قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېڭى ئوقۇش يىلىنى باشلىدى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپى يەنىلا ئۆزىنىڭ سىستېمىلىق پروگراممىلىرى بويىچە داۋاملاشماقتا. قازاقىستان ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى مۇكەممەل يۈرگۈزۈلىدىغان بىردىن بىر دۆلەت بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسىي قىسمى ياشايدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

1-سېنتەبىردە قازاقىستاننىڭ بارلىق ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلىرىدە يېڭى ئوقۇش يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىمۇ ئوقۇش باشلىغان. ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى تولۇق ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ۋە ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ سانى 60 تىن ئوشۇق بولۇپ، ئومۇمەن 17 مىڭ ئۇيغۇر بالىسى ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدۇ. مەزكۇر مەكتەپلەر ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە ئورۇنلاشقان.

ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بارلىقىغا باشقىلار قاتارىدا دۆلەتتىن خىراجەت ئاجرىتىلىدۇ. ئۇلار شۇنداقلا ئوقۇش قوراللىرى ۋە كادىرلار بىلەنمۇ تەمىنلەنگەن.

چېلەك يېزىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىلىم كۈنىگە بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىل 1-سېنتەبىر، قازاقىستان.

بۇ يىل ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر يېڭى 2022-2023-ئوقۇش يىلىنى قانداق قارشى ئالدى؟ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشتا قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟

بىز بۇ ھەقتە بىلىش ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرگە ھەمكارلىشىش ئانالىتىكىلىق مەركىزىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوفنى زىيارەت قىلدۇق.

شەمشىدىن ئايۇپوف بۇ يىل مەكتەپلەرنىڭ بارلىقىنىڭ يېڭى ئوقۇش يىلىغا ھەممە تەرەپتىن تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ھەمكارلىشىش ئانالىتىكىلىق مەركىزىنىڭ جاي-جايلاردا قۇرۇلغان شتاب ئەزالىرىنىڭ، يىگىت باشلىرىنىڭ، خانىم-قىزلارنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي، كوچىمۇ-كوچا ئارىلاپ، ‹پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلىدا ئوقۇتايلى› دېگەن تەرغىبات ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ يىل 1-سىنىپقا كېلىدىغان بالىلارنىڭ سانى خېلى ئۆستى. بولۇپمۇ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى بويىچە 141، ئۇيغۇر ناھىيەسى بويىچە 51، ئالمۇتا شەھىرى بويىچە 77 بالىغا، ئەمدى جۇمھۇرىيەت بويىچە 233 بالىغا كۆپەيگەن. بۇ، ئەلۋەتتە، خۇشال بولارلىق ھادىسە، بىراق بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز تېخىچە پەرزەنتلىرىنى باشقا تىللاردا، يەنى رۇس تىلىدا ئوقۇتۇشنى ئەۋزەل كۆرۈۋاتىدۇ».

شەمشىدىن ئايۇپوف يەنە قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بالىلىرىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلغان بولسىمۇ، شۇنداقتىمۇ بۇنى چۈشەنمەيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئەپسۇسلاندى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى بويىچە بالىلار سانىنىڭ ئۆسۈشىگە چېلەك يېزىسى يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ يۈرگۈزگەن داۋاملىق تەشۋىقاتلىرى سەۋەب بولغان. بۇ يەردە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىغا كەلگەن بالىلار سانى ئۆتكەن يىلى 18 بولغان بولسا، بۇ يىل 42گە ئۆسكەن. بۇ ھەقتە مەزكۇر مەكتەپتە ئۆتكەن مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھەسەنوۋا خەۋەر قىلغان.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇشۇ كۈنگىچە رۇس تىلىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان بولۇپ، بۇ ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقانلار سانىنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىدۇ؟

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف بۇنىڭ سوۋېت دەۋرىدىن قېلىپلىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «رۇس تىلىدا ئۆسسە، جەمئىيەتكە تېز ماسلىشالايدۇ، ھەر قانداق ساھەدە ياخشى نەتىجىلەرگە تېز يېتەلەيدۇ دېگەن بۇرۇنقى چۈشەنچە بار. ئىككىنچىدىن، رۇسچە ئوقۇيدىغان بولسا، رۇسچە ئاخبارات كۆپ، دېگەن چۈشەنچە بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئوبيېكتىپ مەسىلە. ئۇنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئاڭلىق رەۋىشتە بېرىۋاتقانلار شۇنداق دېيىشى مۇمكىن. ئەمدى ئاڭسىز رەۋىشتە رۇسچە ئوقۇسۇن دېگەنلەر كۆپرەك ئۇيغۇرچە ئوقۇپ نەگە بارىسەن، رۇسچە بىلسەڭ، بىر پارچە نېنىڭنى تېپىپ يەيدىغان بولىسەن، دېگەن ئاددىيراق بىر چۈشەنچە بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە مەكتەپنى بالىلار ئەمەس، ئاتا-ئانىلار تاللايدۇ. قايسى مەكتەپكە بېرىمەن دېگەن مەسىلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ خاھىشى بىرىنچى تۇرىدۇ».

ئانا تىلىدا ۋە رۇس تىلىدا ئوقۇغان بالىنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بالىلىرىمىز رۇسچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئوقۇسىمۇ، بەرىبىر ئۆزىمىزنىڭ قارا كۆزلىرىمىز. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق بولۇشى سۆزسىز. چۈنكى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بالىلار ئانا تىلىغا پۇختىراق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، تارىخىنى، ئەدەبىياتىنى بىلىدىغان ئوقۇغۇچى بولىدۇ. مىللەتنىڭ ساقلىنىشىغا ئۆزىنىڭ ئۈلۈشىنى قوشالايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بولىدۇ. ئەمدى باشقا تىلدا ئوقۇغان بالىلار مۇتلەق باشقا مىللەت بولۇپ كەتمەيدۇ. بىراق ئۆزىنىڭ مىللىتىگە خىزمەت قىلىش، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئۇلاردا چوڭ بىر بوشلۇق بولۇپ قالىدۇ. باشقا تىلدا ئوقۇغان بالىلىرىمىز ئامال يوق باشقا فۇندامېنتقا (ھۇلغا) قۇيۇلغان ئۆي بولۇپ قالىدۇ. قانچە ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمىسۇن، بىراق ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بالا ئوخشاش نەتىجىگە يېتەلمەي قېلىشى مۇمكىن. ئاساسىي بىلىم بەرىبىر ئانا تىللىق مەكتەپتە شەكىللىنىدۇ.»

رەسمىي مەتبۇئاتلاردا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كىرىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ھازىر ئۇلار مەملىكەتنىڭ يېتەكچى ئالىي مەكتەپلىرىدە بىلىم ئالماقتا.