ھاياتىنى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئالىمە رىسالەت كەرىموۋاغا ھۆرمەت كۆرسىتىلدى

0:00 / 0:00

28-ئۆكتەبىردە ئالمۇتادا قازاقىستاننىڭ ئىلىم ۋە ئالىي بىلىم مىنىستىرلىقى، رامىزان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئەقل-پاراسەت تارىخى كونتېكىستىدىكى تۈركىي ئويغىنىشى» ماۋزۇسىدا خەلقارا ئىلمىي-ئەمەلىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تونۇلغان تارىخچى-ئېتنوگراف، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋانىڭ 70 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلاندى. مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا، تۈركىيە ئالىملىرى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.

يىغىنغا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور سۋېتلانا كوجىروۋا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي، مەدەنىي يۆنىلىشلىرىدىكى تەرەققىياتى، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ۋە دۇنيا قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ھاياتىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان چوڭ مەملىكەت، ھەتتا دۇنيا دائىرىسىدە چوڭ ۋەقە بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ باشقىمۇ مىللەت ئالىملىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ سىناق ۋە تەجرىبە مەركىزى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۋېتلانا كوجىروۋا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى، رىسالەت كەرىموۋانىڭ شۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ دۇنياغا تونۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رىسالەت كېرىموۋاغا بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش، رىسالەت كېرىموۋا خانىم يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 28-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا، قازاقىستان.
رىسالەت كېرىموۋاغا بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش، رىسالەت كېرىموۋا خانىم يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 28-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا، قازاقىستان.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كىرىشمە قىسمىدا دەسلەپ سۆزگە چىققان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇدىرى مەسىمخان ئوغلى دۈكېننىڭ ئىلمىي ئىشلار بويىچە ئورۇنباسارى غالىمجان دۈيسېنوف رىسالەت كەرىموۋانىڭ قازاقىستان ئىلىمىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇ ئالىمەنىڭ ئەمگىكىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇناسىپ باھالىنىپ، ئۇنىڭغا «قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى» ئاتىغىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇ يەنە ئالىمەنىڭ پەقەت ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شەرقشۇناسلىق ئىلمى دائىرىسىدىمۇ قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن مەزكۇر ئىنستىتۇت تەسىس قىلغان «شەرقشۇناسلىق ئىلىمىغا قوشقان سالماقلىق تۆھپىسى ئۈچۈن» مېدالىنى تاپشۇردى.

يىغىننىڭ تەنتەنىلىك قىسمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان خەلقى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسمەتوف رىسالەت كەرىموۋاغا گېزىت ۋە مەركەز نامىدىن تەبرىكنامىلەرنى تاپشۇردى. ئۇ شۇنىڭدەك رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە جەمئىيەتلىك ئىشلارغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭغا «غەمخور» مېدالىنى تاپشۇردى. يىغىندا تەبرىك سۆزى بىلەن مۇنبەرگە چىققان «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف تەۋەللۇت ئىگىسىگە «تەشەككۈرنامە» تاپشۇردى. ئۆزبېكىستانلىق ئالىم، ئىجتىمائىي پەنلەر دوكتورى، پروفېسسور ئابدۇلەھەت قاھاروف، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «رايونشۇناسلىق ۋە خەلقارا مۇناسىۋەتلەر» بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تولېن مۇراتبېكۇلى ئالىمەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى تۆھپىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. تور ئارقىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمىيەتلىك بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەرجان باۋدۇنوف پۈتكۈل قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن رىسالەت كەرىموۋانى سەمىمىي تەبرىكلىدى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك قىسمىدا شۇنداقلا ئاكادېمىك، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى كلارا خافىزوۋا «چىن ئىمپېرىيەسى باتۇرلىرىنىڭ ئىنستىتۇتى ۋە ئاتاقلىرى»، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شايىرەم باراتوۋا «ئىبرەتلىك پەزىلەت ئىگىسى»، رىسالەت كەرىموۋا «مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئەقل-پاراسەت تارىخى كونتېكستىدىكى تۈركىي ئويغىنىش لايىھەسى: تەتقىقات ۋەزىپىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى» ماۋزۇلىرىدا دوكلات قىلدى.

رىسالەت كېرىموۋاغا بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش، رىسالەت خانىمغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى. 2022-يىلى 28-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا، قازاقىستان.
رىسالەت كېرىموۋاغا بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش، رىسالەت خانىمغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى. 2022-يىلى 28-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا، قازاقىستان.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «رىسالەت كەرىموۋا ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدىن چىققان كۆرىنەرلىك ئالىمە. ئۇ ئۇزاق يىللار ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنى باشقۇرۇپ كەلدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەم ئۇيغۇرشۇناسلىقنى راۋاجلاندۇردى. ئىككىنچىدىن، ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئويغىنىش دەۋرىنى قايتىدىن تەتقىق قىلىش لايىھەسىنى ئىشلىدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭمۇ ئۈلۈشى ناھايىتى زور. خۇشال بولىدىغان يېرى مۇشۇ.»

ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى خالمىنەم مەسىموۋا مۇنداق دېدى: «رىسالەت كەرىموۋا ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى باشقۇرغان تىلشۇناس ئالىم، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم كوممۇنار تالىپوفنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. رىسالەت كەرىموۋا يۇقىرىدا ئاتالغان ئالىملىرىمىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ۋارىسى بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنى مانا ئون بەش يىل مابەينىدە باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. رىسالەت ھەدە ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان مۇھەببىتى، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا بىپەرۋا قارىمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئالىمە.»

ئالىمە ھۆرمىتىگە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق دوكلاتلارمۇ قىلىندى. بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سەيپۇللا ئابدۇللايېف، ھازىر ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئېتنوگراف، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى داريا كان، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا ۋە باشقىلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى ئېيتتى.

رىسالەت كەرىموۋانىڭ تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان بۇ يىغىندا يەنە «مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئەقل-پاراسەت تارىخى كونتېكىستىدىكى تۈركىي ئويغىنىشى (10-16-ئەسىرلەر)» كوللېكتىپلىق مونوگرافىيەسى، شۇنىڭدەك تەۋەللۇت ئىگىسىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرى مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىي جەريانلىرىدا» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئەمگەكلەر كۆپچىلىكتە ئالاھىدە قىزىقىش پەيدا قىلدى.