ئاخىرقى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ماقالە ۋە ئىنكاسلارنىڭ داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. سايراگۈل ساۋۇتباي، مېھرىگۈل تۇرسۇن، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلزىرە ئاۋۇلقان، زۇمرەت داۋۇت، گۈلباھار جېلىلوۋا، گۈلباھار خاتىۋاجى، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاياللىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا، بولۇپمۇ ئاياللىرى ۋە ئانىلاردا زور غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتىنى، شۇ لاگېر شاھىتلىرىغا، خىتاي زۇلۇمىدىن قىينىلىۋاتقان پۈتكۈل خەلققە بولغان ھېسسىداشلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ جىددىي ئەندىشىسىنى پەيدا قىلىۋاتماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان BBC قانىلى ئېلان قىلغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا دۇنيانىڭ بىر قانچىلىغان مەتبۇئاتلىرى ماقالىلار ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئاشكارىلىماقتىكەن.
قازاقىستاننىڭ ئىناۋەتلىك «قاز-ئاخبارات بيۇروسى» نىڭ BBC ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان «مەن ئادەتتە مۇنداق سۆزلەرنى ئېيتالمايمەن»، «خىتاينىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىن قاچقانلار زورلۇق ھەققىدە سۆزلەپ بەردى» ناملىق ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر-مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاچقان «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا سولانغان ئاياللار داۋاملىق زورلاشلارغا ۋە قىيناشلارغا دۇچ كەلگەنىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرى نايجېل ئادامسمۇ پارلامېنت مەجلىسىدە بۇنى ئەيىبلىگەن ۋە ئوچۇقتىن-ئوچۇق ياۋۇزلۇق دەپ قارىغان. مۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلار قازاقىستاننىڭ «قازاق مېدىئا»، «ئاق جايىق» مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بېرىلگەن.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار ئۇيغۇر ئاياللىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى گۈلپەم زاردىنوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ بارلىق دىقىتىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارتىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «70 يىل مابەينىدە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا زومىگەرلىكىنى، ياۋۇزلىقىنى ئىشلەتتى. خىتاينىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىز بىلىمىز. ئاخىرقى تۆت يىل ئىچىدە خىتاي ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا لاگېردىن چىققان مەھبۇسلىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن زۇلۇملىرى دۇنيانى زىل-زىلىگە سالدى. بىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىمۇ قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ زۇلۇمغا چىداپ ئولتۇرالمايۋاتىمىز. ئايال، ئانا، ئىنسان سۈپىتىمىز بىلەن بۇ زۇلۇمغا سۈكۈتتە تۇرماق دېمەك بۇ خائىنلارنى قوللىماق دېگەنلىكتۇر. بىزنىڭ ئانىلىرىمىز، مومىلىرىمىز، قىزلىرىمىز، ياشلىرىمىز ئۈستىدىن خىتاي كومپارتىيەسى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسى، ھەرقايسىي ئەللەر بىرلىشىپ، خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى توختات دەپ چاقىرىمەن.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى گۈلىستان ھەمرايېۋا خانىم خىتاي زۇلۇمىدىن ئازاب چېكىۋاتقان بارلىق ئىنسانلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئانا ۋەتىنىمىزنى خىتاي باسقۇنچىلىرى ئىشغال قىلىۋاتقىنىغا 70 يىل بوپتۇ. مۇشۇ يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقى خىتاي قولىدا خاراپ بولۇپ كەلدى. بۇنى ئاز دېگەندەك، 2017-يىلى ‹تەربىيەلەش› دەپ ئاتالغان لاگېرلار سېلىندى. بۇ لاگېرلارغا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئاياللىرى، يولداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەتتا بالىلىرى سولاندى. بۇ جازا لاگېرلىرىدا ئۇلارنى ئۇرۇپ-سوقتى، ئاچ قالدۇردى، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ نومۇسىنى بۇلغىدى، گۆدەك بالىلىرىمىزنى خىتايلاشتۇردى، ئاياللىرىمىزنى تۇغماس قىلدى. شۇ لاگېرلاردىن تىرىك چىققان شاھىتلىرىمىز، قەھرىمان ئاياللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ لاگېرلاردا بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىنى ئەنگىلىيەنىڭ BBC غا ئوچۇق، ئاشكارا مەلۇم قىلدى. مېنىڭ ‹ئەي، مۇسۇلمان دۇنياسى، سەنلەر قاچان ئويغىنىسىلەر؟› دېگۈم كېلىدۇ. مۇشۇ تۆت يىل ئىچىدە بىزگە قولىنى سۇنغان ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولدى.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتادىكى تونۇلغان تىجارەتچىلەرنىڭ بىرى سانىيەم باۋدۇنوۋا خانىم ئايال كىشىگە قىلىنغان زۇلۇمنى، خورلۇقنى كەچۈرۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئايال كىشى، ئانا، ئاياللارنى ئەكىرىپ كېتىپ، زورلىغان دېگەن قانداق گەپ؟ يەنە ئۇنىڭ ئورگانلىرىغا توك تىققاننى قەيەردە كۆرگەن؟ بىزنىڭ يۈرىكىمىز ئاغرىۋاتىدۇ. بىز بۇ يەردە شۈكرى دەپ يېتىۋاتىمىز. بۇ يەرگە بۇ كەلمىسۇن. بىزنىڭمۇ ئۆسۈۋاتقان بالىلىرىمىز، نەۋرىلىرىمىز بار.»
سانىيەم باۋدۇنوۋا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان رېھىمەم ھەدىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەر، چوڭ سىناقلار كەلگەنىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاينىڭ قانچىلىك، ئەشەددىيلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن چەت مەملىكەتلەردە ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى قىلىپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىمىز دېگەن شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر ۋاقتىدا يار-يۆلەك بولايلۇق. ھەممىمىز قاخشاۋاتىمىز. بىز، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ياخشى ياشاۋاتىمىز. ئەمما-لېكىن ھەر بىرىمىزنىڭ يۈرىكىمىزنىڭ قېتىدا شۇ ياقتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بولۇۋاتىدۇ.»
رېھىمەم ھەدە يەنە مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي پۇلىغا بېقىندا بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ باشقا خەلقلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ياقلايدىغانلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە باشقىمۇ ياۋروپا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز خەلقىنىڭ پاجىئەلىك، ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە بېپەرۋا قارايدىغانلارنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.