قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى

0:00 / 0:00

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مېشېل باچېلېتنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىدىغان سەپىرى، شۇنىڭدەك يېقىن ئارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتىدىغان 2-كېڭەش يىغىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولماقتا.

ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرقاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قان-قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىشتا داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىدىن چوڭ ئۈمىدلەر كۈتمەكتە.

بىز ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، تالغىر ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى ئازاد قۇربانوف ئەپەندى دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «قۇرۇلتاي ناھايىتى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەن دەۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ تەنلىرىگە سالامەتلىك تىلەيمەن. 2-كېڭەش يىغىنىغا ماڭغىلىۋاتىمىز. ئۈمىدىمىز زور. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ قانات يېيىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىغا بولغان بىر كىشىلىك خىزمىتىمىزنى ئاتقۇرۇش ئۈچۈن ماڭغىلىۋاتىمىز. كېلەچەكتە ئۈمىدىمىز بار. ھازىرقى ۋەزىيەت ئوڭاي ئەمەس. ھەممىمىز بىرگە ھەرىكەت قىلساق، ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.»

ئازاد قۇربانوف بۇ جەھەتتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش لازىملىقىنى، بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئاكتىپى گۈلبانۇم باقىيېۋا خانىم بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر پاجىئەدە قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا باشلىق بەزى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى›ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹ۋە›ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت‹دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتسىمۇ، خەلقىمىزگە قارىتىلغان زۇلۇم تېخىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزگە تىلى، دىلى، دىنى جەھەتتىن يېقىن مەملىكەتلەر، خەلقلەر، بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار سۈكۈت ساقلاپ ياتىدۇ. مېنى مۇشۇ ئىنتايىن قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مېنى ھازىر كۆپرەك خۇشال قىلىدىغىنى دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جەنۋەدە ئۇيۇشتۇرغان چوڭ نامايىشلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىنى توختىماي يەتكۈزۈشى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى. دېمەك ئۇيغۇر خەلقى كۈرەشنى بىر مىنۇت توختاتماي داۋام قىلىۋاتىدۇ دېگەن سۆز».

ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلپەم زاردىنوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ھازىر تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇم بولۇۋاتقاندا بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بىپەرۋا يۈرۈشى مېنى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ. قازاقىستاندا ئانا تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ساقلاپ قېلىشقا ھەممە شارائىتلار بار. ئىككىنچى مەسىلە، بۇ مىللىي دەۋا مەسىلىسى. ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنغان ھالدا، مىللىي دەۋايىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، زۇلۇمنى ئاشكارىلىشىمىز كېرەك».

ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى، ياشلار مەشرىپىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچى بەخىتشات مەمەتباقىيېف ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇرلار ئالدىدا نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى، شۇلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېز ئارىدا توختىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق نامايىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۆز نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مېشېل باچېلېتتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلىشى دۇنيانىڭ باشقىمۇ دۆلەتلىرى قاتارىدا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق خۇشال قىلدى ھەم تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى، دەپ ئويلايمەن».

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مېشېل باچېلېتنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە بارغان ھالەتتە ئۇنىڭ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقات تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە قوزغىماقتا.