يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇئۇشتۇرغان بۇ پائالىيەت قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى-كاتىبات رەھبىرى مارات ئەزىلخانوف بىلەن تور ئارقىلىق ئۇچرىشىش شەكلىدە ئۆتتى.
ئۇنىڭغا مەركەزنىڭ باشقارما ئەزالىرى، ئۇنىڭ جاي-جايلاردىكى شۆبىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جەمئىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار قاتناشتى. ئۇنى كىرىش سۆز بىلەن باشلىغان مەركەز رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف بۇ ئۇچرىشىشنىڭ دۆلەت پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ «يېڭى قازاقىستان» قۇرۇش ئىدىيەسى دائىرىسىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاندىن سۆز ئالغان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى-كاتىبات رەھبىرى مارات ئەزىلخانوف مۇنداق دېدى: «ئېلىمىز ‹يېڭى قازاقىستان› ئىدىيەسى بويىچە يېڭىلىنىپ، چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسىدا، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە چوڭ ئىسلاھاتلار، باشلانمىلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بارلىقىنى پرېزىدېنت ئۆزى باشقۇرۇۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزمۇ ئاسسامبلېيە نامىدىن بارلىق ئىشلىرىمىزغا يېڭىچە قاراپ، يېڭى لايىھىلەرنى، تەشەببۇسلارنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمىز. جەمئىيەت، دۆلەت بىزدىن يېڭىلىقلارنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. دېمەك، يېڭىچە ئىشلىشىمىز، يېڭى تەلەپلەرگە لايىق بولۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا دوستانە شارائىتتا، سەمىمىي ئەھۋالدا جىددىي مەسىلىلەرنى، جەمئىيەتتىكى تەلەپلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز، دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا ئۆز پىكىرلىرىڭلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلغان بولار ئىدىم.»
مارات ئەزىلخانوف جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، يىگىتباشلىرى، خانىم-قىزلار كېڭەشلىرىگە ئوخشاش ئىنستىتۇتلارنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئۇچرىشىشتا تەۋسىيە قىلىنغان مەسىلىلەر ئىچىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا ئائىت مەسىلىلەر ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان ئىدى. مەركەزنىڭ باشقارما ئەزاسى، مەركەز يېنىدا قۇرۇلغان ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرگە ھەمكارلىشىش شتابى، يەنى ئانالىتىكىلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروف مىللىي مائائارىپقا ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەردى.
ئۇ ئۇيغۇرلار زىچ ياشاۋاتقان ئالمۇتا ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى بالىلار باغچىلىرىدا ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنى دۆلەت خىراجىتىگە بۆلۈنىدىغان گۇرۇپپىلارغا قوشۇشنى، ۋاكالەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا مەكتەپ ئالدى سىنىپلار ئۈچۈن لازىم بولغان دەرسلىك ۋە كۆرنەكلىك قوراللارنى تەرجىمە قىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇش مەسىلىسىنى ۋە ئۇلارنى ھاجەت بولغان كۆلەمدە نەشىردىن چىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى، ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىكلەر بىلەن كۆرنەكلىك قوراللارغا بەلگىلەنگەن دۆلەت بۇيرۇتمىسىنى 3000 دانىگە يەتكۈزۈشنى، سۈپەتلىك بىلىم بېرىش كاپالىتى سۈپىتىدە ۋاكالەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرىسلىكلەرنى نەشىر قىلىش ھوقۇقىنى تەجرىبىسى مول مەخسۇس ئۇيغۇر تەھرىراتلىرىغا بېرىش بويىچە قارار قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ۋە باشقىمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنى تەۋسىيە قىلدى.
ئۇچرىشىشتا سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ قازاقىستان ئىلىم-پەنىنىڭ تەرەققىياتى يولىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئىشلىرى نۇرغۇن ھەم ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدىكى تەتقىقات ئىشلىرىغا دۆلەت فوندىنى كۆپەيتىش ۋە مەركەزنى كادىرلار بىلەن تەمىنلەش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بولۇپمۇ ئۇنى ياش كادىرلار بىلەن تولدۇرۇش تەكلىپى بېرىلدى.
ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناملىرى بېرىلگەن يېزا ۋە كوچىلارنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان نارازىلىقلارنى بېسىش، داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى تىكلەش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ياشلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ۋە ئۇلارنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەر، مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان تىجارەتچىلەر مەسىلىلىرىمۇ قارالدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندى مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئۇچرىشىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە پايدىلىق بولدى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇنىڭدا بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى دۆلەت رەھبەرلىكىگە يەتكۈزۈش كۆزدە تۇتۇلغان. مۇنداق ئۇچرىشىش، يادىمدا بولسا، تارىخىمىزدا بىرىنچى قېتىم بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇچرىشىش يۈزمۇ-يۈز ئۆتكەن بولسا، ياخشى بولار ئىدى، لېكىن ھاۋارايىنىڭ تۇيۇقسىز بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن پايتەختىمىز نۇرسۇلتان شەھىرىدىن كېلىدىغان مېھمان بىلەن پەقەت تور ئارقىلىق كۆرۈشۈشكە توغرا كەلدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇچرىشىش مەزمۇنلۇق ئۆتۈپ، ئۇنىڭدا مەيلى مائارىپ، سەنئەت، ئىشلەپچىقىرىش، تارىخ، ئىجتىمائىي ھايات ۋە باشقىمۇ ساھەلەر بولسۇن، بىزنى ئويلاندۇرۋاتقان، تەشۋىشلەندۈرۋاتقان كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئېيتىلدى، دەپ ئويلايمەن.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئارخىپ ئىشلىرى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقاتچى رىئاد قۇربانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى-كاتىبات رەھبىرى مارات ئەزىلخانوف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ئائىت مۇھىم مەسىلىلەرمۇ كۆتۈرۈلدى. مەزكۇر ئۇچرىشىشتا پۈتكۈل قازاقىستان دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. 1918-يىلى يەتتەسۇدا ئۇيغۇر ئاھالىسىنى كوللېكتىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىمۇ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇنى خەلقىمىز ‹ئاتۇ پاجىئەسى› دەپ ئاتايدۇ. سوۋېت دەۋرىدە بۇ قىرغىنچىلىق خەلقتىن سىر تۇتۇلۇپ، بۇ ھەقتە ھەقىقەت ئېيتىلماي كەلگەن ئىدى. پەقەت قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ يۆنىلىشتە بەزى ئىشلار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ كۈنگىچە ئۇنىڭغا ئوبيېكتىف باھا بېرىلمىدى.»
ئۇچرىشىش ئاخىرىدا مارات ئەزىلخانوف تەۋسىيە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ شەرتلىك تۈردە دۆلەت دەرىجىسىدە قارىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆم خەلق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ، قازاقىستاننىڭ دۆلەت بىرلىكىنى، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە مەستەھكەملەشكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە مەزكۇر ئۇچرىشىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇمكى، ئەينى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەن ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈم سۈرگەن يىللىرى ۋە بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى سانائەت، يېزا-ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت، ئىلىم-پەن، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن پەقەت ئوتتۇرا ئاسىياغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان نۇرغۇنلىغان دۆلەت، مەدەنىيەت ۋە جامائەت ئەربابلىرى، ئاتاقلىق يازغۇچىلار، كۆرنەكلىك ئالىملار يېتىشىلىپ چىقتى.
90-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئىلگىركى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئورنىغا مۇستەقىل دۆلەتلەر پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دەۋر سۈرۈشكە باشلىغاندى. لېكىن ئىقتىسادىي كرېزىسلار سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بەزى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كېيىن قالسا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. شۇنىڭغا قارىماي، ھازىرغىچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش، ئەۋلاتلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيىلەش ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەردىكى جىددىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.