قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 10-يانۋاردا مەملىكەتتە قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ۋە يەرلىك ئالىي كېڭەشلىرىنىڭ سايلاملىرى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.
«لىتېر» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ ئاخىرقى يەكۈنلىرى چىقىرىلدى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پارلامېنت ئالىي كېڭىشى سايلىمىغا سىياسىي پارتىيەلەردىن «نۇر ئوتان»، «ئائۇل»، «ئادال»، «ئاق جول» ۋە قازاقىستان خەلق پارتىيەسى» ئوخشاش بەش پارتىيە قاتناشقان بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت ئۈچ پارتىيە، يەنى «نۇر ئوتان» 76، «ئاق جول» 12 ۋە «قازاقىستان خەلق پارتىيەسى» 10 ئەزالىق بىلەتى بىلەن پارلامېنتقا ئۆتكەن.
مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى سايلىمىغا 11 919 241 سايلىغۇچى تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 7 539 280 سايلام بېلىتى ئېلىپ قاتناشقان. پارتىيەلەر ئىچىدىن «نۇر ئوتان» ئەڭ كۆپ 5 148 74 ئاۋازنى، يەنى سايلىغۇچىلارنىڭ 71، 09 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پارلامېنت قازاقىستان مەملىكىتىنىڭ قانۇنلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئالىي ئورگانى بولۇپ، ئۇ ئىككى پالاتىدىن، يەنى سېنات ۋە ئالىي كېڭەشتىن تەركىپ تاپىدىكەن. سېنات 49 ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ھەر بىر ۋىلايەتتىن ۋە جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدىكى شەھەرلەردىن ئىككى ئادەمدىن، شۇنداقلا 15 ئادەم شەخسەن مەملىكەت پرېزىدېنتى تەرىپىدىن سايلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئەزالىق قەرەلى 6 يىلنى، قالغان يېرىمى 3 يىلنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمدى ئالىي كېڭەشكە 107 ئورۇن ئاجرىتىلىپ، ئۇلارنىڭ 98 خەلق تەرىپىدىن، قالغان 9 قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ. بۇ ئەزالارنىڭ قەرەلى 5 يىلغا سوزۇلىدۇ.
11-يانۋاردا قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىدە قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى 28-يىغىنى ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا 351 ئادەم قاتناشقان. مەزكۇر مەجلىستە قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا 9 ئادەم سايلانغان.
بىز قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى 28-يىغىنىغا قاتناشقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوفنى زىيارەت قىلدۇق.
ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا دۇنياغا تارالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلگەنلىكتىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سانىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئازراق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن 10دىن ئوشۇق ئادەم قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆز ئۈلۈشىمىزنى قوشتۇق. بۇ يىغىندا 9 ئەزانىڭ تەقدىرى يېشىلدى. ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان 9 ئەزا ئىچىدىن ئۇيغۇرلاردىن ۋلادىمىر ھېمىتاخۇن ئوغلى توختاسۇنوف قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي مەجلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. شاھىمەردان نۇرۇموف 6-قېتىملىق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى يېشىشكە كۈچ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يىغىنمۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە بىر نەرسە، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئەزاسى بولدى. كېلەچەكتە مۇشۇنداق ئۇيغۇرلاردىن چىققان ۋەكىللەر ئېلىمىزدىكى خەلقلەر دوستلۇقىنى، مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىش يولىدا ئەمگەك قىلىدۇ، دەپ ئىشەندۈرىمەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ سايلىمىدا 277 ئاۋازغا، يەنى سايلىغۇچىلارنىڭ 78، 91پىرسەنتىگە ئىگە بولغان ۋلادىمىر توختاسۇنوف 1953-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق كەتمەن يېزىسىدا تۇغۇلغانكەن. ئۇ پولىتېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنژېنېر-قۇرۇلۇشچى مۇتەخەسسىسلىكىنى تاماملاپ، كۆپلىگەن مەھكىمىلەردە ۋە ھەر خىل ساھەلەردە ئەمگەك قىلىپ كەلگەن. ئاخىرقى يىللاردا ئۇ ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى لاۋازىمىدا ئىشلىگەن. ھازىر ۋلادىمىر توختاسۇنوف «جېتىسۇئوبلگاز» شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ژۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «2018-يىلدىن تارتىپ يىگىت باشلىرىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بۇرۇن بىز جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف بىلەن ئىشلىگەن. ناھايىتى جىق ئىشلارنى قىلىپ كەلدۇق. ئەمدى نۇرۇموف شاھىمەرداننىڭ ئورنىغا توختۇسۇنوف ۋلادىمىر دېگەن قېرىندىشىمىز ئۆتتى. بۇنىڭدىن كېيىن شاھىمەردان نۇرۇموف مەركەزنىڭ رەئىسى بولۇپ قالىۋېرىدۇ. ھازىر بىز سايلىغان توختاسۇنوف ۋلادىمىر بىلەنمۇ ئىشلەيمىز، دەپ ئويلايمەن.»
يارمۇھەممەت كىبىروف يەنە قازاقىستاننىڭ تۇنژا پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف باشقۇرۇۋاتقان خەلق ئاسسامبلېيەسىنىڭ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئالىي كېڭىشىگە ئەزا بولغان ئۇيغۇرلار ئومۇمەن ئۇيغۇرلار ھاياتىدا قانداق رول ئوينىشى مۇمكىن؟
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ ھەييەت ئەزاسى نائىلەم تۇرسۇن خانىم مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتىكى سايلام دېموكراتىك پرىنسىپلارغا رىئايە قىلغان ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ، پارلامېنت ئالىي كېڭىشىگە كۆپ مىللەتلىك قازاقىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن ۋلادىمىر توختاسۇنوفنىڭ سايلانغانلىقى بىزنى بەك خۇش قىلدى ۋە ئۈمىدلەندۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇرات ئەخمەدىيېف، شاھىمەردان نۇرۇموف قاتارلىق ئەزالىرىمىز قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ، مەتبۇئاتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادا مۇرەككەپ بىر دەۋىرگە دۇچ كەلگەن مەزگىلىدە، بىز ئىشىنىمىزكى، پارلامېنت ئەزامىز خەلقىمىزنىڭ مۇشۇ مۈشكۈلاتىنى بىر ئاز بولسىمۇ يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆز ئاۋازىنى بېرىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز.»
نائىلەم تۇرسۇن يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئەنە شۇ يۆنىلىشتە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاننىڭ يەرلىك ئالىي كېڭەشلىرىگە كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىچىدىمۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بولۇپ، 14-يانۋاردا ئۇلارنىڭ تىزىمى ئېلان قىلىنغانكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىگە ئەزا بولغان «ئالمۇتا تۆمۈر ئىنشائاتلىرى زاۋۇتى» نىڭ باش دىرېكتورى شۆھرەت شاردىنوفمۇ باركەن.