قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئاسىيا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدە چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ يورىتىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى خۇشال قىلماقتا. ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىپ، رىغبەتلەندۈرۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى.
بىز بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى قولداش شەمشىدىنوف ئەپەندىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ ھەر ساھەلىرىدە، مەيلى مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقىلار بولسۇن، چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. شەخسەن ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا خۇشال قىلىۋاتقان نەرسە شۇكى، بىزنىڭ ياشلىرىمىز تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدە چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستان خەلقىنى خۇشال قىلىۋاتقانلىقى ھەم قازاقىستان تۇغىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقانلىقىدۇر. قازاقىستان تەنھەرىكىتىنى دۇنياغا تونۇتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، تۇيغۇن ناسىروف، ھېمىت توختاخۇنوفقا ئوخشاش داڭلىق تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمىزمۇ ھازىر ئاز ئەمەس. مانا تۈنۈگۈنلا داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف ھەققىدە ياخشى خەۋەر ئالدۇق. ئۇ خىتاينىڭ خاڭجو شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىلىرىدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، مىس مېدالى بىلەن تەقدىرلەندى. بۇ، قازاقىستان مەملىكىتى ئۈچۈنمۇ چوڭ ئۇتۇق. نارىمان ئىلگىرىمۇ خەلقئارا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. بىز مۇشۇ يېقىندا بوكس ۋە ئۇشۇ-ساندا(چامباشچىلىق) دىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئەلەنۇر تۇرغانوۋا، ئەلىجان ئابلەھەتوۋ ۋە سۇخراب ئادىلوف قاتارلىق كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن مەغرۇرلىنىمىز».

ئىگىلىشىمىزچە، 25 ياشلىق نارىمان قۇربانوف گىمناستىكىنىڭ ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە بىر نەچچە قېتىم دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئۇيغۇر يىگىتى. ئۇ، 2018-يىلى كانادادا ئۆتكەن دۇنيا گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە «ياغاچ ئاتتا موللاق ئېتىش» ھەرىكىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە كۆرسىتىپ، خەلقئارا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەت شەكلىگە «قۇربانوفچە ھەرىكەت» دەپ نام بەرگەنىدى.
بىز شۇنىڭدەك قازاقىستاننىڭ تۈركىستان ۋىلايىتىگە قاراشلىق شاردارا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىزى ئەلەنۇر تۇرغانوۋانىڭ ترېنېرى، رېفېرى، بوكس ماھىرى زاكىر ئابدۇقادىروف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «11-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە شاردارا شەھىرىدە بوكس بويىچە چوڭ مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. بۇ چوڭ خەلقئارا مۇسابىقە دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا 250 بوكسچى كەلدى. ياشلارنىڭ، قىزلارنىڭ مۇسابىقىسى بولدى. ئۇنىڭغا ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە پۈتكۈل قازاقىستاننىڭ بوكسچىلىرى قاتناشتى. شۇ مۇسابىقىدە قىزىمىز ئەلەنۇر تۇرغانوۋا ئۈچ قېتىم يەكمۇ-يەك ئېلىشىپ ئۈچىلىسىدە يېڭىپ، چېمپىيون بولدى. ئەمدى بىز 21-ئۆكتەبىردە ئاستانا شەھىرىدە ئۆتىدىغان ئاسىيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىپ، چوڭ پىلانلارنى تۈزۈۋاتىمىز».
ئەلەنۇر تۇرغانوۋا 2006-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ داڭلىق تەنھەرىكەتچى ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەلەنۇر ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى بوكس بويىچە بىر قانچىلىغان خەلقئارا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىنىڭ غالىبى.
بىز يەنە ماكاۋ شەھىرىدە ئۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق قىزىلتۇغ يېزىسىدىكى تەنھەرىكەت كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى ئەلىجان ئابلەھەتوف ۋە «نىيەت» كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى سۇخراب ئادىلوفلارنىڭ ئاسىيا چېمپىيونلىرى ئاتالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.

بىز چامباشچىلىق بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى، 2007-يىلى تۇغۇلغان ئەلىجان ئەبلەھەتوف بىلەن ئالاقىلەشقىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ ترېنېر ۋە دادىسى ئەركىن شايېفنىڭ بۇنىڭغا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مېنى مۇشۇ تەنھەرىكەتكە يېتەكلىگەن مېنىڭ ترېنېرىم ۋە دادام. مېنىڭ چوڭ مۇسابىقەم 2019-يىلى 11يېشىمدا تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىدە بولدى. ئۇ يەردە مەن بىرىنچى ئورۇننى ئېلىپ، كۆك بايرىقىمىزنى كۆتۈردۈم. ئىككىنچى چوڭ مۇسابىقە 2022-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكەن ئارىلاش يەكمۇ-يەك مۇسابىقىسى بولدى. ئۇ يەردىمۇ بىرىنچى ئورۇننى ئالدىم. خىتايدا ئۆتكەن ئۇشۇ-ساندا بويىچە مۇسابىقىدە ئىرانلىقنى 2:0، خىتاينى 2:0، كورېيەلىكنى 2:0 ھېسابى بىلەن يېڭىۋالدىم. بۇ غەلىبەم ئۇشۇ-ساندا بويىچە ياشلار ئارىسىدا قازاقىستان تارىخىغا بىرىنچى قېتىم ئالتۇن مېدال ئېلىش بولۇپ ھېسابلاندى».
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن قىلىچۋاز رۇسلان قۇربانوف، چامباشچىلىق بويىچە ئالىيار قەمىردىنوف، جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە چېمپىيون نۇزۇگۇم ئىسلاموۋا ۋە باشقىلار ئاسىيا، خەلقئارا ۋە دۇنيا دەرىجىسىدىكى مۇسابىقىلەردە يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى خۇش قىلماقتا.