قازاقىستان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى: «لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق قارار ئالغانلىقى بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ»
2021.05.21
مەلۇمكى، يېقىندا لىتۋا پارلامېنتى كۆپ ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلغانىدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ ۋەقە رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىنمۇ ئورۇن ئالدى.
لىتۋادا رۇس تىلىدا چىقىدىغان «بالتنيۇس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئەسلەندى. لىتۋانىڭ خىتايغا قارشىلىقى باشلاندى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، لىتۋا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىنى ئەيىبلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بېيجىڭغا بولغان سىياسەتنى قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. لىتۋا پارلامېنتى «خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئاممىۋى، دائىمىي ۋە قاتتىق بۇزۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە» قارار قوبۇل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى شىنجاڭ لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قانۇنىي ئاساستا سوراق قىلىشقا چاقىرغان.
ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، لىتۋا خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى مىللىي بىخەتەرلىك قانۇنىنى كۈچىدىن قالدۇرۇشىنى، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى، سۆز ۋە سىياسىي ئەركىنلىكلەرنى چەكلەشنى توختىتىشنى، شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى بويىچە مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنى تىبەتكە كىرىشكە يول قويۇشنى ۋە دالاي-لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىكەن.
ئېستونىيەنىڭ «ئېرر» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ئىگور كارمازىننىڭ «لىتۋا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇناسىۋىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى» ناملىق ماقالىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ بايدېن مەمۇرىيىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن «قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنى ئەنگلىيە ۋە كانادامۇ قوللانغانىكەن. ھوقۇق قوغداش گۇرۇپپىلىرى، تەتقىقاتچىلار، سابىق تۇرغۇنلار ۋە بەزى غەرب قانۇنشۇناسلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىلىيونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىكەن. لېكىن بېيجىڭ دەسلەپتە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسا، كېيىنىرەك ئۇلارنى دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش بويىچە ئوقۇش مەركەزلىرى دەپ ئاتىۋالغانىكەن.
لىتۋا پارلامېنتى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى؟ بۇنىڭ باشقا ياۋروپا مەملىكەتلىرىگە تەسىرى بولامدۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇنى قانداق قوبۇل قىلدى؟
بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن بىز قازاقىستاندىكى بىر قاتار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.
تونۇلغان تارىخچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى لىتۋانىڭ بارلىق ھەقىقىي پاكىتلار ئاساسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ھېسابلاپ، مەخسۇس قارار ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ خىتايغا قارىتىلغان كۈچلۈك زەربە دېسەك بولىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارار ئالغاندىن كېيىن، يېڭى زېلاندىيە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېگەن قارار ئالدى. لىتۋا ئۆزى كىچىككىنە دۆلەت. ھازىر ئۈچ يېرىم مىليون ئەتراپىدا نوپۇسى بار. لېكىن مۇنداق قارار ئېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى، مېنىڭچە، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقنى بېشىدىن كەچۈرگەن دۆلەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۇبدان چۈشىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، لىتۋادا دېموكراتىيە ئىنتايىن ئىلگىرىلەپ كەتتى. خەلقنىڭمۇ سىياسىي ئاڭ-سېزىمى ئۈستۈن. شۇنداقلا ئۇ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەت.»
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە لىتۋا پارلامېنتىنىڭ مۇنداق قارار ئېلىشىنىڭ سۆزسىز سىياسىي تەسىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رىزا سەمەدى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىشغالىيەتچى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زۇلۇم-سىتەملىرىنى تارتقان لىتۋا مۇستەقىللىقىنى ئالغاندىن كېيىنكى يىگىرمە يىل مابەينىدە تەڭسىزلىك، خورلۇق، باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقان مەزلۇم خەلقلەر تەرىپىدە بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەرك-ئازادلىق يولىدىكى كۈرەشلىرىنى مەردانىلىك بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە. بۇنىڭ ئىسپاتى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق رەسمىي قارار قوبۇل قىلغانلىقى. بۇ مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قان-ياش تۆكۈۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. ئىشەنچىمىز كامىلكى، لىتۋا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ جىنايەت-قىلمىشلىرىغا قارشى قارارلارنى قوبۇل قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار لىتۋا پارلامېنتىغا، خەلقىگە چىن يۈرەكتىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چونجا يېزىسىدا ياشايدىغان پائالىيەتچى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرىستان ۋەتىنىمىزنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالىنى پۈتكۈل دۇنيا تونۇۋاتىدۇ، كۆرۈۋاتىدۇ، بىلىۋاتىدۇ، ئاڭلاۋاتىدۇ. شۇ تۈپەيلى نۇرغۇن تەرەققىي ئەتكەن مەملىكەتلەر خىتايغا كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىپ، بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئاخىرقى كۈنلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بولۇۋاتقان يىغىنلار، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى توختىتىش، مەبلەغلەرنى توڭلىتىش سىياسىتى، لىتۋا مەملىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئىقرار قىلغانلىقى بىزنى ناھايىتى خۇرسەن قىلىۋاتىدۇ. ھەممە مەملىكەتلەر بىزنى تونۇپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئويغىنىشىنى ناھايىتى خالايمىز.»
ئىگىلىشىمىزچە، لىتۋانىڭ رەسمىي ئاتىلىشى لىتۋا جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئۇ ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىغا ئورۇنلاشقانىكەن. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 65 300 كىلومېتىر. لىتۋا لاتۋىيە، بېلارۇسىيە، پولشا ۋە رۇسىيە بىلەن چېگرالانغان. يەر زېمىنى ۋە ئاھالىسى بويىچە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئەڭ چوڭ مەملىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لىتۋا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىقلارغا ئەزا دۆلەتتۇر.