قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئاھالە ئارىسىدا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى توختاتماي كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەنى بولۇپمۇ مۇشۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدىن باشلانغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك پەۋقۇلئاددە ھالەت، كېيىنرەك كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنسىمۇ، ئەلنىڭ جاي-جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەھۋالى ناچار ۋە كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرنى، مەجرۇھ ۋە يېتىم بالىلارنى، تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەكككەنلەر ۋە باشقىلارنى مەنىۋىي ھەم ماددىي جەھەتتىن قوللاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
يېقىندىن بۇيان مۇنداق ئىشلارغا ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىمۇ ئاكتىپ ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بايانداي يېزىسىدا بولۇپ قايتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، بايانداي يېزىسى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەينى چاغلاردا بۇ يېزىدىن كۆپلىگەن ئاتاقلىق شەخسلەر يېتىلىپ چىققانىكەن. شۇلارنىڭ بىرى تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ يادىكارلىقى شۇ رايونغا ئورۇنلاشقانكەن. يېزىنىڭ چوڭ كوچىلىرنىڭ بىرى يەنە شۇ يازغۇچى نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن.
بىز بايانداي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى رېۋىزەم ئىدىلوۋا بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ مۇنداق دېدى: «1920-1930-يىللىرى يېزىدىكى بالىلار ئۆيدە ئوقۇغان. كونا باياندايدا موللاھاجى باينىڭ ياغاچتىن ياسالغان ئىككى قەۋەتلىك ئۆيىنى سوۋېت ھۆكۈمىتى مەكتەپ سۈپىتىدە بەرگەنىدى. 1975-يىلغىچە بايانداي مەكتىپىدە باشلانغۇچ سىنىپتا بالىلار بىلىم ئالغان. شۇ يىلى مەكتەپنىڭ كونا بىناسىنى يېزا تۇرغۇنلىرى بۇزۇپ، يېڭى ئۈچ بۆلمىلىك مەكتەپ سالىدۇ. يېڭى مەكتەپتە رۇس ۋە ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئالغان. كېيىن مەكتەپكە ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك بىلىم باشقارمىسى تەرىپىدىن ماددىي ياردەم كۆرسىتىلدى. جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر تەرىپىدىنمۇ ياردەم كۆرسىتىلىپ كەلمەكتە. جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، مېدىتسىنا پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەبەيدۇللام جاپپاروف ۋە باشقىلار 1-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش قوراللىرىنى ھەم ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلمىگە كومپيۇتېر تەقدىم قىلدى.»
رېۋىزەم ئىدىلوۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ 1-9-سىنىپلىرىدا 158 ئۇيغۇر بالىسى بىلىم ئالىدىكەن ۋە 28 مۇئەللىم ئىشلەيدىكەن. بايانداي يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە ئاكتىپلىرى مەكتەپكە داۋاملىق ماددىي ياردەم كۆرسىتىپ كەلمەكتىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەكتەپلەردىن تاشقىرى يەنە ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە ھەمدە مەجرۇھ بالىلارغىمۇ ماددىي ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتماقتىكەن.
شۇنداق ئىشلارنىڭ بىرى يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارمۇ زىچ ئولتۇراقلاشقان ناۋرۇزباي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قارغالى يېزىسىنىڭ يۇرت ئاكتىپلىرىنى بىرى ئۆمەرجان ئىسمايىلوف ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتنى بەختىيار ئىسمايىلوف رەھبەرلىكىدىكى ناۋرۇزباي ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئەنە شۇ ناۋرۇزباي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ مەركەز ۋە ھاكىمىيەت خادىملىرىنىڭ بىرلىشىپ، بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلىغان ھالدا 25 ئائىلىدىكى مەجرۇھ بالىلارغا 25 سېۋەت مېۋە-چىۋە سوغا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆمەرجان ئىسمايىلوف رايونلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يۈرگۈزگەن پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بەختىيار ئىسمايىلوف قاراغايلى يېزىسىدا بىرىنچى رەئىس بولغان ھوشۇرباقىيېف كېۋىرگە كوچا نامىنى بېرىپ، مۇزېي ئاچقان. شۇنداقلا ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىغىمۇ كوچا بېرىلدى. مەكتەپتە ئۇيغۇر سىنىپى ۋە بالىلار باغچىسىغا ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىمۇ ئاچتۇق. بىراق مۇئەللىملەرنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى بىلەن بۇ سىنىپلار يېپىلدى. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا ياشلار مەشرەپلەرنى ئۇيۇشتۇردى. مەدەنىيەت مەركىزى ئارىس ۋەقەسى، يېزىمىزدىكى سۇ تاشقىنلىرى، قىيىنچىلىقلاردا قالغان ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ بالىلارغا قول ئۇچىنى بېرىشتە نۇرغۇن ئىشلارنى ئاتقۇرماقتا.»
ئۆمەرجان ئىسمايىلوف يەنە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كورونا ۋىرۇسى باشلانغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ساقچىلارغا، مېدىتسىنا ۋە ھاكىمىيەت خادىملىرىغا بىر نەچچە قېتىم ئىسسىق تاماق تارقاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا گېزىت-ژورناللارغا مۇشتەرى توپلاش، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى تارقىتىشتا ۋە باشقىمۇ ئىشلاردا مەركەزنىڭ ئالاھىدە ئاكتىپلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن يەنە ئىگىلىشىمىزچە، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئانىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلجاھان مۇراتوۋا يۇرت ئارىسىدىكى خەيرىخاھلىق ئىشلىرى بىلەن ئالاھىدە تونۇلغانكەن. يېقىندا ئۇ ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بىر قاتار ناھىيەلىرىدە ياشاۋاتقان كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە تۇرۇشلۇق ئۆي ھەدىيە قىلغان. ئۆتكەن يىلى ئۇ ئۇيغۇر ناھىيەسىدە 150 ئائىلىگە، ياركەنت تەۋەسىدە 180 ئائىلىگە ئۇن، ماي، چاي، گۈرۈچ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن ياردەم بەرگەن. شۇنداقلا تالغىر ناھىيەسىنىڭ گۈلدالا يېزىسىدا ئۆي-ماكانسىز قالغان بەش ئائىلىگە ئۆي ئاچقۇچىنى تاپشۇرغان.
0:00 / 0:00