مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، مائارىپى، مەتبۇئاتى، سەنئىتى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرى راۋاجلىنىشقا باشلاپ، بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئۇتۇقلار قولغا كەلگەنىدى. ئەنە شۇ بىر ئەسىر داۋامىدا ئونلىغان، يۈزلىگەن ئاتاقلىق شەخسلەر، يەنى دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، مەرىپەتچىلەر، سەنئەتكارلار يېتىلىپ چىقتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەنى يېقىنقى يىللار ئىچىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلىرىدىن ئايرىلدى. مۇشۇ يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە پېشقەدەم ژۇرنالىست، پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقى مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى، پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ھۆرمەتلىك پۇقراسى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئابدۇكېرىم تۇدىياروف 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتى قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدىكى بىر يوقىتىش ھېسابلاندى. ئۇيغۇر مەتبۇئاتى نۆۋەتتە تۈرلۈك مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا.
ئۆزىنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخىغا ئىگە قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتى ئالدىدا بۈگۈن قانداق مەسىلىلەر بار؟ ئۇلارنى ھەل قىلىشتا قانداق چارىلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، مەتبۇئاتى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەم راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە كادىر تەييارلاش مەسىلىسى ئالدىمىزغا قويغان بىر مەسىلە دەپ ئويلايمەن. سەۋەبى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ژۇرنالىست كادىرلار تەييارلانمىدى. ئاخىرقى قېتىم 1988-يىلى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتى قارمىقىدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىلىپ، شۇ يەردە ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى تەييارلىنىپ چىققان. بۇ بۆلۈم 6-7 يىل مەۋجۇت بولدى. بىر ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ئۇيغۇر مەتھۇئاتچىلىقى ھازىر ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان كەسىپ بولماي قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇمكىنچىلىكلەرنى ئىزدەۋاتىمىز».
يېرشات ئەسمەتوف يەنە ياش ژۇرنالىستلارنى تەييارلاش، تەربىيەلەش مەقسىتىدە ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە تالانتلىق بالىلار كۆپ بولغانلىقتىن ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ كادىرسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف باشچىلىقىدا ئۇيغۇر كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يېرشات ئەسمەتوف قازاقىستاندا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ چوڭ بىر گۇرۇپپىسىنىڭ تەربىيەلىنىپ چىققانلىقىنى، شۇلارنىڭ بىرى ئابدۇكېرىم تۇدىياروفنىڭ پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ، ياش كادىرلارنى تەييارلاشتا ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇكېرىم تۇدىياروف 1937-يىلى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ نادەك يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. شۇ يېزىدا باشلانغۇچ سىنىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قوشنا پەنجىمدىكى يەتتە يىللىق مەكتەپتە بىلىم ئالغان. ئاندىن ئوقۇشىنى ياركەنت شەھىرىدە داۋاملاشتۇرغان. 1965-يىلى ئۇ ئالمۇتا شەھىرىدىكى كىروف نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يىگىرمە يىل داۋامىدا پانفىلوف ناھىيەلىك «كولخوزچىلار ئاۋازى» گېزىتىدە بۆلۈم باشلىقى، باش مۇھەررىرنىڭ ئورۇنباسارى خىزمەتلىرىدە بولۇپ ئەمگەك قىلدى. ئۇ تالانتلىق ژۇرنالىست سۈپىتىدە گېزىت پائالىيىتىنى ياخشىلاشقا، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي-مەدەنىي تەرەققىياتىنى يورۇتۇشقا مۇناسىپ ئۈلۈشىنى قوشقان. ئابدۇكېرىم تۇدىياروف 1979-يىلدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتلەر ئارا «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، پارتىيە ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي ئىشلار بۆلۈملىرىنى باشقۇردى. ئاندىن 2010-يىلغىچە تالدىقورغان، يەنى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتى، كېيىن پانفىلوف ناھىيەسى بويىچە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئۆز مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەپ، ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ژۇرنالىست مىنەمجان ئاسىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى ئابدۇكېرىم ئاكا ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخىنى ‹سادائى تارانچى› گېزىتىدىن باشلاش ھەققىدىكى تەشەببۇسۇمنىڭ ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› دا ئېلان قىلىنغانلىقىغا ناھايىتى خۇرسەنت بولغانلىقىنى ئېيتتى. ، 2008-يىلى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ماقالىلەر بېسىلمىغاچقا، ژۇرنالىستىكا تەتقىقاتچىلىرى مۇنىر يېرزىن، ساغىمباي قوزىبايېفلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قەلەمنى قايتىدىن قولغا ئېلىشقا توغرا كەلگەنىدى. بۇنىڭغا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى ئارىسىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۈن قاتقان ئابدۇكېرىم تۇدىياروف بولدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ياركەندتە چىقىدىغان ناھىيەلىك گېزىت تارىخىنى ناھىيەنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ، ‹كەمبەغەللەر ئاۋازى›نىڭ چىققان يىلىنى شۇ ۋاقىتتىكى ‹كوممۇنىزم تۇغى›، يەنى ‹ئۇيغۇر ئاۋازى›نىڭ باشلىنىشى دەپ قاراش تەكلىپىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە ئېيتتى. ئەمما، بىر ئېچىنارلىقى، پانفىلوف ناھىيەسىدىن چۈشكەن بۇ تەكلىپنى شۇ ۋاقىتتىكى پارتىيەۋىي گېزىتىمىزنىڭ رەھبەرلىكى رەت قىلغانىكەن.»
مىنەمجان ئاسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭەش ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە «‹ئۇيغۇر ئاۋازى› ‹سادائى تارانچى›نىڭ ۋارىسى» ناملىق ماقالىسى يورۇق كۆرگەن بولۇپ، بىرىنچىلەردىن بولۇپ بۇ پىكىرنى ئابدۇكېرىم تۇدىياروف قوللىغانىكەن. ئۇ يەنە ئابدۇكېرىم تۇدىياروفنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ پائالىيەتنىڭ ئۆتۈشىگە ئاساسلىق تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرقى ۋاقىتتا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىن تاشقىرى يەنە، «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى، شۇنداقلا «ئىنتىزار»، ئېھسان» «ئاخبارات»، «غۇنچە» ژۇرناللىرى نەشر قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز خىراجىتىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا ھەر خىل چارە-تەدبىرلەر، خەيرخاھلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىق يۈرگۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن.
0:00 / 0:00