تۈركىيە قازاقىستان ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئىشەنچلىك شېرىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا

0:00 / 0:00

ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈركىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىققاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان بىلەن ھەر ساھەلەردىكى ئالاقىلىرىنىڭ خېلىلا جانلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جۇمارت توقايېفنىڭ تۈركىيەگە قىلغان رەسمىي سەپىرىمۇ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

«زاكون» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «كېڭەيتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك: قازاقىستان ۋە تۈركىيە باشلىقلىرى قانداق ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان كېڭەيتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ھەققىدە بىرلەشمە بىلدۈرۈش (بايانات) ئىمزالىغان. تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر ئۇچرىشىشتا پرېزىدېنتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ رەسمىي ۋەكىللىرى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، خەلقئارا يۈك توشۇش، سودا، بىلىم، تەنھەرىكەت، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ساھەلەردە بىرلەشمە ھۆججەتلەرنى ئىمزالىغان.

«زونا» تور گېزىتىدا بېرىلگەن «قازاقىستان خەۋپ تۇغۇلغان پەيتتە تۈركىيەدىن ھىمايە سورىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىدە دېيىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان سەپىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ 30 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىكەن. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە قازاقىستانغا 4 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بولسا، ئىككى ئارىدىكى توۋار ئوبوروتى يىلىغا 5 مىليارد دوللارغا يەتكەن. تۈركىيەنىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ سەپەرنى «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» ۋە «ئىككى ئەل مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋىرنىڭ باشلىنىشى» دەپ ئاتىغان.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە رەھبىرى ئەردوغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىقنىڭ ۋە ئۆملۈكنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆز نۆۋىتىدە پرېزىدېنت توقايېف تۈرك تىجارەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قازاقىستاندا 2 مىليارد دوللاردىن ئوشۇق مىقداردا 61 چوڭ لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا 2 يېرىم مىليارد دوللاردىن ئوشۇق مىقداردا 25 لايىھەنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، كېلەچەكتە يەنە 1 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئوشۇق مىقداردا 54 لايىھەنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

ماقالىدە ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بويىچىمۇ كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قازاقىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى سۇلتان كامالېتدىنوف قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ غەيرىي-رەسمىي سۆھبەت بېرىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا زۆرۈر بولغان چاغدا قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدىن ياردەم سورىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرى ئۆسۈۋاتقان بىر شارائىتتا، قازاقىستاندا قانداق ئىستىقباللار، ئۆزگىرىشلەر كۈتۈلمەكتە؟ بۇنىڭغا رۇسىيە ۋە خىتاي قانداق قارايدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ئىسلام كۇرايېف ئەپەندى قازاقىستان ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلار دائىرىسىدە، ھەم ئىككى تەرەپلىمىلىك كېلىشىملەر دائىرىسىدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي ئېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇنى توغرا چۈشىنىش كېرەككى، كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئافرىقادىكى، ئاسىيادىكى گېيو-سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە. تۈركىيە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباخ ئۇرۇشىدىكى غالىبىيەتلىرىنى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز زېمىنىنى قانۇن ئاساسىدا قايتۇرۇۋېلىشىنى قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرگە بولغان ھېسسىداشلىقىنى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى پوزىتسىيەسىنى دەلىللىدى. بۇ جەھەتتە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خەلقئارا تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، تۈركىيە ھەر بىر تۈرك جۇمھۇرىيىتى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان بىلەنمۇ ئىككى تەرەپلىمىلىك ئالاقىلىرىنى كۈچەيتمەكتە. تۈركىيە ھازىر قازاقىستاننىڭ يول-ترانسپورت، ھەر خىل قۇرۇلۇش ئىنشائاتلىرى، شۇ جۈملىدىن بىلىم، ساقلىق ساقلاش بىنالىرىنى سېلىش ھەم باشقىمۇ قازاقىستان ئۈچۈن زۆرۈر بولغان لايىھەلەرنى يۈرگۈزۈشكە كىرىشمەكتە.»

ئىسلام كۇرايېف يەنە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتنى توغرا باھالىغان ھالدا قازاقىستان ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە نورمال قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ياۋروپا بازىرىغا چىقىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بىردىن-بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ. خىتايغا كەلسەك، ئۇ بىرەرسىنىڭ يولىنى توسۇشقا ئىنتىلمەيدۇ. خىتاي، قازاقىستان بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق راۋاجلىنىشىغا قارىماي، ئۆز سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. قازاقىستان ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ‹بەر بەلۋاغ، بىر يول› لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش سۈرئەتلىرىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى خىتاي ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ يېقىنلىشىشىغا مەنپەئەتدار. ھازىر رۇسىيەنىڭ سودا يوللىرى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر مەزگىلدە قازاقىستان خىتاي ئۈچۈن قوللايلىق بىر مۇمكىنچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، قازاقىستانغا بىرەر خەۋپ تۇغۇلغان مەزگىلدە تۈركىيەدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىش مۇمكىنكەن. قازاقىستان ئۈچۈن بۇ قانداق خەۋپ بولۇشى مۇمكىن؟

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىرقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خەلقئارادىكى جۇغراپىيەلىك ھەربىي ۋەزىيەتنىڭ تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگىرىشىگە توغرا كەلدى. مۇشۇ ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى ئۇتتۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر خىل ھۆججەتلەرنى، شۇ جۈملىلىن ھەربىي ھۆججەتلەرنى ئىمزالىشىغا تەسىر قىلدى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدىن قازاقىستان بىر تەھدىتنى سېزىپ، ئوتتۇز يىل تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىشتىن كەتكەن پۇرسەتنى قايتىدىن تىكلەشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»

بۇ جەھەتتە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىككى مەملىكەتنىڭ ھەمكارلىشىشىغا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسى قانداق ۋە بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار نېمە كۈتىدۇ؟

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «رۇسىيە مەركىزىي ئاسىيانى تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاجىزلىشىۋاتىدۇ. ئەمدى 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىممۇتلەق خىتاي ئالىقاچان مەركىزىي ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسىر دائىرىسىدە دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ مۇشۇ دائىرىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى، ئەمما يەنە شۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپاغا چىقىدىغان يوللىرىنى كېسىپ تاشلىدى. ئەلۋەتتە، خىتاي مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىشىغا قەتىي قارشى. ئەمما تۈرك دۇنياسىدا ھېچ بىر دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئالمىدى. لېكىن بىز ئۈمىد بىلەن ياشايمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيە بۈگۈن سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يەتمەكتە. رايون خاراكتېردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپلىق كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىمۇ بارغانسېرى تېز ئۆسمەكتە. تۈركىيە، قازاقىستان ئۈچۈن ياۋروئاسىيا بوشلۇقىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئىشەنچلىك شېرىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.