قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تەقدىرى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى جىددىي ئويلاندۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى فېۋرال، ئالمۇتا.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى فېۋرال، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئەينى ۋاقىتلاردا سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئەمگەكلەر نەشر قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا ئەنە شۇ چاغلاردا قېلىپلاشقان بىر نەچچە ئىجتىماىي-سىياسىي ئامىللار سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە مىللىي مەكتەپلەرنى، سەنئەت ئوچاقلىرىنى ئېچىش، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق ئىشلار يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر يەردە ھەر خىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان نەتىجىلەرنى بەردى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە ئىلمىي تەتقىقاتلار ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەردە ئۆز شارائىتىغا كۆرە بولدى.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى پەقەت 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئانا دىياردىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن خەۋىرى بار كىشىلەر ئارىمىزغا كېلىپ قوشۇلدى. كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنى تەتقىق قىلىش بويىچە ئىككى چوڭ مەركەز بەرپا بولدى. بىرىنچىسى، ئۆزبېكىستاندىكى ئالىملىرىمىزنىڭ ئەجرى بىلەن مەيدانغا كەلدى. ئىككىنچىسى، قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشىغا باغلىق بولدى.»

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە ئېلان قىلغان ئىكەن.

«كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنى تەتقىق قىلىش بويىچە ئەڭ چوڭ مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ بىرى مەرھۇم ساۋۇت موللاۋۇدوف رەھبەرلىكىدە كۆپلىگەن ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دەرسلىكلەر يېزىلدى. ئومۇمەن، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا قوشۇمچە بولۇپ داۋام قىلدى. يوق قىلىنىپ كەتكەن شەرق ئۇسۇلىدىكى پوېزىيە قايتىدىن تىرىلدى. بۇ ساھەدە ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭمۇ ئەمگەكلىرىنى ئاتاپ ئۆتمىسەك بولمايدۇ. بۇ ساھەدە باتۇر ئەرشىدىنوفمۇ بىر تۈركۈم تەتقىقاتلىرىنى ئېلان قىلدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، 1986-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى 1996-يىلى يېپىلغان. بۇ ئورۇن شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى بولۇپ قايتا تەشكىللەنگەن ئىدى. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ باشقا ساھەلەرگە كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەركەزدىكى ئالىملارنىڭ سېپى قىسقىراپ كەتتى.

ئالىمجان ھەمرايېف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئەھۋالىمىز ياخشى ئەمەس. كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە بۇرۇنقى ئەنئەنىلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئالىملىرىمىز يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىمۇ ھالسىراپ كەتتى.»

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىياتشۇناس، كاندىدات-دوكتور شاىرەم باراتوۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ باشقىمۇ ساھەلىرىگە ئوخشاش ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن جۇشقۇن تەرەققىي ئەتكەن ئىكەن. بۇنىڭغا 1946-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تارىخ، ئارخېولوگىيا ۋە ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتى تەركىبىدە ئۇيغۇر-تۇڭگان بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشى زېمىن بولغانكەن.

شاىرەم باراتوۋا مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، 1960-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شۇ جۈملىدىن كلاسسىك ئەدەبىيات ساھەسىدە بىر تۈركۈم ئالىملىرىمىز ئىشلىدى. بولۇپمۇ مۇرات ھەمرايېف، ساۋۇت موللاۋۇدوف، باتۇر ئەرشىدىنوف، يۈسۈپبەك مۇخلى قاتارلىق تەجرىبىلىك ئالىملار بىلەن بىر قاتاردا ئەبەيدۇللام سەيدۇللايېف، دىلشات رەيھانوف قاتارلىق ياش تەتقىقاتچىلار ئەدەبىياتىمىزغا ئائىت قول يازمىلارنى ئېلان قىلىش ھەم ئۇلارنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ھۆكۈم سۈرگەن ئون يىلنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ موسكۋا، لېنىڭراد، يەنى ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ، تاشكەنت شەھەرلىرىدىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان قول يازمىلارنى تەتقىق قىلىش بويىچە كۆپ ئىشلار قىلىندى.»

شاىرەم باراتوۋانىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا بولۇپمۇ مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ھەم مەنبەشۇناسلىق بۆلۈملىرىنىڭ پائالىيىتى ۋە باشقا ئامىللارمۇ سەۋەب بولغان ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئىنستىتۇتتا بۇ ساھە بويىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلارنى تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئەنە شۇ ساھە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ كۆپلىگەن ئالىملىرىمىز ئۇ ياقتىكى كەسىپداشلىرىنىڭ ياردەملىرى، شۇنداقلا شەخسىي بېرىش-كېلىشلەر تۈپەيلى كۆپلىگەن مەنبەلەرنى تاپتى ھەم شۇلار ئاساسىدا ئىلمىي لايىھەلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ چاغلاردا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە قوليازمىلار ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قوليازمىلار ساقلىنىۋاتاتتى. بىزگە ئەنە شۇ مەنبەلەر بىلەن ئىشلەلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەر ھاۋادەك لازىم ئىدى. لېكىن 1996-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېپىلىشى بىلەن بۇلارنىڭ بارلىقى توختاپ قالدى.»

شاىرەم باراتوۋا ئۆزىنىڭ ئالىم بولۇپ يېتىلىشىدە مۇرات ھەمرايېف، ساۋۇت موللاۋۇدەوف، باتۇر ئەرشىدىنوف قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىل ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ئىشلىگەن بولسىمۇ، كېيىنكى يىللىرى پەيدا بولغان بەزى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن بۇ ئىلىم دەرگاھىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت