قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي-مەدەنىيەت مەركىزى يىللىق ھېسابات بەردى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالمۇتادا ئورۇنلاشقان دوستلۇق ئۆيىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يىللىق ھېسابات بەردى. ئۇنىڭغا مەملىكەتنىڭ ھەر ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ 300 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

يىغىننى مەزكۇر مەركەز رەئىسى، قازاقىستان مىللىي قۇرۇلتىيى ۋە قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف كىرىش سۆز بىلەن ئاچتى. ئۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرىنىڭ، مىللىي كەسپىي تىياتىرىنىڭ، گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ، نەشرىياتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يارىتىلىۋاتقان مەزكۇر مۇمكىنچىلىكلەردىن توغرا پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى. شاھىمەردان نۇرۇموف شۇنداقتىمۇ مەزكۇر قەدرىيەتلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەشۋىقات-تەرغىبات ئىشلىرىنىڭ توختىماي يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بولۇپمۇ ياشلارنى قازاقىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي روھتا تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا مەركەز رەئىسى يىللىق ھېسابات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەركەز بىر يىل ئىچىدە ھەر خىل مەزمۇندا 86 پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. جۈملىدىن 41 خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭغا ئومۇمەن 150 مىليون تەڭگە سەرپ قىلىنغان. شۇنىڭدەك 14 خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 12 تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، سەنئىتىگە، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن، كىتابلار نەشر قىلىنغان. مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىش-پائالىيىتى توغرىلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە 150 كە يېقىن ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى كېڭەيتىلگەن يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى دېكابىر، ئالمۇتا.

دوستلۇق ئۆيىدە ئۆتكەن يىغىندا 200 دىن ئوشۇق جەمئىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئاكتىپلىرى مەركەز تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ساخاۋەت»، «ساخاۋەت تەن-ھەرىكەت»، «غەمخور»، «كۆيۈمچان»، «مېھرىبان ئانا» مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەندى.

يىغىن ئاخىرىدا جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالىي كېڭىشى يىگىتباشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، «مېتالل پروم گرۇپ» شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل سايلاندى. مەركەزنىڭ ئىلگىرىكى مۇئاۋىن باشلىقى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى رۇستەم خەيرىيېف بولسا، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ سايلاندى. يىغىندا شۇنداقلا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبىلىرىنىڭ رەئىسلىرى سايلاندى.

ئالمۇتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيەسى قىزىل غەيرەت يېزىسى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى گۈلبانۇم باقىيېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئوتتۇز يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتلىق تارىخقا ئىگە بۇ تەشكىلات جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر خىل ساھەلىرى بويىچە كۆپلىگەن ئىشلارنى يۈرگۈزدى. ھازىر مەركەز قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى تەركىبىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابات يىغىنىدا بۇ ھەقتە ئۇنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف تولۇق مەلۇمات بەردى. ھەقىقەتەنمۇ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى بۇ يىلمۇ ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقىنى نامايان قىلدى ھەم بۇ ھۆكۈمەت دەرىجىسىدە ئېتىراپ قىلىندى. مەركەز قازاقىستاندىكى باشقىمۇ مىللىي مەركەزلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ئىشلەۋاتقان مەركەزلەر قاتارىغا كىردى. مەيلى مەدەنىيەت، سەنئەت، مەيلى مەتبۇئات، مائارىپ ۋە باشقىمۇ ساھەلەر بولسۇن، ئۇ تىلغا ئالارلىق ئىشلارنى ئاتقۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەنە شۇ ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشتا ئاكتىپلىق كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلاندى. بىزنى خۇشال قىلارلىق نەرسە شۇ بولدىكى، مۇكاپاتلانغانلار ئارىسىدا ھەممىمىز قەدىرلەيدىغان سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف ۋە قۇرۇلتاينىڭ قازاقىستاندىكى ياش ۋەكىلى ئىلشات ئىمىنوفلار مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باش مۇكاپىتى ‹ساخاۋەت› مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇنى مەن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بىلدۈرگەن چوڭ ھۆرمىتىنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىمەن. شۇنى ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، مەركەز يېنىدىكى يىگىتباشلىرى، خانىم-قىزلار، ئالىملار ۋە باشقىمۇ كېڭەش ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى يۈرگۈزۈۋاتقان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ».

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى كېڭەيتىلگەن يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى دېكابىر، ئالمۇتا.

ئەدەبىياتشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مەزكۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان كوممۇنار تالىپوف، ئەنۋەر ھاجىيېف، ساۋۇت موللاۋۇتوف، شەيمەردان شەرىپوفقا ئوخشاش ئالىملارنىڭ، ئىلىيا بەختىيا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇڭلۇق باقىيېف قاتارلىق شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تەۋەللۇتلىرىغا بېغىشلانغان يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلىنى، مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى، مەتبۇئاتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىشتا خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ مەركەز يېنىدا ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا تەشكىللەنگەن ‹ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرگە ھەمكارلىشىش ئانالىتىكىلىق مەركىزى›نىڭ يۈرگۈزگەن ئىشلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگۈم كېلىدۇ. ھازىر كۈن تەرتىپتىن چۈشمەي كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى-بۇ ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشتۇر. بۇ جەھەتتە مەزكۇر مەركەز تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئىشلار ئاتقۇرۇلدى. بۇ مەركەز جاي-جايلاردىكى بىلىم بۆلۈملىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئىشلىدى. يەنى مەكتەپلىرىمىزگە يېتىشمەيۋاتقان ئوقۇش قوراللىرىنى يەتكۈزۈشتە، مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىي تەجرىبىسىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىنى كۆتۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كىرىشىدە كۆپلىگەن ئەمەلىي ئىشلارنى ئاتقۇردى. بۇ يىلى مەزكۇر ئانالىتىكىلىق مەركەز ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىز ئالدىدا تۇرغان جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قازاقىستان بىلىم مىنىستىرلىقى نامىغا رەسمىي خەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. شۇنداقلا ناھىيەلەردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ، مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئوچۇقىنى ئېيتىش كېرەككى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت مەركىزى رەھبەرلىكىنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى».

ئىگىلىشىمىزچە، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ۋە شۇنداقلا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان بىردىن-بىر تەشكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئەينى ۋاقىتلاردا مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف باشقۇرغان. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭغا يازغۇچى تۇرغان توختەموف، تىجارەتچى ئەخمەتجان شەردىنوفلار رەھبەرلىك قىلغان. ھازىر مەزكۇر مەركەزنىڭ قازاقىستاننىڭ ئاستانا، چىمكەنت، پاۋلودار، جامبۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەركەزنىڭ چوڭ خىزمەتلىرىنىڭ بىرى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر.