قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە خەلقئارا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«كاراتې»، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، «ۋۇشۇ-ساندا»، يەنى چامباشچىلىق، «خوككېي»، يەنى مۇز توپ ئويۇنى، پۇتبول، گىمناستىكا، يەكمۇ-يەك مۇشتلىشىش، «كىكبوكسىڭ»، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش ھەمدە باشقىلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بوكس شۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاممىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر بۇ تۈردىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
6-دېكابىردا جەنۇبىي قازاقىستاندىكى چىمكەنت شەھىرىدە كەسپىي بوكس بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. مۇسابىقىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ، يەنى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشقان قازاقىستانلىق كوماندا تەركىبىدە ئۇيغۇر يىگىتى شايىم ئېلىجانوفمۇ بار بولۇپ، ئۇ 66 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولدى.
بىز ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتورۇق يېزىسىدا ياشاۋاتقان شايىم ئېلىجانوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى توغرىلىق مۇنداق دېدى: «مەن 3-سىنىپتىن باشلاپ بوكسقا باردىم. نۇرئەخمەت رازىيېف مېنىڭ بىرىنچى ترېنېرىم بولىدۇ. شۇنىڭ قولىدا تەربىيەلەندىم. مەن گولوفكىن، ئېلىجانوف ۋە باشقىمۇ ئولىمپىك چېمپىيونلارغا ھەۋەس قىلاتتىم، ئۇلارغا قاراپ قىزىقىشىم تېخىمۇ كۈچەيدى. مەن كۆپلىگەن ناھىيەلىك، جۇمھۇرىيەتلىك، خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونى بولدۇم. كەسپىي بوكس بىر ئاز قىيىنراق بولىدۇ. چىمكەنتتە بىرىنچى بولدۇم. خۇشال بولۇشقا تېخى ئەتىگەن، ئالدىمدا يەنە يەكمۇئىيەك ئېلىشىشلىرىم بار.»
شايىم ئېلىجانوف كېلەچەكتە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، بۇنىڭدىنمۇ چوڭراق ئۇتۇقلارغا ئېرىشىش ئارمىنىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر بوكسچىلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەم شۇنداقلا قازاقىستاندىكى كەسپىي بوكسچى دىلمۇرات مىجىتوفنى ئۈلگە تۇتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئۆز ترېنېرلىرى نۇرئەخمەت رازىيېف، ھېمىت توختاخۇنوف، رومان سەيدۇللايېف ۋە باشقىلارغا چوڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
شايىم كامىل ئوغلى ئېلىجانوف 1992-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قاراتورۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىن تەنھەرىكەتنىڭ بوكس تۈرىگە قىزىقىپ، تۇنجى قېتىم ئەنە شۇ قاراتورۇق يېزىسىنىڭ ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بوكس كۇلۇبىغا بارغان. ئۇ بىر نەچچە يىل داۋامىدا بوكس ماھىرى نۇرئەخمەت رازىيېفنىڭ قولىدا مەشىقلىنىپ، كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. ئاندىن ئالمۇتا شەھىرىدە تېببىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۈچ يىل مابەينىدە تەنھەرىكەت ئوقۇتقۇچىسى دوسىم ديۇسېنبايېفنىڭ قولىدا مەشىقلەنگەن. كېيىنكى يىللىرى ئۇ تەنھەرىكەت ماھىرى، «فرى سپاررىڭ» كۇلۇبىنىڭ باش ترېنېرى ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ قولىدا تەربىيىلەندى. شايىم ئېلىجانوف مۇشۇ يىلى تۈركىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتتى. كېيىنىرەك ئۇ چىمكەنت شەھىرىدە رومان سەيدۇللايېف يېتەكچىلىكىدە مەشىقلىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرغان ئىدى. سېنتەبىر ئېيىدا چىمكەنت شەھەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «ئوچۇق سۆھبەت» پروگراممىسى ئۇنى سۆھبەتكە چاقىرغان. ئۇنىڭ ترېنېرى رومان سەيدۇللايېف ۋە كەسىپداشلىرى ياش بوكسچىنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ چوقۇم قازاقىستان تۇغىنى خەلقئارادا لەپىلدىتىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغان ئىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شايىمنىڭ ئانىسى، ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى سابىرەم شەمىيېۋا مۇنداق دېدى: «شايىم ئائىلىمىزنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى. شايىم 8 يېشىدىن بوكسقا قىزىقىپ، قاراتورۇق مەھەللىسىدە بوكس كۇلۇبى ئېچىلغاندىن كېيىن بېرىشقا باشلىدى. مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ناھىيەلىك، ئوبلاستلىق، جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ھەر قاچان بىرىنچى ئورۇننى ئالساملا دەپ يۈرەتتى. بىراق بارغان يېرىدىن ئۇ مېدالسىز قايتىپ كەلمەيتتى. ئۇ ياز بويى چىمكەنتتە مەشىق بىلەن شوغۇللاندى ۋە 6-دېكابىردا ئۆزىنىڭ بىرىنچى بەلۋېغىنى ئېلىپ كەلدى.»
سابىرەم شەمىيېۋا قاراتورۇقتىن 30 ئەتراپىدا بوكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ چىمكەنت شەھىرىگە بېرىپ، شايىمنى ھەرتەرەپتىن قوللاپ، ئۇنى روھلاندۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر ئائىلە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇتۇقى ۋە خۇشاللىقى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
شايىم ئېلىجانوفنىڭ بىرىنچى ترېنېرى نۇرئەخمەت رازىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، شايىم ئېلىجانوف بوكس بىلەن شوغۇللانغان دەسلەپكى ۋاقتىدىن باشلاپلا ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېلىجانوف شايىم ناھىيەلىك، ئوبلاستلىق، خەلقئارا مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇپ يۈرگەن. ئۇ 10-سىنىپنى پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئالمۇتاغا بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھېمىت توختاخۇنوف، ساغاتبېك مۇساخانوفتا مەشىقلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاندىن تۈركىيەدە بولۇپ، ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چىمكەنتتە بەلۋاغنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا رېنات قۇربانوف كىكبوكسىڭ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ئورۇن ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى رازىيېف نائىل، مەرۈپوف رۇسلان، ئىسراپۇل ئىسلام، مۇخپۇلوف زۇليار قاتارلىق بالىلىرىم چېمپىيون بولدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر نۇرئەخمەت رازىيېفنىڭ قول ئاستىدا 30 غا يېقىن بالا بوكس بويىچە مەشىقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئۆسۈپ كېلىۋاتقان ھەمدە كېلەچىكىدىن زور ئۈمىد كۈتۈلۈۋاتقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ بولۇپ، مەسىلەن، شاھناز تاھىروۋا ئالمۇتا شەھىرى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، ھازىر جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىگە تەييارلانماقتىكەن.
0:00 / 0:00