ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى
2025.02.26
22-فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە مەشھۇر ئالىم ۋە تىلچى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىنىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئانا تىلىم-دانا تىلىم» ماۋزۇسىدا خەلقارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
مەزكۇر يىغىن قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ 33-مەجلىسىنىڭ 2024-2025-ئوقۇش يىلىغا بېغىشلانغان قارارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دائىرىسىدە ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسى ۋە يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمىيەتلىرى، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى، «جەمئىيەتلىك كېلىشىم» ۋە «ياشلار بىرلەشمىسى» جۇمھۇرىيەتلىك جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇ مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىنىڭ زامانىۋى تىلشۇناسلىقتا تۇتقان ئورنىنى مۇھاكىمە قىلىش، ياش ئەۋلادلارغا روھىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
يىغىندا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ تۈركىي تىللارنى ۋە تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەھمىيىتى، زامانىۋى بىلىم بېرىش مەسىلىلىرى، مىللەتشۇناسلىق، ئەنئەنە ۋە فولكلور تەتقىقاتىدىكى قىممىتى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاياتى، پائالىيىتى ۋە ئىجادىيىتى، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ بىلىم ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى رولى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنغان.
يىغىننى كىرىشمە نۇتۇق بىلەن ئاچقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىلمىي مىراسى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەر تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ، بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇتۇقلار تىلىدى.
يىغىندا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىنىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلانغان دوكلاتلار ئوقۇلدى. ئۇنىڭدا يەنە ئالمۇتا شەھىرى، ئالمۇتا ۋە يەتتىسۇ ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەم يۇنېسكونىڭ ئىختىساسلاشتۇرۇلغان مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا پروزا ژانېرىدا بىرەر مەسىلىگە بېغىشلانغان ئوچېرك يېزىش ھەم ئىلمىي لايىھەلەر بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلاتچىلار ۋە سۆزگە چىققانلار مەھمەد قەشقىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختالسا، مۇئەللىملەر مەزكۇر ماۋزۇ بويىچە ئىلمىي ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەمگىكىنى بىلىم بېرىش ساھەسىدە قوللىنىش مۇمكىنچىلىكلىرى توغرىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇنداق دېدى: «مەھمۇد قەشقىرى ئۆز ئەسىرى ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى بىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىنى دۇنياغا قانداق تونۇشتۇرۇشنى ياخشى بىلگەن. بىز بۇ ئەسەرنىڭ 950 يىللىق شەرەپىگە يىغىلىۋاتىمىز. مۇشۇ شەرەپ بىلەن مەھمۇد قەشقىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن قەشقەردە مۇشۇنداق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈش ھازىر مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بىر پەيتتە، قازاقىستاندا مۇشۇنداق بىر يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن خوشالمىز».
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆز سۆزىدە يەنە ئەدىبنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قازاقىستاندا قايتا نەشر قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە رەھمىتىنى ئېيتتى. ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قەشقەر ھەققىدە شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قازاقىستانلىق ئالىملاردىن تاشقىرى تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملىرىمۇ قاتناشتى، يىغىن خەلقئارا دەرىجىدە مەزمۇنلۇق ئۆتتى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› ئەمگىكىگە بېغىشلانغان يىغىن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈركولوگىيە ۋە تىلشۇناسلىق ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىنى زامانىۋى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىش، ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› ئەسىرىنىڭ تۈركىي تىللارنى ۋە تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەھمىيىتىنى ئانالىز قىلىش، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتە قوللىنىش جەريانىغا كۆڭۈل بۆلۈش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، مەھمۇد قەشقىرى ئەسەرلىرىنى بىلىم بېرىش جەريانىدا پايدىلىنىش بويىچە تەكلىپلەرنى تەييارلاشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى قويغان. مەن ئويلايمەنكى، بۇ ۋەزىپىلەر تولۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى».
ھاكىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق شەخسلەرگە بېغىشلانغان مۇشۇنداق مۇراسىملارنىڭ ياش ئەۋلادلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چەت ئەللىك ئالىملاردىن تۈركىيەلىك تەتقىقاتچى، دوكتور ئەھمەد قارامان «‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›نىڭ تېپىلىشى ۋە ئۇنىڭ يورۇق كۆرۈشى»، ئەبۇ رەيخان بېرۇنى نامىدىكى ئۆزبېكىستان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت خوجايېف «مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئازىق يېزىسىدىكى مازارى»، مىرزا ئۇلۇقبېك نامىدىكى ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا تارىخى بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى سالىماخون مادىياروۋا «مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىلمىي مىراسى»، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئەركىن ئەمەت «تۈركىيەدە ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار»، قىرغىزىستاننىڭ ق. تىنىستانوف نامىدىكى ئىسسىقكۆل دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى سەيپۇللا ئابدۇللايېف «مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› ئەمگىكىنىڭ سىنتاكسىسىغا بولغان مۇناسىۋىتى» قاتارلىق ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئۆتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دائىرىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۇستازلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى. بىر تۈركۈم ئۇستازلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي دوكلاتلىرىنى تونۇلغان ئالىملار ئالدىدا ئوقۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. مۇئەللىملەرنىڭ ئاساسىي قىسمى بولسا، ئۇلۇق ئالىمىمىز ئىجادىنى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى بويىچە كەسىپداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ 9-10-11-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ماقالە يېزىش ۋە ئىلمىي لايىھەلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى».
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىنى ياد ئېتىش مۇراسىملىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئەنئەنىگە ئايلانغان. شۇلارنىڭ بىرىنى، يەنى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەمگىكىنىڭ يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلانغان «تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئالمۇتا شەھىرىدە بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تۈركسوي، يەنى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ھەم ئالمۇتا شەھەرلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك «يىگىت بېشى» ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى.