مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا، ھازىر ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى، مىللىي مائارىپى، مەتبۇئاتى، مەدەنىيىتى ھەم ئەدەبىياتىنى مۇكەممەل ساقلاپ كېلىۋاتقان مەملىكەت قازاقىستاندۇر. بۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قەدرىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ، بۇ يۆنىلىشتە ئەمەلىي ۋە جىددىي پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش ھەر ساھەلەردە خىزمەت قىلىشىغا ئىمكانىيەتلەر يارىتىپ كەلگەنىدى. ھازىر مەملىكەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى كۆپتۇر. ئۇلار مانا شۇ ئىمكانىيەتلەرنى پايدىلانغان ھالدا، ئوقۇشتا ۋە جەمئىيەتلىك ئىشلاردا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ، زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە ھەم شۇنىڭ ئارقىلىق ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەمەلىيەتتە دەلىللەپ كەلمەكتە.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر قىزى شاخنوزا ھېيتجانوۋانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەكىلى خانس فرىدرىخنىڭ قولىدىن مۇكاپات ئالغانلىقى توغرىلىق خەۋەر تارقىلىپ، بۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور ئىنكاسقا ئىگە بولغانىدى.
بىز ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇپ ئوقۇۋاتقان شاخنوزا ھېيتجانوۋا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئۇتۇقلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىنىمىزدا، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلىق ئۆمرۈم بىرىنچى كۈندىلا قىزىق باشلانغان. بىرىنچى كۇرسنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملاشتىن باشقا ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە قېتىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش كومىسسىيەسىدە ئىشلىدىم. ئىككىنچى كۇرستا ناھايىتى كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم. چوڭلىرىدىن «ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كۈنى مۇسابىقىسى» ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىلگىرىكى ئورۇنلارغا ئېرىشتىم. 3-كۇرسنىڭ بېشىدا تۇنجى پرېزىدېنتنىڭ پۇللۇق مۇكاپات ئىگىسى ئاتالدىم. بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقۇمنىڭ بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە مۇسابىقىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشىشىم بولدى. مۇسابىقە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدا ئۆتكەن ئىدى».
ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مۇسابىقىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئاگېنتلىقى، قازاقىستاننىڭ ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق دۆلەت مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەت تەۋەلىكىسىزلىقلار تورى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. مۇسابىقە ماۋزۇسى «1961-يىلىدىكى ‹دۆلەت تەۋەلىكىسىزلىقنى قىسقارتىش خەلقئارا شەرتنامىسى›نىڭ ئەھمىيىتى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان. مۇسابىقە شەرتى بويىچە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1000 سۆزلۈك ھېكايە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا، 6000 سۆزلۈك تەتقىقات يېزىپ تاپشۇرغان. مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى شاخنوزا ھېيتجانوۋا ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئورۇندىغان «دۆلەت تەۋەلىكىسىزلىقنىڭ قايتا تىكلىنىشى: ھوقۇق بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھوقۇق، يېڭىلانغان قارارلار» دەپ ئاتالغان ئىلمىي تەتقىقاتى يۇقىرى باھالىنىپ، 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن.

شاخنوزا ھېيتجانوۋا يەنە مۇنداق دېدى: «مەن 11 يىل بويى ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىپ، قازاق، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى مۇكەممەللەشتۈردۈم. يۇقىرىقى سىنىپلارغا كەلگەندە ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدىم. مۇسابىقىلەرگە رايونشۇناسلىق، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخ پەنلىرى بويىچە قاتناشقان ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىم قاھھاروف نامىدىكى ياش تالانتلىقلار مۇسابىقىسىدىمۇ ئورۇن ئالغان. مەن ئۇيغۇر مەكتىپىنى تاماملاپ، بۈگۈنكى كۈندە قازاق، رۇس، ئىنگلىز ۋە تۈرك تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىدىم. يېقىندا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ئىشلار مۇكاپاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇسابىقىلىرىگە قاتناشماقچىمەن».
شاخنوزا ھېيتجانوۋا ساغادىيېف نامىدىكى خەلقئارا تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەم ھازىر شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلماقتا. ئۇ كىچىكىدىن ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، ھەر خىل دەرىجىدىكى شېئىرىيەت مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان ۋە مۇكاپاتلىق ئورۇنلارغا سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ۋە «غۇنچە» ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلىدا تاماملاپ، خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەمدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەۋرەتكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يەنە بىرى دىلەرەم ئايۇپوۋا بولۇپ، ئۇ ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى. دىلەرەم ئايۇپوۋا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن ئىستانبۇل پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا بىلىم ۋە ئىلمىي تەتقىقات مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەنىدى.
دىلەرەم ئايۇپوۋا قاتناشقان ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بىلىم مۇسابىقىسىگە 36 دۆلەتتىن ۋە شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ 49 ئالىي مەكتىپىدىن بولۇپ، جەمئىي 107 تەتقىقاتچىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى قاتناشتۇرۇلغانىدى. خەلقئارادا تونۇلغان ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلاردىن ئىبارەت قازىلار توپىنىڭ قارارىغا بىنائەن دىلەرەم ئايۇپوۋا 3-ئورۇنغا ئېرىشىپ، دىپلوم ۋە سوغان بىلەن مۇكاپاتلانغان.
