىمىسىمۇ، ئۇلار ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەن.

ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۇدو تۈرى بويىچە ياشلار 6-نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى رېنات ئاۋۇتوف. 2023-يىلى 14-ماي، توكيو.
ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۇدو تۈرى بويىچە ياشلار 6-نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى رېنات ئاۋۇتوف. 2023-يىلى 14-ماي، توكيو. (RFA/Oyghan)

ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 17 ياشلىق رېنات ئاۋۇتوف مۇنداق دېدى: «مەن كۇدو بىلەن 1-سىنىپتىن تارتىپ شۇغۇللىنىۋاتىمەن. مانا 11 يىل بوپتۇ. ئائىلىمىزدە بەش بالا. مەندىن كېيىنكى ئىنىم رۇسلانمۇ 8 يىل بويىچە كۇدو بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. كېيىنكى بالىلارنىمۇ بىز تەنھەرىكەتكە ئەۋەتىشنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز. كۇدو بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەن ياقتۇرىمەن. مەن قازاقىستاننىڭ كۇدو بويىچە كۆپ مەرتەم چېمپىيونى بولغانمەن. مەن كۇدودىن باشقىمۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. «تەنھەرىكەتنىڭ ماھىرى» دېگەن ئاتاققا ئىگىمەن. 2017-يىلى ئاسىيا چېمپىيونى بولدۇم. مېنىڭ ترېنېرىم ئالېكسېي پاۋلوف كىچىكىمدىن تارتىپ يەكمۇ-يەك ئېلىشىشنىڭ كۆپلىگەن ئۇسۇللىرىنى، تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى. ئۇ مېنى پەقەت تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان سۈپىتىدە تەربىيەلىدى. مەن 9-سىنىپنى تاماملاپ، ھازىر يۈك توشۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش كەسپى بويىچە تېخنىكومدا ئوقۇۋاتىمەن. مەن ئاتا-ئانامغا مۇشۇنداق مۇمكىنچىلىك بەرگىنى ئۈچۈن ھەم مۇشۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقىنىم ئۈچۈن، رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. شۇنداقلا مېنى قوللىغان ئۆزۈمنىڭ يېقىنلىرىغا، دوستلىرىمغا مىننەتدارلىق ئىزھار قىلىمەن. ئەلۋەتتە، مېنى مۇشۇ كۈنگە ئېلىپ كەلگەن ئۇستازىم ئالېكسېي پاۋلوفقىمۇ چوڭ رەھمەت.»

رېناتنىڭ ترېنېرى ئالېكسېي پاۋلوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن ئاۋۇتوف رېناتنىڭ بىرىنچى ترېنېرى بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنى مەشقلەندۈرۈۋاتىمەن. ئۇ بىزنىڭ كۇلۇبقا 1-سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندىلا كەلگەن. دەسلەپتىلا رېنات ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشىنى، تىرىشچانلىقىنى، لىدېرلىق قابىلىيەتلىرىنى نامايىش قىلدى. ئەلۋەتتە، بەزىدە مۇسابىقىلەردە كەمچىلىكلەرمۇ، خاتالىقلارمۇ بولدى. ئەمما بىز ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، يەڭدۇق. رېنات ئىنتايىن ئەمگەك سۆيگۈچى بالا. ئۇ ئۆزىگە تەجرىبە توپلاش بويىچە پەقەت كۇدو ئەمەس، بەلكى يەكمۇ-يەك ئېلىشىشنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا بولۇپ ئۆتكەن ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى چوڭ ئۈمىد بىلەن ياپونىيەگە ئەۋەتتۇق. ئۇ بۇ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرنى نامايىش قىلىپ، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى ئاقلىدى.»

بىز رېناتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتدىشى ۋە دوستى، ئالمۇتادىكى «ئۆرلېۋ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەھمۇتجان جەلىلوف ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قازاقىستاندا، بولۇپمۇ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا چوڭ خۇشاللىق يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر يىگىتى رېنات ئاۋۇتوف ياپونىيەدە ئۆتكەن كۇدو بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىمۇ ئۇيغۇر چېمپىيونلىرى ئوخشاش قازاقىستاننىڭ دۇنيادىكى ئابرۇيىنى قوغدىدى، قازاقىستان تۇغىنى ئېگىزگە كۆتۈردى. رېنات كىچىكىدىن ناھايىتى تىرىشچان، ئىدرەكلىك، ئىنساپلىق بالا بولۇپ ئۆسكەن. مەن رېنات تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلىنى ياخشى بىلىمەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسى قۇدرەت مۇشۇ ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئاينابۇلاق مەھەللىسىدىكى ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بەش بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، بارلىق بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ چىققان. قۇدرەتنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسى يۇرتقا تونۇلغان كىشىلەردىن بولىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنى، نەۋرىلىرىنى ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەپ، قاتارغا قوشتى. قۇدرەتنىڭ يىراق ئەجدادلىرىمۇ ياركەنتتىن، يەنى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ كەتمەن يېزىسىدىن بولۇپ، خەلق ئارىسىدا ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن بولغان. ھەتتا ئۆز ۋاقتىدا كەتمەندە ياشاپ، خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان قىزى نۇزۇگۇمغا يار-يۆلەك بولغان، ئۇنى قوغدىغان گۈلمەت بوۋايمۇ قۇدرەتنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولىدۇ. مەن رېناتقا ئوخشاش بالىنى ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەپ، قاتارغا قوشقان، ئۇنى بۈگۈنكى كۈندە ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچى قىلغان ۋە مۇشۇنداق ئۇتۇقلارغا يەتكۈزگەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا پۈتكۈل خەلقىمىز نامىدىن رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.»

مەھمۇتجان جەلىلوف يەنە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بالىلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشكە، ئۇلارنى مەدەنىيەتنى، سەنئەتنى، تەنھەرىكەتنى سۆيۈپ، ئېلىگە، خەلقىگە خىزمەت قىلىدىغان بالىلار قىلىپ تەربىيەلەشكە چاقىردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدە جۇمھۇرىيەتلىك، ئاسىيا، دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ھازىر بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش، كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، چامباشچىلىق ۋە باشىقار بويىچە چېمپىيونلار كۆپلەپ سانىلىدۇ.