قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شتابى قۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-05-20
Share

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى، مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ، مەدەنىيىتىنى، مەتبۇئاتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر مەملىكەتتە ئۇيغۇر تىلىدا مەكتەپلەر، گېزىت-ژۇرناللار، مىللىي تىياتىر، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار پائالىيەت ئېلىپ بارماقتىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شتابى قۇرۇلغانىكەن. مەزكۇر شتابنى قۇرۇش تەكلىپى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدە بولۇپ ئۆتكەن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە بىر ئېغىزدىن «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف سايلانغان.

بىز ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شتابىنىڭ ئەزاسى، «مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېفنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر شتابنىڭ مەقسىتى ۋە ۋەزىپىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئىگىلىدۇق.

رەخمەتجان غوجامبەردىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ جاي-جايلاردىكى شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك، يېزىلىق شۆبىلىرىدە مائارىپ كومىتېتلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا مۇنداق شتابنى قۇرۇشنىڭ ھاجىىتى بارمۇ دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مائارىپ كومىتېتلىرى مۇشۇ كەمگىچە ئۆزلىرىنىڭ چامىسى يەتكۈچە ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىشىپ ئىشلىدى ۋە ھازىرمۇ شۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئىككى يىلغا سوزۇلغان كارانتىن تۈپەيلى كۆپچىلىكنىڭ ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىسى سەل سۇسلىشىپ قالدى. شتابنى قۇرۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي مەقسەت مەكتەپلىرىمىزنى قوللاش، ئۇلارغا بالا توپلاش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش ھەم شۇلارغا ياردەمدە بولۇش، ئانا تىلىدا ئوقۇش ئەۋزەللىكلىرىنى كۆپچىلىك ئارىسىدا تەرغىب قىلىش ئوخشاش ئىشلارنى جانلاندۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئانا تىلىدا ئوقۇغان مەكتەپلەرنىڭ، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ، مەكتەپنى تۈگەتكەن ئۇچۇمكارلارنىڭ كېلەچىكى يوق دېگەن سەلبىي كۆز قاراش بەزى ئاتا-ئانىلاردا مۇشۇ كەمگىچە مەۋجۇت ھەم تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار. بالىلىرىمىز ئانا تىللىق مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزلىرى تاللىغان كەسىپ بويىچە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشكەن ۋاقىتتا دۆلەتلىك، يەنى قازاق تىلىدا يا رۇس تىلىدا بىلىم ئالىدۇ. مانا مۇشۇنى باھانە قىلىدۇ. بىراق بۇ شتابنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، شۇنداق كۆز قاراشتىكى ئاتا-ئانىلارغا ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

رەخمەتجان غوجامبەردىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر دۆلەتلىك مەھكىمىلەر بولۇپ ھېسابلىنىپ، ئۇلاردىكى بارلىق جەريانلار ھۆكۈمەتنىڭ، يەنى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىغان پروگراممىسى ئاساسىدا يۈرگۈزۈلىدىكەن. يەنى قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا قانداق يۈرگۈزۈلسە، نەق شۇنداق يۈرگۈزۈلىدىكەن. ئۇلارنىڭ پروگراممىلىرىدا پەرق يوقكەن. بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە بىلىم سۈپىتىنى ئاشۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ھەممە ئۇستازلارنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. ناھايىتى تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئەستايىدىل قىلىۋاتقان ئۇستازلار كۆپ. بىراق مۇئەللىملىك-ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى جان بېقىش كەسپىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئوقۇتقۇچى-مۇئەللىملەرمۇ يوق ئەمەس. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە مەكتەپ مەمۇرىيەتلىرىگە، ئۇستازلىرىغا بالا توپلاش ھەم ئوقۇغۇچىلارغا كەسىپ تاللاش مەسىلىلىرىدە ھەمدەم بولۇش ھەمكارلىشىش شتابىنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نېمىشقا؟ كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارمۇ، مەكتەپ مەمۇرىيىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ھالدا ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنى، ئۇ يەردە ئالىدىغان كەسىپ-مۇتەخەسسىسلىكنى توغرا تاللاپ، شۇ يەرلەرگە چۈشۈپ ئوقۇشىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، مۇستەقىل قازاقىستان ئېلىگە خىزمەت قىلىشىنى خالايدۇ.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ۋە كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش ئىنستىتۇتى شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا خانىم ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شتابى قۇرۇلۇپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىش-پائالىيىتىنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىن باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شتاب ئەزالىرى ۋە ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە 17-ماي كۈنى تازا ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردىن شەھەرنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيادە، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپتە، سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيادە، ھۆجەت مەھەللىسىدىكى156-رۇس-قازاق-ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە، شۇنداقلا تۈركسىب ناھىيەسىدىكى 89-رۇس-ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇش ھەم تەربىيە ئىشلىرى بويىچە مۇدىر ئورۇنباسارلىرى بىلەن ئۇچراشتى. قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقىغا دائىر›مۇستەقىللىق ئەۋلادلىرى‹ماۋزۇسى دائىرىسىدە باشلانغان بۇ ھەرىكەت كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن كارانتىن قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. مەكتەپلەر مەمۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان باش قوشۇشتا ئالىملار ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مەكتەپتىن كېيىن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش شەرتلىرى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىلىدىغان ئىمتىيازلار، ھەر خىل ساھەلەر بويىچە تەييارلىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختالدى».

شائىرەم باراتوۋا ئۇچرىشىش داۋامىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنى كۆپەيتىش، ساپالىق بىلىم بېرىشنىڭ ئاماللىرىنى قىلىش، مۇئەللىملەرنى ۋە ياخشى ئوقۇيدىغان بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە باشقىمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ قارالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك جاي-جايلاردا مۇئەللىملەردىن ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىدىن تەركىب تاپقان شتابلارنى قۇرۇش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر شتاب ھەرىكىتىگە «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى، سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاسفېندىياروف نامىدىكى قازاق مىللىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشقانىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شتابىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى پات يېقىندا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىمۇ داۋاملىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت