مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 11 يىل مۇقەددەم، يەنى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى تىنچ نارازىلىق نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك قىرغىن قىلىشىدىن كېلىپ چىققان مەزكۇر نارازىلىق نامايىشنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇلۇشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى رەۋىشتە تۇتقۇن قىلىنىشى دۇنيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى.
بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ دۇنياغا تارقىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا پەۋقۇلئاددە ھالەت، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىخەتەرلىك چارىلىرى سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار «5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى» نىڭ 30 يىللىقىنى ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ، خاتىرىلىگەن ئىدى.
كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش بۇ يىل قازاقىستاندا قانداق شەكىلدە ئۆتۈۋاتىدۇ؟ بۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسى ۋە خىتاي سىياسىتى ھەققىدە نېمە ئويلايدۇ؟
بىز بۇ ھەقتە بىر قاتار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار قانىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزاسى مالىنەم ئاۋالوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسى› نىڭ قۇربانلىرىنى ئەسكە ئېلىش ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىشىپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش شارائىت، مۇمكىنچىلىك بۇ يەردىمۇ بولغان بولسا، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوچۇق نامايىشلارغا چىقىپ، خىتايغا قارشىلىقىنى، نارازىلىقىنى بىلدۈرەتتى. ئەمما، ئەپسۇس، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت رۇخسەت بەرمىگەنلىكتىن مۇشۇنداق نەزىر ئۆتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ يىل ئۇنداق بولمىدى. بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان بىرىنچى نەرسە بۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارىلىشى. ھازىر قازاقىستاندىكى ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي. بۇ كېسەل بىلەن يۇئۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ، ‹ئۈرۈمچى ۋەقەسى› نى خاتىرىلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە ھېسسىداشلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر تورلاردا ئەينە شۇنداق بىر ھەرىكەت كېتىپ بارىدۇ. باشقا ئامال يوق. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بولسا، تارىخىي ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار، ئەلۋەتتە. مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە، ئىجتىمائىي تورلاردا بۇ ھەقتە خەۋەرلەر كۆپقۇ. بىزنىڭ سىياسەتشۇناس ئاكىمىز قەھرىمان غوجامبەردىمۇ پات-پاتلا ‹ئاخباراتنامە› تارقىتىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چونجا يېزىسىدا تۇرىدىغان سەيىدئالىم ئامۇتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىزنى ئىشغال قىلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى ئارقىسىدا پۈتكۈل دۇنيا زەرداب چېكىۋاتىدۇ. ئىقتىساد تۆۋەنلەپ كەتتى. قىرىلىۋاتقان ئادەم قانچە؟ مانا قازاقىستانغىمۇ يېتىپ كەلدى. بىز ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىمىز. ئەمما مەن ئۇيغۇر دېگەن ھەر بىر قازاقىستانلىق بۈگۈنكى كۈننى ئەسلىمەي قويمايدۇ. بۈگۈن مەنمۇ ئائىلەم بىلەن ئۆيدە قۇرئان ئوقۇپ قويدۇم. ھەممە مەملىكەتلەرگە ھازىرقى خىتاينىڭ يامانلىقىنى، رەزىل سىياسىتىنى، خەلقىمىزنىڭ تۈرمىلەردە ياتقانلىقىنى توختىمائىي يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.»
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى چېلەك يېزىسىدا ياشايدىغان سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ياشلار بۇ يىل ئۆز ئۆيلىرىدە قىلغان دۇئالىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن تېز قۇتۇلۇپ چىقىشىنى تىلىگەنىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2016-يىلدىن تارتىپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كوممۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن بولۇۋاتقان زۇلۇمدىن خەۋىرى بار. گەرچە ئۇلار دەۋراڭ سېلىپ، بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ زۇلۇمىغا بولغان ئۆچمەنلىك، نەپرەت ھەر بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ قەلبىدە ئورۇنلاشتى. ياشلار ھەر دائىم چوڭلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ كەلگەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. بولۇپمۇ سىياسىي داۋادا كېتىپ بارغان چوڭ ئاكىلىرىمىز، ھەدىلىرىمىزنىڭ كۆرسەتكەن يوليورۇقلىرىدىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىز ھەقىقىي يولنى كۆرسىتىپ، ياشلىرىمىزغا يول-يورۇقنى دۇرۇس كۆرسىتىپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
مەلۇم بولغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ھازىر قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشى بىلەن ھۆكۈمەت بەزى قاتتىق چارىلەرنى قايتا كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتىكەن. شۇ جۈملىدىن ئادەملەرنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى قەتئىي ھالدا مەنىي قىلىنغانىكەن.
0:00 / 0:00