19-ئاپرېل كۈنى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەدەبىياتچىلار ئۆيىدە 2023-يىللىق ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتى ھەم باشقىمۇ ۋىلايەتلەردە، شۇنداقلا قوشنا ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ۋەكىللەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ قاتناشتى. يىغىنغا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى نۇرجان قۇئانتايئۇلى رىياسەتچىلىك قىلدى.
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىمىنى ياڭرىغاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆتكەن يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن يازغۇچىلارنى بىر مىنۇتلۇق سۈكۈت بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى. ئاندىن قازاق ئەدەبىياتىنىڭ پروزا، پوئېزىيە، دىراماتورگىيە، بالىلار ئەدەبىياتى، ئەدەبىي تەنقىد، ھۆججەتلىك پروزا، ساتىرا ۋە باشقىمۇ ساھەلىرى، شۇنداقلا قازاقىستاندىكى رۇس ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتلىرى بويىچە ئون ئۈچ دوكلات ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا «ئالاش» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، شائىرە ۋە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى پاتىگۈل مەقسەتوۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
پاتىگۈل مەقسەتوۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شائىر-يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىدە مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ بۈگۈنكى نەپىسىنى، مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى، بىرلىكىنى يورۇتۇشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ چۈشىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن پېشقەدەم شائىر ئابدۇلھەي روزىنىڭ 100 يىللىقى كەڭ تۈردە خاتىرىلىنىپ ئۆتۈلدى. ئۆتكەن يىلى يەنە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەستىقلىغان ‹چىنار› ئەدەبىي-ئىجتىمائىي قوش ئايلىق ژۇرنالىنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىكى تارىخىي ۋەقە بولدى. ئاقساقال يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروفنىڭ ‹قازاقىستاننىڭ خەلق يازغۇچىسى› دېگەن يۇقىرى ئاتاققا ئىگە بولۇشىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئېتىراپ قىلىنىشى، دەپ چۈشىنىمىز.»
پاتىگۈل مەقسەتوۋا خانىم يەنە ئۆتكەن يىلى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىڭ بۇ يىغىندا تەكىتلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇشۇنداق ئۇتۇقلار، پوئېزىيە، پروزا ۋە پۇبلىتىستىكا بويىچە يورۇق كۆرگەن كىتابلار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ پائالىيىتى بويىچە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رەخمەتجان يۈسۈپوف دوكلات بىلەن سۆزگە چىقىپ، كەڭ تۈردە توختىلىپ ئۆتتى. مەزكۇر يىغىن ئاخىرىدا ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەستىقلىغان ‹قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى› دېگەن شەرەپلىك نامنى ئالغانلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر چوڭ ئۇتۇقى بولدى.»

ئومۇمەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە ئالمۇتادىكى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى ئالىملىرىنىڭ بىر قاتار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى، شۇ ئىنستىتۇتنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى گۈلجاھان ئوردا خانىم بولۇپ، ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قازاقىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى ھەر يىلى قازاقىستان خەلقلىرى ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىنستىتۇتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە قازاقىستاندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى مەخسۇس تەتقىق قىلىنىدۇ. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئۆزىگە لايىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى پەقەت ئۆز خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاننىڭ تارىخىنىمۇ تەسۋىرلەپ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار قازاق ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى مەدھىيەلىدى. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.»
خەلقئارا «ئالاش» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، تونۇلغان شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ مەزكۇر ئاتاققا ئىگە بولۇشىنىڭ بارلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى قاتتىق خۇشال قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن ئىجادىيەتتە ئادىللىق بولۇش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئابدۇغوپۇر ئاكىنىڭ كۆپ يىللىق ئىجادىيىتى ئادىل، مۇناسىپ باھاسىنى ئالدى، دەپ ھېسابلايمەن. ئۇ ھەقىقەتەن شۇ ئاتاققا مەنسۇپ، لايىق ئادەم. ئىنسانچىلىق، ئىجادكارلىق تەرىپىدىن بولسۇن، ئۇنىڭ ئەمگىكى شۇنىڭغا لايىق. مەن ئابدۇغوپۇر ئاكىنى شۇ ئاتىقى بىلەن چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرىنىڭ يارقىن قىياپىتىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئابدۇغوپۇر ئاكا ماڭا 1990-يىللىرىدىن بۇيان تونۇش. بۇ كىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى - ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يەردىكى بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. ھەر قانداق پائالىيەتكە شۇ پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك شېئىر يېزىپ كېلىدۇ. ھەر قاچان ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپىدىكى ۋەقەلەرگە ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرى خەلققە كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ، مىللىي غۇرۇرىنى كۆتۈرۈشكە ياخشى تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ تىنماي ۋەتەن تېمىسى ئەتراپىدا يېزىۋاتىدۇ. 80 دىن ھالقىپ كەتسىمۇ، تىنماي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ بۈگۈنكى ياشلارغا ئۈلگە-ئىبرەت بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى تالانتلىق، ئىستېداتلىق، ۋەتەنپەرۋەر شائىر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى كوممۇنىست خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان مىللىي زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلار كۆچۈپ چىققان ئىدى. شۇلاردىن زىيا سەمەدى، مەسۈمجان زۇلپىقاروف، دولقۇن ياسىن، يۈسۈپبەك مۇخلىسوف، باتۇر ئەرشىدىنوف ۋە باشقىمۇ يازغۇچىلار قازاقىستانغا ئورۇنلىشىپ، بۇ ئەلنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ ھەسسىسىنى قوشقان. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفمۇ شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ «قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى» ئاتىقىنى ئېلىشى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى سۆيۈندۈردى.