دىلەرەم ئايۇپوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلى توغرىلىق ئويلىرى ۋە بۈگۈنكى كۈندە يۈرگۈزۈۋاتقان تەتقىقاتلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن مەكتەپ بوسۇغىسىنى ئاتلىغاندىن بېرى ساۋاتىمنىڭ ئانا تىلىدا ئېچىلغىنىغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمىدىم ھەم قىلمايمەن. ئانامنىڭ ئاق سۈتى بىلەن بېرىلگەن ئانا تىلىمدا سۆزلەش مېنىڭ ئائىلە تەربىيەمدىن ماڭا سىڭدۈرۈلگەن بولسىمۇ، دەسلەپكى قەلىمىمنى ئانا تىلىمدا تەۋرىتىش، خىلمۇ-خىل ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرنى مۇشۇ تىلدا ئوقۇپ ئۆگىنىش مېنىڭ ئۈچۈن چوڭ بىر ھاياجان ئىدى. مانا شۇ ئوقۇش جەريانىدا ماتېماتىكا، قازاق ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىن تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشاتتىم. مەكتەپنى ئالىي باھالارغا تاماملاپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە قاتناشقان مۇسابىقە نەتىجىسىدە مەن ‹ئۈركېر› مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدۇم. 2013-يىلى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى تۈركشۇناسلىق بۆلۈمىگە ھۆكۈمەت خىراجىتىگە ئوقۇشقا كىردىم».
دىلەرەم ئايۇپوۋا ھەر قانداق بىر ياشنىڭ ئۆز ئېلىگە، ئۆز خەلقىگە قانداق قىلىپ پايدا كەلتۈرۈش ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىش لازىملىقىنى، ئۆزىنىڭ بار بىلىمىنى، كۈچ-غەيرىتىنى، ھاياتىنى خەلققە خىزمەت قىلىش ئوخشاش ئۇلۇغ ئىشقا سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆز ئانا تىلىنى، مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش ئوخشاشقا ئۇلۇغ ۋەزىپىنىڭ تۇرغانلىقىنى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ كېلەچىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنداق دېدى: «ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتىپىگە بېرىشى ئۈچۈن مائارىپ جانكۆيەرلىرى، جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى، يىگىت باشلىرى، ھەتتا مۇئەللىملەر ھەر يىلى ھارماي-تالماي يېزىمۇ-يېزا ئۆيمۇ-ئۆي ئارىلاپ، تەشۋىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بولسا، بۇ بىر ئېچىنارلىق كۆرۈنۈش. نېمىشقا بىز بالىلىرىمىزنى ئۆز ئىختىيارىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى كېلەچەككە دېگەن ئىشەنچ بىلەن شۇ ئانا مەكتەپلىرىمىزگە يېتىلەپ كەلمەيمىز. ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق ناتوغرا ھەرىكەتلەر بىلەن بالىلىرىنى ئانا تىلىنى بىلىش، بۇ تىلدا بىلىم ئېلىش ھوقۇقىدىن ئايرىپ، ئۇلارغا ئەڭ چوڭ خىيانەتنى قىلغان بولۇۋاتىدۇ. كېلەچىكىمىزدىن گۇمان قىلىشنى قويۇشىمىز كېرەك. مىللىيلىكنى ساقلاپ قېلىشقا ھازىر ئىمكانىيەتلەر يارىتىلىۋاتىدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە پالتا چاپماسلىقىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردە شارائىت يوق، يا كېلەچىكى يوق دېيىش بۇ، مېنىڭچە، بىر باھانە. ئەگەر ئوقۇيمەن، تىرىشىمەن دېگەن بالا بولسا، ئۇ شارائىتقىمۇ قارىمايدۇ. بەلكىم مۇشۇ قىسقا بىر سۆھبەت كىمدۇر بىرلىرىنىڭ يۈرىكىگە يېتىپ، ئانا تىلىمىز، تارىخىمىز، كېلەچىكىمىز ھەققىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىشىغا سەۋەبچى بولار دەپ ئۈمىدلىنىمەن».
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ژۇرنالىست ئازنات تالىپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاقىستان تەۋەسىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېف ئاساسىنى سالغان مىللىي مائارىپىمىز مەۋجۇت. ئوچۇق ئېيتىش كېرەك، ئانا تىللىق بىلىم دەرگاھلىرىنى تاماملىغانلار ئارىسىدىن ئۆز ساھەسىنىڭ يېتۈك مۇتەخەسسىسلىرى، كۆپلىگەن ئالىملار، يازغۇچى-شائىرلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى يېتىلىپ چىقتى. مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ تۈلەكلىرى دىلەرەم ئايۇپوۋا ۋە شاخنوزا ھېيتجانوۋانىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ئانا تىلىدا تەلىم-تەربىيە ئالغان قاراكۆزلىرىمىزنىڭمۇ بىلىم جەھەتتىن رىقابەتكە چۈشەلەيدىغانلىقىنى دەلىللىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ بىزدە مائارىپىمىزغا ئائىت ئويلىنىدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بىرىنچى نۆۋەتتە بۇ ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىزنى، سىنىپلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش. يەنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ سانى قىسقىرىپ كېتىشىگە ئوخشاش مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. چۈنكى مىللىي مائارىپىمىز چىرىغى ئۆچسە، مەۋجۇداتلىقىمىزمۇ پۈتۈنلەي توختايدۇ دېگەن سۆز. شۇڭا ھازىر ئايرىم مىللەتپەرۋەر ئىنسانلىرىمىز شۇ يۆنىلىشتە توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ».
ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت دەۋرىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان بالىلار سانى 30 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سانى 15 مىڭغا قىسقىرىپ كەتكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئايرىم مەرىپەتچىلەر، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەزىيەتنى ئېنىقلاش، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنىدى ھەم ھازىرمۇ بۇ يۆنىلىشتە بەزى ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئارقىسىدا ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى سانىنىڭ قىسقىرىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ توختىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.